لادىننىڭ قوليازمىسىدا ئامېرىكىغا قايتا ھۇجۇم قىلىش پىلانلانغان |
بىر قانچە ئامېرىكا ئەمەلدارى 11-ماي ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئامېرىكىنىڭ بېن لادىن يۇشۇرۇنغان جايدىن ئۇنىڭ قوليازمىسىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
قوليازمىدا بېن لادىننىڭ «بازا» تەشكىلاتىغا بولغان كونتروللىقنى يۇقاتمىغانلىقى، ئامېرىكىغا تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى يېزىلغان ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئەمەلدارى ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېگەن: بېن لادىننىڭ قوليازمىسى ۋە كومپيۇتېرىدىكى نۇرغۇن ھۆججەتلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تېررورچىلارنىڭ بۇ كاتتىبېشى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ھەربىر قېتىملىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىگە چېتشىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى، ئۇلار يەنە ياۋروپاغىمۇ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان.
قوليازمىدىكى بىر ماتىماتىكىلىق ھېسابلاش جەريانىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بىن لادىن زادى قانچىلىك ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرسە ئامېرىكىنىڭ ئاندىن قوشۇن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ھېسابلىغان ئىكەن. ئۇ: كىچىك دائىردىكى ھۇجۇم بىلەن بۇ نىشانغا يەتكىلى بولمايدۇ، چوقۇم دەرىجىسى «11-سېنتەبىر» ۋەقەسىدىن كىچىك بولمايدىغان تېررورلۇق ھۇجۇمى قوزغاپ، نەچچە مىڭلىغان ئامېرىكىلىقنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە قىستىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە GFK بازار تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ 11-ماي ئېلان قىلغان بىرلەشمە راي سىناپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %87 ئادەم، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئالاھىدە قىسىىمىنىڭ ھۇجۇم جەريانىدا بېن لادىننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئورۇنلۇق، دەپ قارايدىكەن، %86 ئادەم ئامېرىكىنىڭ پاكىستانغا ئۇقتۇرۇش قىلماي تۇرۇپ ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىن قوللايدىكەن.
60% ئادەم تېررورچىلارنى قاتتىق قيىن-قىستاققا ئېلىپ سوراق قىلىشى «بەزىدە ياكى كۆپىنچە ۋاقىتتا» ئورۇنلۇق، دەپ قارايدىكەن، بۇ نىسبەت ئىككى يىل بۇرۇنقىدىن %10 پوئىنت يۇقىرىلىغان.
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستانغا قىلغان ھەربىي ھەرىكىتىگە %59 ئادەم قارشى تۇرغان، %37 ئادەم قوللىغان. تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان %80 ئادەم ئوباما ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ يىل ئىيۇلدا ھەربىي چېكىندۈرۈشنى باشلاپ، 2014-يىلى ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشتىن ئىبارەت لايىھەسىنى قوللىغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-14 10:59:54 ئۇقۇلۇشى: 995 قېتىم] |
|