2009-يىلى 27 -فېۋرال ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
شىنخۇا تورى ۋاشىنگىتون 24-ماي تېلېگراممىسى : ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس 24–ماي ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە ئىراقتا ئەسكەر تۇرغۇزۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەلىپىنى قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
گايتىس شۇ كۈنى ۋاشىنگىتوننىڭ ‹‹ بىلىم ئامبىرى ›› بولغان ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا مۇنداق دېگەن : ئىراقنىڭ كەلگۈسى بولسۇن ياكى ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن بولسۇن ، مەن ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە ئىراقتا ئەسكەر تۇرغۇزۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىش تەلىپىنى قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئامېرىكا تەرەپ ئىراقنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ . ئۇ يەنە ئىراقتا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر تۇرغۇزۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىشنىڭ ئىراق رەھبەرلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر قېتىملىق ‹‹ سىياسىي تاللاش ›› ئىكەنلىكىنى ، ئەلۋەتتە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا ئۇنچە بەك قارشى ئېلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ئىراقتا 47 مىڭ ئەسكىرى بار بولۇپ ، ئامېرىكا - ئىراق ئىككى تەرەپ 2008-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بۇ يىل يىل ئاخىرىغىچە ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىشى كېرەك ئىكەن .
ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسىم ئەمەلدارلىرى يېقىندا باغدادتا زىيارەتتە بولغان بولۇپ ، ئىراق ھۆكۈمىتىنى تېزراق ئىپادە بىلدۈرۈشكە ئالدىراتقان .ئامېرىكا ئەسكەر چېكىندۈرۈش مەسلىسىدە ئىراققا بېسىم ئىشلەتكەچكە ، ئىراقتا قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسى قوزغالغان . ئىراقنىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ئامېرىكىغا قارشى دىنىي رەھبەر سادىر يېقىندا ئاگاھلاندۇرۇپ ، ئەگەردە ئامېرىكا ئارمىيەسى داۋاملىق ئىراقتا تۇرسا ، ئۇ ئۆزىنىڭ يېڭى ئارمىيە تەشكىللەپ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان . ئىراق زۇڭلىسى مالىك يېقىندا ئۆزىنىڭ ئىراقتىكى سىياسىي گۇرۇھلار بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇش - تۇرماسلىقىنى مەسلىھەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .