99 ياشلىق بوۋاي 80 يىلدىن كېيىن ئالىي تېخنىكوم ئۇنۋانىغا ئېرىشتى |
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى تېلېگراممىسى، ئامېرىكىدىكى بىر نەپەر 99 ياشلىق بوۋاي ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇشتىن چېكىنىپ تەخمىنەن 80 يىلدىن كېيىن، ئانا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1932-يىلى ئامېرىكا ئىقتىسادى بۈيۈك دېپرېسسىيە مەزگىلى (1929-1939-يىللىرى غەربتە يۈز بەرگەن ئىقتىسادىي چېكىنىش) دە لېئو پلاز ئىسىملىك ئوقۇغۇچى شەرقىي ئورېگون پېداگوگىكا مەكتىپىدىكى كەسپىدىن توختاپ، ياغاچچى بولغانىدى. بۇ مەكتەپ ھازىر ئۆزگىرىپ، شەرقىي ئورېگون ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئايلاندى. پلازنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن مەكتەپ تەرەپ ئۇنىڭ نەتىجە جەدۋىلىنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئۇنىڭغا ئالىي تېخنىكوم ئۇنۋانىنى بەرگەن. پلاز مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا «مەن 80 يىل سەرپ قىلىپ، ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشتىم» دېگەن. ئۇ ئوقۇشتىن توختىغان ۋاقىتتا ئوقۇش پۈتتۈرگىلى تېخى بىر مەۋسۇممۇ قالمىغانىدى. ئەمما ئۇ بۇنىڭغا بەك ئەپسۇسلىنىپ كەتمىگەن، چۈنكى شۇ ۋاقىتتا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىش ھەققى ئاران 80 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى. ئەمما ئۇ ياغاچچىلىق قىلىپ، بىر ئايدا 150 دوللار تاپالايتتى. «ئىش ھەققىم ئوقۇتقۇچىلىقتىن يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن شۇنداق قارار قىلغانىدىم». مەكتەپ مۇشۇ ئاينىڭ 11-كۈنى پىلاز ئۈچۈن ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولۇپ، مەيداندىكى ھەربىي كىشى ئۇنىڭغا قىزغىن ئالقىش ياڭراتقان. ئۇ بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار بولدى. ئۇ مۇنداق دېگەن:« مەن گولف توپى ماركىلىق ماشىنام بىلەن مەكتەپنى بىر ئايلاندىم، راستىنىلا بۇ جايدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىپ بولۇپ كېتىپتۇ». پلاز بۇ يىل 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 100 ياشقا تولغانلىق خاتىرە كۈنىنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي ئۇنۋانغا تايىنىپ خىزمەت ئىزدەش پىلانى يوق ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-17 15:27:13 ئۇقۇلۇشى: 292 قېتىم] |
|