ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ F-35 تىپلىق ئايروپىلاننى جۇڭگوغا بېرىشىدىن قورقىدىكەن |
ئامېرىكا مۇنازىرە ژورنىلى تورىنىڭ 14- ئىيۇندىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا يېتەكچىلىك قىلغان F-35 تىپلىق كۆرۈنمەس ئايروپىلان ياساش تۈرىگە قاتناشقان تۈركىيە بۇ ئايروپىلاننى سېتىۋېلىشنى بەك ئارزۇ قىلىدىكەن، ئوباما ھۆكۈمىتىمۇ بۇ تۈر سودىسىنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، لېكىن ئامېرىكىدىكى بەزى شەخسلەر جۇڭگو بىلەن مەخپىي ھەربىي مەسق ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيەنىڭ F-35 تىپلىق كۆرۈنمەس ئايروپىلاننى جۇڭگوغا ئۆتۈنۈپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، تۈركىيە زۇڭلىسى Erdogan يەنە بىر قېتىم زۇڭلى بولۇپ سايلانغان بولۇپ يەنە 4 يىل زۇڭلى بولىدىكەن، بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى سايلام دېموكراتىيەنىڭ غەلىبىسى بولۇپ، ئەگەر باشقا پارتىيەلەرنىڭ قوللىشى بولمىسا، ھاكىمىيەتنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يىتەرلىك كۈچ بولماي قالىدىكەن. مۇسۇلمانلار بىخەتەرلىك ئەترىتىنى كونترول قىلىپ، ئەدلىيە ئورگىنىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان. ئەگەر Erdogan تۈركىيەنى زۇڭتۇڭ تۈزۈمىدىكى ھۆكۈمەتكە ئايلاندۇرسا( ئىلگىرى ئۇ ئۆزىنىڭمۇ مۇشۇنداق ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە Erdogan ئەڭ ياخشى زۇڭتۇڭ نامزاتى بولالايدىكەن) تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ھوقۇقنى كۈچەيتىكىلى بولىدىكەن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، پارلامېنتمۇ پەقەتلا نازارەت قىلىش رولىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان.شۇڭا ئوباما ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە F-35 تىپلىق بىرلەشمە ھۇجۇملۇق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلغان، بۇ ئايروپىلانغا يۇشۇرۇن شەكىللىك تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدىكى دۆلەت مۇداپىيىسىنىڭ مۇھىم كۈچى ھېسابلىنىدىكەن. بىر تەرەپتىن تۈركىيە مۇشۇ ئايروپىلاننى ياساشقا قاتناشقان گۇروھنىڭ بىر ئەزاسى، بىراق ئۇلار پەقەت ئايروپىلان گەۋدىسىنى ياساشقىلا مەسئۇل.بۇ ئاروپىلاننى تۈركىيەگە سېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن تۈركىيە تەرەپ ئايروپىلانغا ئىشلىتىلگەن ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىنى چۈشىنىشكە ئامالسىز ئىكەن. بۇ قېتىمقى سودىدا ئىشەنچ مەسىلىسى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىلگىرى جۇڭگو ھاۋ ئارمىيىسى بىلەن ھەربىي مەشق ئېلىپ بارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئاخبارات ئورگىنىنىڭ رەھبىرى ئامېرىكىغا قارشى تۇرغۇچى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىران ئىسلان جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۇنى « مەدەتچىلەر ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى»دېيىشكە بولىدىكەن. ئەپسۇسىلنارلىقى، مەسىلە تۈركىيەنىڭ جۇڭگو ياكى ئىرانغا ئامېرىكىغا مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ئۇچۇرلارنى سېتىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ئۇلار بۇ مەخپىيەتلىكلەرنى بىۋاستە ئامېرىكا دۈشمەنلىرىگە تەمىنلەپ بېرەمدۇ يوق؟ ئىلگىرىكىگە ئوىشىمايدىغان يېرى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى پەقەت ئادەتتىكى ئىشەنچ مەسلىسى ئەمەس، ئاق ساراي ھەرگىز بۇ دېپلوماتىك ئەدەپ- قائىدە ئۈچۈن، ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك مەخپىيەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-17 15:30:08 ئۇقۇلۇشى: 486 قېتىم] |
|