ئوكرائىنانىڭ ئايال زۇڭلىسى قولغا ئېلىنغانمىدۇ؟ |
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 24-ماي، ئوكرائىنا زۇڭلىسى تىموشىنكو تەۋە بولغان ئوكرائىنا «ۋەتەن» ئىتىپاقداشلار پارتىيەسىنىڭ دىيىشىچە، تىموشىنكو ھوقوقىنى قالايمىقان ئىشلەتكەن دەپ گۇمان قىلىنىپ قولغا ئېلىنغان. لىكىن ئوكرائىنا ئەدىلىيە ئورگىنى تەرەپ دەرھال بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلغان. خەۋەردە دىيىلىشىچە، ئوكرائىنانىڭ باش تەپتىش ئىشخانىسى تىموشىنكونىڭ 24-ماي قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇ سوراقنى قوبۇل قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆز ئەركىنلىكى بويىچە كەتسە قايتسا بولىدۇ، دىگەن. چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، تىموشىنكو 2005-يىلى 2-ئايدىن 9-ئايغىچە ئوكرائىنانىڭ زۇڭلىسى بولغان. 2007-يىلى 9-ئايدا، يەنە بىر قېتىم زۇڭلىلىققا سايلانغان، 2010-يىلى 2-ئايدا زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىغا قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. بۇ يىل 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئوكرائىنا باش تەپتىش مەھكىمىسى تىموشىنكوغا قارىتا جىنايى ئىشلار بويىچە دىلو تۇرغۇزۇپ، دۆلەتنىڭ كېپللىكىدىن پايدىلىنىپ Opel Combo داۋالاش ئاپتوموبىلى كىرگۈزگەندە ھوقوقتىن ھالقىپ كەتكەن دەپ ئەيىپلىگەن. ئەدىلىيە تارماقلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، تىموشىنكونىڭ ھەرىكىتى دۆلەتكە تەخمىنەن 83 مىليۇن دوللار ئىقتىسادىي زىيان سالغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-24 20:31:50 ئۇقۇلۇشى: 325 قېتىم] |
|