ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «بازا»تەشكىلاتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا بىن لادېننى ئۆلتۈرۈپ «چوڭ خاتالىق» ئۆتكۈزۈپ قويدى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە مۇسۇلمانلارنى بىن لادېنى ئۈچۈن قىساس ئېلىشقا دەۋەت قىلغان.
«بازا»تەشكىلاتى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 10-ماي «سەھەر»بىرلەشمە تورى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ«ئامېرىكا 2-ماي پاكىستاننىڭ ئەببوتئابادتا بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن، ئامېرىكا بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بەدەل تۆلەيدۇ» دەپ كۆرسەتكەن.
باياناتتا يەنە« ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئامېرىكا ئارمىيسى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، لېكىن ئادەتتىكى پۇقرالارچۇ، سىلەرنى كىم بىزنىڭ ھۇجۇمىمىزدىن قوغدىيالايدۇ»دەپ كۆرسەتكەن.
«بازا»تەشكىلاتى يەنە كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنى بىن لادېن ئۈچۈن قىساس ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا دەۋەت قىلغان.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ1-كۈنى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
«بازا»تەشكىلاتى ئالدىنقى قېتىم6-ماي بايانات ئېلان قىلىپ بىن لادېن ئچۈن ئامېرىكىدىن ئۆچ ئالدىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.