ھىندىستاندا تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان تېرورچى ئۆيىدە خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرگەن |
چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستانغا يوشۇرۇنغا ھىندىستانىلىق بىر تېرورچى ئۆيىدە تۇتۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، ھىندىستانلىق بۇ تېرورچىنىڭ ئىسمى كامالخان بولۇپ، 2003-يىلى بومبايدىكى پويىز پارتىلىتىش ۋەقەسىنى پىلانلىغانىكەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان 50 تېرورچىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزغان. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پاكىستاندا بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلانغان. كامالخان تۇتۇش بويرۇقى چىقىرىلغان مەزگىلدە بومبايدا بەخىرامان تۇرمۇش كەچۈرگەن. بۇ ئىش ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئىنتايىن خىجىللىقتا قويغان. ئۆكتىچىلەر بىلەن خەلق پارتىيىسى ھۆكۈمەتنى ئەيىبلەپ: بۇ ناھايىتى زور خاتالىق، كەچۈرگىلى بولمايدۇ، دېگەن. كامالخان ئىزچىل ئۆيىدە ئىكەنلىكى، ئىسمىنىڭ قانداق قىلىپ تېرورچىلار تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، پويىز پارتىلىتىش ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئېيتقان. ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنستىرى زانبالان: ئۇقۇشماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تەكشۈرىمىز، خاتا تۇتقان بولىشىمىزمۇ مۇمكىن، دېگەن.
ــــــــ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-22 22:28:28 ئۇقۇلۇشى: 373 قېتىم] |
|