ئامېرىكا «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەھبىرى بىن لادېنغا يەتمەيدۇ، دېدى |
بازا تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەھبىرى بىلەن بىن لادېن
جۇڭگو ئاخبارات تورى ۋاشىنگىتون 16-ئىيۇن تېلگېراممىسى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گاتېس 16-ئىيۇن بىلدۈرۈپ، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يېڭى رەھبىرى ئايمان ئاز-زاۋاھىرنىڭ بىن لادېندەك قابىليەتى ۋە ماھارىتى يوق، بىراق ئامېرىكا داۋاملىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى تۇرىدۇ، دېدى. گاتېس شۇ كۈنى مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇخبىرلار يىغىنىدا: «بىن لادېن ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەر ئۆلتۈرۈلۈپ، چوڭ بالا-قازا ئېلىپ كەلدى، بىراق «بازا» تەشكىلاتى تىركىشىكە ئۇرۇنۇپ، ئۆلگۈچىنىڭ ئورنىغا ئىزباسار ئىزەپ، بىن لادېن بەلگىلىگەن كۈن تەرتىپنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقچى» دېدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى شتاب باشلىقى بىرلەشمە يىغىن رەئىسى مۇللېننىڭ قارىشىچە، زاۋاھىر «بازا» تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ چوڭ باشلىقىغا ئايلانغاندىن كېيىن كىشىلەرنىڭ پەرىزىدەكلا، ئۇ بىن لادېنغا ئوخشاش، ئامېرىكا تەرىپىدىن قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، قوغلاپ قولغا ئېلىنىشى، ھەتتا ئۆلتۈرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن. بىن لادېن 5-ئاينىڭ 2-كۈنى پاكىستاندا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلگەندىن كېيىن، «بازا» تەشكىلاتى يېقىنقى 7 ھەپتىدە رەسمىي يېڭى رەھبىرىنى سايلاپ چىقتى. دوختۇر ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئەسلىدىكى ئىككىنچى نومۇرلۇق شەخىس زاۋاھىر، بىن لادېنغا ئوخشاش چاقىرىش كۈچىگە ئىگە ئەمەس دەپ قارالدى. «بازا» تەشكىلاتىنىڭ بۇنچىلىك ئۇزاق ۋاقىت سەرىپ قىلپ ئىزباسارنى بېكىتىپ چىققانلىقىغا نىسبەتەن، گاتېس بىلەن مۇللېن باھا بېرىشنى خالىمىدى. گاتېس چاقچاق قىلىپ: «بەلكىم ئۆڭكۈردىكىلەر بېلەت سانىنى ناھايىتى تەستە ھېسابلاپ چىقاندۇ» دېدى. ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ئايال باياناتچىسى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ئاتامانى كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈررۈپ، «بەربىر» دېدى. ئىسمى ئاشكارلانمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن زاۋاھىرىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسى، رەھبەرلىق قىلىش كۈچى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارى يوق بولۇپ، «بازا» تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىشى قىيىن ئىكەن.
مەنبە: www.chinanews.com
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-6-17 15:24:46 ئۇقۇلۇشى: 581 قېتىم] |
|