ئامېرىكا تېرورلۇق ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن بوۋاقلارنىمۇ تىنچ قويمىدى |
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەپ، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. توردا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئىككى تەكشۈرۈش خادىمىنىڭ ھالدا بىر بوۋاقنىڭ زاكىسىنى ئېچىپ تەكشۈرۋاتقان سۈرىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغان. ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا جېك ئەر-خوتۇن قىزىنى ئېلىپ ساياھەتكە چىقماقچى بولۇپ ئايروپورتقا كەلگەندە، تەكشۈرگۈچى خادىم ئەر-خوتۇننى تەكشۈرمەي، پەقەت قىزىنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرگەن. ئە-خوتۇن بۇنىڭغا نارازى بولۇپ جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئالاقىدار تارماققا ئەرز سۇنغان. كېيىن تەكشۈرگۈچى خادىم ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورىغان.
_____ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-12 16:06:07 ئۇقۇلۇشى: 557 قېتىم] |
|