1700 دىن ئارتۇق تالىبان قورالىنى تاپشۇرۇپ جەمئىيەتكە قايتماقچى |
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ بىر ھەربىي ئەمەلدارى 19-ماي، ئاففانىستاندا 1700 دىن ئارتۇق تالىبان قۇراللىق ئونسۇرلىرىنىڭ قۇرالنى تاشلاپ، ئاففانىستان ھۆكۈمىتى بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇرۇن ئومۇملاشتۇرۋاتقان «جەمئىيەتكە قايتىش» پىلانىغا كىرگۈزىلدى، دېدى. «نۆۋەتتە تەخمىنەن 1740 نەپەر تالىبان قۇراللىق ئونسۇرلىرى ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ <جەمئىيەتكە قايتىش> پىلانىغا رەسمىي تۈردە كىرگۈزىلدى». بۇ تۈرگە مەسئول «خەلقئارالىق ئامانلىقنى ساقلاش ياردەم بېرىش ئەترىتى» نىڭ مەسئولى ئەنگىلىيەلىك گېنرال فېير.جون شۇنداق دېدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇلاردىن باشقا يەنە ئاففانىستاندىكى ئالاقىدار خىزمەت ئورگانلىرىنى باشقا 40 دىن ئارتۇق تالىبانلار گۇرۇپپىسى بىلەن كېلىشىمنامە ئىمزالىماقچى بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ پىلانغا كىرگۈزىلىش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاففانىستان ھۆكۈمىتى يۈرگۈزىدىغان بۇ پىلان پىلانغا قاتناشتۇرۇلغان تالىبانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن جەمئىيەتكە قايتۇرۇش بولۇپ، پىلان بويىچە ئاففانىستان ھۆكۈمىتى قۇرال تاشلاپ جەمئىيەتكە قايتقان تالىبانلانى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، كەسپىي تەربىيلەش ئىلىپ بېرىپ باشقا ئىقتىسادىي جەھەتلەردىنمۇ ياردەم قىلماقچى بولغان. بۇ پىلانمۇ ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ياردەمىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-22 22:30:03 ئۇقۇلۇشى: 631 قېتىم] |
|