دۇنيادىكى ئەڭ تىك تاغ ئاشار جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس سۇندى |
فۇجىيۈ سەيلە-تاماشا باغچىسىدىكى ئەڭ تىك تاغ ئاشار «تېز ئۇچار» نىڭ ئۈنۈم رەسىمى
جۇڭگو ئاخبارات تورى 16-ماي تېلگېراممسى: ياپونىيە ئورتاق ئاگېنتلىقىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسالانغاندا، ياپونىيە فۇجىيۇ شىركىتىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئېلان قىلىشىچە، «تېز ئۇچار» تاغ ئاشار پويىزى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى فۇجىيۈ سەيلە-تاماشا باغچىسىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. بۇ تاغ ئاشارنىڭ ئەڭ چوڭ بۇلۇڭ گرادۇسى 121 گىرادۇس بولۇپ، دۇنيا جېنىس رېكورتىغا ئىلتىماس سۇنغان. بۇ تاغ ئاشارنى قۇرۇشقا تەخمىنەن 3 مىليارد يىن (240 مىليون يۈەن) مەبلەغ كەتكەن. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بۇ تاغ ئاشارنىڭ رېلسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن بىر كىلومېتىر، سائەتلىك تېزلىكى 100 كىلومېتىر بولۇپ، يۇشۇرۇن يول ۋە يەتتە ئايلانمايولنى بېسىپ ئۆتىدىكەن. فۇجىيۈ سەيلە-تاماشا باغچىسىنىڭ كىرىش بېلىتى 7-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ئۆستۈرۈلۈپ، قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 100 يىندىن 1300 يىنغىچە، يۈرۈشلۈك بېلەت 200 يىندىن 5000 يىنغىچە بولىدىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-16 19:36:54 ئۇقۇلۇشى: 557 قېتىم] |
|