«جىھاد تەشكىلاتلىرى» لادېن ئۈچۈن ئۆچ ئېلىشقا قەسەم قىلدى |
ئامېرىكا سېملىق ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا لادېننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ماراكەشتىن ھىمالايا تېغى ئېتىكىگىچە بولغان، جىھاد تەشكىلاتلىرى توردا لادېن ئۈچۈن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. «بازا» تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان تور بەتلەردىكى مۇنبەرلەدە لادېننى مەدىھلەيدىغان سۆزلەر توشۇپ كەتتى، ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى غازات ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قەسەم قىلىندى. ھەتتا acebook دىمۇ لادېنغا تەزىيە بىلدۈرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا كەڭ تارقالغان تارماقلىرى بەس-بەستە لادېنغا تەزىيە سۆزى قىلغان. ئىراق تارمىقىدىكى لادېننىڭ ياردەمچىسى Ayman al-Zawahiri ساداقەت كۆرسۈتۈشكە قەسەم قىلغان. نۇرغۇنلىغان مەدىھلەيدىغان تەزىيە سۆزلىرىدىن باشقا، بۇ تەشكىلاتلار تەھدىت سالىدىغان سۆزلەرنى ئېلان قىلغان، يەنى «بازا » تەشكىلاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىسلام تور بېتى Shumukh al-Islam دا: «بىز جاكارلايمىز، بارلىق ئامېرىكىغا پايدىلىق بولغان، نەدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ھەممىسى غازاتچىلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشتىكى قانۇنلۇق نىشانى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، چۈنكى ئۇلار ئىتتىپاقداش» دېيىلدى. كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر، «بازا» تەشكىلاتى چوڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مەجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ، ھەمدە تېخىمۇ كۆپ قوللىغۇچىلارنى جەلىپ قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. بىراق دېيىش ئاسان ئەممە قىلماق تەس، ئۆتكەن ئون يىلدا، «بازا» تەشكىلاتى كۆپ قىسىم ۋاقىتتا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇردى، ئۇلار كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشلىقلىرىدىن ئايرىلىدى، پائالىيەت دائىرىسى كىچىك بولدى. ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىق قورال سېتىۋېلىشقا پۇلى يەتمەي، پەقەت چەت تاغلىق رايونلاردا قېچىپ يۈردى. ئامېرىكا-ياۋروپا ئورتاق مەلۇمات ئېلان قىلىپ، بازا تەشكىلاتىغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.
مەنبە: www.chinanews.com
2011-05-13 06:03
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-14 11:01:58 ئۇقۇلۇشى: 937 قېتىم] |
|