جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-ماي تېلىگراممىسى، ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،ئامېرىكا ئارمىيسى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېننىڭ تۇالغۇسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، بىن لادېنى ھايات ۋاقىتىدا ئىشلەتكەن ئىچىگە بىن لادېننىڭ كەلگۈسىدىكى تېررورلۇق پىلانلىرى خاتىرىلەنگەن قول كومپىيوتىرنى بايقىغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئەمەلدارىنىڭ مۇخپىرغا ئېيتىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىن غەنىمەت ئالغان بۇيۇملار ئىچىدە بىر دانە خاتىرە كومپىيوتىرمۇ بار بولۇپ، ئىچىگە بىن لادېننىڭ يېقىن كەلگۈسىدىكى پىلانىلىرى ۋە كۆز قاراشلىرى خاتىرىلەنگەن ئىكەن، بۇ پىلانلار پەقەت بىن لادېن ئۆزىنىڭ كۆز قاراشلىرى بولۇپ تېخى ئەمەلگە ئاشمىغان، ئاددىيلا بايان قىلىنغان ئىكەن. بۇ خاتىرە كومپىيوتىر بىن لادېننىڭ كۈندىلىك خارىتىسى ئەمەس بولۇپ، ئۇنىڭدا بىن لادېننىڭ شەخسىي ئىشلىرى ۋە بۇرۇن قىلغان ئىشلىرى توغرىسىدا ھېچقانداق نەرسە خاتىرىلەنمىگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىدىن كومپىيوتىر، يۇمشاق دېسكا، ئۈنئالغۇ لېنتىسى قاتارلىق بويۇملارنىمۇ غەنىمەت ئالغاچقا، بۇ خاتىرە كومپىيوتىرغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەن ئىكەن.