ئىران ھەرقايسى دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرىگە يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋەتتى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تېھران 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىھى مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى تېھراندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىران بارلىق چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىگە يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئېچىۋەتتى». سالىھى ئىران زۇڭتۇڭى نىجات ئەھمەد بىلەن قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانىدە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندىن كېيىن، 15- چېسلا تېھرانغا قايتقان. ئۇ ماھى ئاباد ئايرودرومىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دېگەن:«ئىران ھازىرغىچە كۆپ قېتىم چەتئەل مۇتەخەسسلىرىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو ۋە گېرمانىيە مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى». ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:«ئىران دۇنيادىكى يادرو پائالىيىتى ئەڭ يارقىن بولۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، بارلىق يادرو پائالىيىتىمىز خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنىڭ نازارىتى ۋە تەكشۈرۈشى ئاستىدا بولىدۇ». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىران ئاللىبۇرۇن ئالتە دۆلەت بىلەن قايتا سۆھبەتلىشىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى». ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:«ئىران خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيىسى ئورگىنى بىلەن ئىزچىل تۈردە ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلدى. بۇ ئىران يادرو پىلانىنىڭ تىنچلىق خاراكتېرگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان مۇھىم ئاساستۇر».ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نىجات ئەھمەد رۇسىيە زۇڭتۇڭىغا ئىراننىڭ ئالتە دۆلەت سۆھبىتىنى قايتا ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىران دۆلەت ئەمەلدارى يېقىنقى كۈنلەردە ئارقا-ئارقىدىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«ئىران ھەر ۋاقىت ئالتە دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىپ بولدى. سالىھى مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى تېھراندا ئېچىلغان ئىككىنچى نۆۋەتلىك يادرو ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى قىسقارتىش خەلقئارالىق يېغىن مەزگىلىدە شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:«پەقەت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەييارلىقى پۈتكەن بولسىلا، ئىراننىڭ خالىغان ۋاقىتتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق پۈتۈن بولدى». نىجات ئەھمەد مۇنداق دېدى:«ئىران ئىزچىل تۈردە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە چۈشىنىش ئاساسىدا يادرو سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىق قىلىپ كەلدى. غەرب دۆلەتلىرى ئىران بىلەن قارشىلىشىشقا ئەمەس بەلكى ھەمكارلىشىشقا موھتاج». ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئىران ئۇرۇن قويۇلدۇرۇش پائالىيىتىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ، ئىراننىڭ ‹يادرو پويىزى› ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، ھەم ئۇ توسۇلۇپ قالمايدۇ. ئىران يادرو پىلانىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ». ئىراننىڭ ئالتە دۆلەت بىلەن بولغان ئەڭ يېقىنقى سۆھبىتى بۇ يىل 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇلدا ئاياغلاشقانىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى نېگىزلىك ئىختىلاپلىرى سەۋەبلىك سۆھبەت ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. ياۋروپا دېپلوماتىيەسى ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى ئاشتون مەزكۇر سۆھبەتنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياغلاشقانلىقىنى ئىرانغا دۆڭگەپ قويغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالتە دۆلەتمۇ ئىران ئۆزىنىڭ يادرو ئېنېرگىيىسى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ، يەنىلا سۆھبەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىۋاتىدۇ، دەپ قاراشقانىدى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-17 15:32:00 ئۇقۇلۇشى: 293 قېتىم] |
|