جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 10-ماي خەۋىرى: لىۋىيە پايتەختى ترىپولى 9-ماي كېچىدىن باشلاپ 10-ماي سەھەرگىچە يەنە بىر قېتىم ش ئا ئە ت نىڭ ھاۋا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ ترىپولىدىكى تۇرالغۇسى ۋە باشقا جايلار ش ئا ئە ت نىڭ ئاساسلىك ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالغان بولۇپ، نۇرغۇن قېتىم پارتىلىتىش ئاۋازلىرى ئاڭلانغان ئىكەن.
لىۋىيە ئەمەلدارىنىڭ 10-مايدىكى باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، ش ئا ئە ت 9-ماي كېچىدىن باشلاپ 10-ماي سەھەرگىچە ترپولىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان بولۇپ، 4 نەپەر ئۆسمۈر بالا ئۇچقىنداپ كەلگەن پارچىلىنىپ كەتكەن ئەينەك سۇنىقى بىلەن يارىلاندۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە 2 ئۆسمۈرنىڭ يارىسى ئېغىر بولۇپ، نۆۋەتتە دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.
لىۋىيە ئەمەلدارى ئىككى نەپەر چەت ئەل مۇخپىرىنى باشلاپ تىرىپولىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان نەق مەيدانغا بارغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ش ئا ئە ت نىڭ بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئاز ئۇچرايدىغان ئېغىر تىپتىكى بومباردىمان قىلىش بولۇپ، 3 سائەت ئىچىدە ئۇدا 8 قېتىم ھۇجۇم ئېلىپ بارغان.
شۇ جاي ۋاقتى 10-ماي سەھەر سائەت 2 دە، ترىپولىدىن 4 قېتىم قاتتىق پارتىلىغان بومبا ئاۋازى ئاڭلانغان.
ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى:« لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ ۋاقتى قالمىدى، ئۇ ۋاقتىدا ئۆزىنى بىلىۋېلىشى كېرەك، كازافى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتنىڭ ئىستىقبالى يوق»دەپ كۆرسەتكەن.