سلوۋاكىيەلىك بىر ئەر «ئادەم گۆشى يىگۈم بار» دەپ، توردا ئېلان بېرىپ ئولجا ئىزدىگەن، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان.
خەۋەردە دىيىلىشىچە، 43 ياشلىق سلوۋاكىيەلىك بۇ ئەر توردا ئېلان بېرىپ، «ئۆزىگە يىيىلىشنى خالايدىغان» ئادەم ئىزدىگەن. ئۇ «ئولجا» نىڭ ئۆيىگە كېلىشىنى، ئۇخلاپ ئۇنىڭ ناركوز قىلىپ، ئۆلتۈرۈپ، ئاندىن پارچىلاپ، ئاخىرىدا دۈملەپ پۇشۇرۇپ يىيىشىنى كۈتۈشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
بىر شىۋېتسارىيەلىك ئەر بۇنى چاقچاق دەپ چۈشىنىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن تېلېفۇن ئارقىلىق ئالاقىلاشقاندىن كىيىن، ئۇنىڭ راستىنلا ئادەم گۆشى يىگۈسى بارلىقىنى بىلگەن، شۇنىڭ بىلەن شۋېيتسارىيە ساقچىلىرىغا مەلۇم قىلغان. شۋېيتسارىيە ساقچىلىرى سلوۋاكىيە ساقچى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، «ئولجا» سىياقىغا كىرىپ، «ئادەمخور» بىلەن كۆرۈشكەن، ھەم ئۇنى قولغا ئالغان.