«ھىندىستان دەۋر گېزىتى» ۋە ئامېرىكا ئېلان شىركىتىنىڭ 15-مايدىكى ئونۋىرسال خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بىن لادېننىڭ تۇالغۇسىدىن غەنىمەت ئېلىنغان نەچچە يۈز ئونمىڭ بەتلىك ماتىرىياللارنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، بىن لادېننىڭ ئۆتكەن 10 يىلدىكى قاچقۇنلۇق ھاياتىدىغا نىسپەتەن رەتلەش ئېلىپ بارغان.
بەزى ھۆججەتلەردە، بىن لادېننىڭ ئامېرىكا 2012-يىلىدىكى زۇڭتۇڭلۇق سايلىمىدا ئوبامانى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى زەربىدار ئەترىتى بىن لادېننىڭ پاكىستاندا يۇشۇرۇنغان تۇرالغۇسىدىن ئېرىشكەن بىن لادېننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە، تېررورچى رەھبەرلەرنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانى قانداق ئۆلتۈرۈش ھەققىدىكى تەپسىلاتلار خاتىرىلەنگەن ئىكەن. بىن لادېن كۈندىلىك خاتىرىسىدە، ئۆزىنىڭ ھۇجۇم نىشانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى Joe Biden بولماستىن، زۇڭتۇڭ ئوباما ئىكەنلىكى، چۈنكى Joe Biden غا ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
بىن لادېن كۈندىلىك خاتىرىدە يەنە ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئوبامانى ئۆلتۈرۈپ، 2012-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىنى توسۇشقا تەشەببۇس قىلغان. ئۇ يەنە:« پەقەت ئامېرىكا زۇڭتۇڭىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئاندىن«بازا»تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىدۇ، ئاندىن ئامېرىكىنى يەڭگىلى بولىدۇ، ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭنى ئۆلتۈرۈش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
ئامېرىكا لاندىر شىركىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى Steve Jones :« مېنىڭچە بۇ ئۇچۇرلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بىن لادېن رەھبەرلىكىدىكى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ ئىكەن»دېگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىن لادېننىڭ 3 ئايالىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ 3 ئايال ئۇلارغا ماسلاشمىغان ھەمدە ئامېرىكىغا قارىتا ئۆچمەنلىك بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئوباما كېنىيەدىكى مومىسىنىڭ«بازا»تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىتىراپ قىلغان.
ئوباما نۆۋەتتە تېرروچىلارنىڭ ئامېرىكا پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.