تەۋسىيە
خەۋەرلەر |
|
ۋېن جىياباۋ ياپۇنىي.. | ياپونىيەدىكى ئۆسمۈ.. | ئەزەل يەنى كەنان ئى.. | تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەر.. | 2011-يىللىق قۇربان ھې.. | ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئە.. | لوناردىنخو ياۋرۇپا.. | ئەنگىليە توپچسى بېك.. | |
|
|
كېلەر يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىدىكى ئوبامانىڭ ئايال رەقىبى - باكمان |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرى، ئامېرىكا يەرلىك ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، سىرى پالىن (Sarah Palin) يەنىلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن زۇڭتۇڭ نامزاتى بولۇپ قالغان. شۇ كۈنى، ئالياسكا شتاتىنىڭ ئالدىنقى بىر نۆۋەتلىك شتات باشلىقى، 2008-يىللىق ئامېرىكا چوڭ سايلىمىنىڭ مۇئاۋىن نامزاتى بولسا سىرى پالىن پارتىيە ئىچىدىكى ھەمجىنىسلارنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى. يېڭى خامپىشىر شتاتىدا تۇنخ مەيدان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زۇڭتۇڭ سايلام رىقابىتى ئالدىن تاللاش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. سىرى پالىن مەزكۇر يىغىنغا قاتناشمىغان. «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدىكى كۆز قاراشلارغا ئاساسلانغاندا، ئايال پارلامېنت ئەزاسى باكمان ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىزىشىپ قالغانىكەن. باكمان بۇ يىل 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، نىيو يوركتا «دەۋر» ژۇرنىلى باھالىغان ئەڭ زور تەسىر كۈچكە ئىگە 100 شەخسنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
كاتتىن رېگانغىچە
زۇڭتۇڭ كات يۈرگۈزگەن سىياسەت باكماننى ناھايىتى ئەپسۇسلاندۇرغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە كاتنىڭ بالا چۈشۈرۈشنى قانۇن چىقىرىش تەرتىپى ئۇيغۇن دەپ قارىشى، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە مۇنداق دېيىلدى:«بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرۇش بولسا باكماننىڭ ماركىسى، ئەمەلىيەتتە بالا چۈشۈرۈش ئىنسان تەبىئىتىگە يات قىلمىش». ئۇ 20 ياشقا كىرگەن يىلى ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوغۇل دوستى بىلەن كېيىنكى ئېرى ماكوس رەھبەرلىكىدىكى ئىجتىمائىي پائالىيەتكە قاتناشقانىكەن. بۇ ئىككىيلەن فرانكېس ئادمىس كېفېرنىڭ خرىستىئان دىنى خاتىرىسى «بىز قانداق ياشىشىمىز كېرەك» نىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچراپ، «ئۆز ھايات پائالىيىتى» گە قاتناشقان. بۇ تۈرلۈك پائالىيەت ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئەڭ كەڭ تارقالغان ئىدىۋى ئېقىم بولۇپ، ئاساسلىقى بۇ پائالىيەتكە دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە چېكىدىن ئاشقان مۇتەئەسسىپ كىشىلەر رەھبەرلىك قىلغان ۋە قاتنىشىپ، بالا چۈشۈرۈشكە قارشى تۇرغانىدى. باكمان بۇ ھەرىكەتنىڭ كەڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن ھەرقايسى دوختۇرخانىلار ۋە شىپاخانىلارنىڭ سىرتىدا تىلاۋەت قىلىش ۋە قارشى تۇرۇش پائالىيەتلىرى شۇغۇللانغانىدى. باكمان بىلەن ماكوس توي قىلغاندىن كېيىن، ئۇ بىر خرىستىئان دىنى مەسلىھەت ئورگىنى تەسىس قىلىپ، بۇ خىلدىكى ئىدىيىلەرنى كەڭ تارقاتقان. 1976-يىلى دېموكراتىك پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى جىم كات زۇڭتۇڭ رىقابەت سايلىمىغا قاتنىشىدۇ. ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە كىرگەن باكمان سىياسىيغا ئوتتەك قىزىققاچقا، كاتنىڭ سايلام پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئەمما كاتنىڭ زۇڭتۇڭ بولغاندىن كېيىن يۈرگۈزگەن سىياسىتى باكماننى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ يۈرگۈزگەن سىياسەتلەر ئىچىدە بالا چۈشۈرۈشنى قانۇن چىقىرىش تەرتىپى ئۇيغۇن دەپ قاراش، باكماننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغانىدى. 1980-يىلىدىكى ئامېرىكا زوڭ سايلىمىدا باكمان بىر ئۆرۈلۈپلا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى رېگاننى قوللايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ ھەقىقىي بىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئادىمىگە ئايلىنىدۇ. 2001-يىلىدىن 2007-يىلىغىچە، باكمان ئىككى قارار مىننېسوتا شتاتلىق فېدېراتسىيە ئالىي پالاتا ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. 2007-يىلىدىن باشلاپ ئۇ فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىقىغا سايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم مىننېسوتا شتاتىدىن پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىغا كىرگەن ئايال جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيە ئەزاسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن بەش بالىنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشقان
مىننېسوتا شتاتىنىڭ ئانوكا رايوندىكى «ئەڭ گۈزەل ئايال» تاللاش باھالىشىدا، باكمان ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەنىدى. بالا چۈشۈرۈشكە قارشى باكمان ئېرى ماكوس بىلەن بەش بالا بېقىۋالغانىدى. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ئۇلار تەربىيىلەۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 20 دىن ئارتۇق ئىدى. 1956-يىلى باكمان لوۋا شتاتىنىڭ ۋاتېرلۇدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نورۋېگىيە كۆچمىنى بولۇپ، ئۇلار رۇد مەزھىپىگە ئىشىنىدىغان دېموكراتىك پارتىيە ئەزالىرى ئىكەن. باكمان بالىلىق ۋاقتىدىلا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئايرىلىپ تۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ ئاپىسى بىلەن بىرلىكتە مىننېسوتا شتاتىغا يۆتكىلىپ كېلىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سىياسىي كاتتىۋاشلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى باكماننىڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش ھاياتىنىڭ مۇھىم قىسمى مىننېسوتا شتاتىدا ئۆتكەن. ئۇ خاۋراد، يالې قاتارلىق ئامېرىكىدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارغا كىرىپ ئوقۇمىغان. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئائىلە ۋە دىننىڭ تەسىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ چېركاۋ ئاچقان ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇغان ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئەڭ قەدىمىي قانۇن ئىنستىتۇتىغا كىرىپ، باج قانۇنىنى ئۆگەنگەن. 1988-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە، باكمان ئامېرىكا دۆلەتلىك باج ئىدارىسىنىڭ بىر ئادۋوكاتى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئۇ ئائىلە ئايالى بولۇپ، بىر مەزگىللىك ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشنى باشلىغان. ياش ۋاقتىدا باكمان ئاكتىپلىق بىلەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشقان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ ئۇنىڭ كېيىنكى سىياسىي ھاياتىنىڭ ئاساسى ئىكەن.
«چاي پارتىيىسى ئايال پادىشاھى» دەپ نام ئېلىش
2010-يىلى 7-ئايدا، باكمان فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ «چاي پارتىيە-گۇرۇھى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، مەزكۇر پارتىيە-گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشىغا ئايلانغان. باكمان فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ۋال سترېت كوچىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئېغىر خەۋپ ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى كىچىك بوز ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ۋال سترېت كوچىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قۇتقۇزۇۋېلىش خىزمەت كۈنتەرتىپىگە قويۇلغان. ئەمما، باكمان دۆلەتنىڭ ۋال سترېت كوچىسىغا تەمىنلەپ بەرگەن ياردىمىدىن رازى بولمىغان. دېموكراتلار پارتىيەسىدىكى ئوباما ئاق سارايغا كىرگەندىن كېيىن، باكمان ئوباما يولغا قويغان پۇل مۇئامىلىسى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كاپىتالىزمنىڭ ئەركىن ئىقتىساد پرىنسىپىغا يات بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەنقىدلىگەن. ئۇ يەنە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا ئوبامانىڭ ئىقتىسادىي پىلانىنى تەنقىدلەپ، ئامېرىكا جەزمەن زور دەرىجىدە ئىقتىسادىي قىزىل رەقەمنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك، دېگەن. ئۇ ئۆزى ئۆگەنگەن باج قانۇنىغا تايىنىپ، ئوبامانىڭ باج سېلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىغا قاتتىق قارشى تۇرغان. 2009-يىلى 2-ئايدا، ئوباما ھۆكۈمىتىگە زەربە بېرىدىغان سىرى پىلان بىر چېچىلاڭغۇ كوللېكتىپ «چاي پارتىيىسى» نى قۇرۇپ چىققان. باكمان بۇنى بار كۈچى بىلەن قوللىغان. 2010-يىلى 7-ئايدا، باكمان فېدېراتسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ «چاي پارتىيە-گۇرۇھى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، مەزكۇر پارتىيە-گۇرۇھنىڭ كاتتىۋېشىغا ئايلانغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ «چاي پارتىيىسى ئايال پادىشاھى» دەپ نام ئالغان.
بىر قىسىم ئۆسەك سۆزلەر گۇمان قوزغىغان
پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىقلىمنىڭ دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا گەپ بولۇۋاتقان مەزگىلدە، باكمان «دۇنيانىڭ ئىسسىپ كېتىشى بىر مەيدان سەپسەتىدىن ئىبارەت» دېگەن. بىر قىسىم تەقرىزچىلەر مۇنداق دېگەن:« باكمان گەرچە ناھايىتى قىزغىن ھاياتىي كۈچكە تولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى ئىپادىسى تەنتەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق. گەرچە ئۇنىڭ پارلامېنتتىكى تەجرىبىسى مول بولسىمۇ، ئەمما ئەمما ئۇنىڭ كۆزگە كۆرۈنگۈدەك قانۇن تۇرغۇزغان خاتىرىسى يوق دېيەرلىك». بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«باكمان قەتئىي خاراكتېر ۋە مۇتەئەسسىپ دىنىي ئىدىيە مەيدانىغا ئىگە. ھەتتا پارتىيە ئىچىدىكى بەزى خىزمەتداشلىرىنى ئۇنى ماس كەلمەيدىغاندەك ئويلاپ قالغان. شۇڭلاشقا باكماننىڭ پارتىيە ئىچىدە ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتى ناھايىتى كىچىك. مىننېسوتا شتاتلىق كارتون ئىنستىتۇتىنىڭ سىياسىي ئانالىزچىسى كيلېي ستېپنېس مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى زور تەسىرگە ئىگە جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تېخىچە تاشقى دۇنياغا ئاشكارىلاپ باقمىدى». مەنبە: news.xinhuanet.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-19 13:18:52 ئۇقۇلۇشى: 414 قېتىم] |
|
|
|
|
| | بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز ! |
ھىندىستاندا يېڭى.. | ۋېن جىياباۋ ياپۇ.. | توپ مەستانىلىرى .. | مىليونىر رادىل ئ.. | جاڭ چۇنشيەن مۇسۇ.. | داڭلىق مۇزىكانت .. | ۋىيتنام جېڭىدە چ.. | ئاق كىتنىڭ ئوينى.. | خەۋپسىزلىك كېڭىش.. | ئامېرىكا خامچوت .. | ئامېرىكا بومبىدى.. | پارىژ لىرمان كۇل.. |
|
|
|
شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى (2010 - 5 -
17)
, ئالاقىلىشىش
تىلىفۇنى : 13139663453
, 新ICP备10001556号 |
|