لادېننىڭ 4-ئوغلى ئۆمەر ئامېرىكىنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرۈشى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ» دەپ ئەيىبلىدى.
جۇڭگو ئاخبارات تورى 11-ماي تېلگېراممىسى: ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 11-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىن لادېننىڭ ئوغلى بايانات ئېلان قىلپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسىنى «ئۆلتۈرۈش» ئۇسۇلى قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نەشىر قىلغان بىر پارچە باياناتتا، بىن لادېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار نىمە ئۈچۈن لادېننىڭ تىرىك قولغا چۈشۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
باياناتتا يەنە، ئامېرىكا دائىرلىرى 2-ماي پاكىستاندىكى بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا قولغا ئېلىنغان لادېننىڭ ئۈچۈنچى ئايالى ۋە بىر نەچچە بالىسىنى قويۋېتىشى كېرەك، دېيىلدى.
بۇ بايانات لادېننىڭ 4-ئوغلى ئۆمەر بىن لادېننىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان. ئىلگىرى ئۇ كۆپ قېتىم دادىسى بىلەن ئوخشىمايدىغان سىياسىي قاراشتا ئىكەنلكىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا دېيىلىشىچە، لادېننىڭ جەسىتىنىڭ رەسىمى ياكى باشقا ئىسپاتلارنى كۆرۈشتىن بۇرۇن، لادېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە جەزىم قىلالمايدىكەن.
باياناتتا يەنە، ئەگەر لادېن ھەقىقەتەن ئۆلگەن بولسا، «نىمە ئۈچۈن قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولمىغان ئادەم قولغا ئېلىنىپ سوتقا ئېلىپ بېرىلىپ ھۆكۈم چىقىرىلىپ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىنمايدۇ؟» دېيىلگەن.
باياناتتا لادېننى ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ دەپ كۆرسىتىلگەن. ھەمدە، «نىمە ئۈچۈن بىن لادېن ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادام ۋە سېربىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مىلوسۇۋىسقا ئوخشاش سوتلىنىش ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمايدۇ؟ »دېيىلگەن.
باياناتتا، ئۆز خاھىشى بويىچە ئادەم ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى سىياسىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس، جىنايى قىلمىشقا نىسبەتەن ھۆكۈم چىقىرىش قانۇننىڭ ئادىللىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ، دەپ كۆرسىتىلدى.
باياناتنىڭ ئاخىرىدا بىن لادېننىڭ «سوت قىلىنماي تۇرۇپ ئۆلتۈرلۈشى» نى تەكشۈرۈپ چىقىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاكىستاندىكى بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا قولغا ئېلىنغان لادېننىڭ تۇققانلىرىنى قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
مەنبە: www.chinanews.com
2011-05-11 04:05