تەيۋان ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسىمى قارا قۇيۇن ۋە قارا يامغۇرنىڭ زىيىنىغا ئۇچىرىغان بولۇپ، ئاپەت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ 9-ماي مۆلچەرلىشىچە، سۇغۇرتا تۆلەم سوممىسى 5 مىليارد 500 مىليۇن دوللارغا يېتىدىكەن.
4-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، قارا بوران ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىشتاتلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 354 ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىغان، يەنە 1700 ئادەمنى يارلاندۇرغان، تۈمەنلىگەن كىشىلەر ئۆي-ماكانسىز قالغان. نۇرغۇن ئىشتاتلار جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان.
بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۆلگەن ئادەم سانى ئىككىنچى كۆپ بوران ئاپىتى. 1925-يىلى ئوتتۇرا غەربىي رايۇنلاردا بوران ئاپىتى يۈز بېرىپ 747 ئادەم ئۆلگەن. بۇ 2005-يىلىدىكى كاترىنا قارا بورىنىدىن كىيىنكى، ئامېرىكىغا ئەڭ كۆپ زىيان سالغان بىر قېتىملىق ئاپەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن بىر سۇغۇرتا تەھلېل قىلغۇچىنىڭ دىيىشىچە، بۇ قېتىمقى بوران سۇغۇرتا شىركىتىگە 2 مىلياردتىن 5 مىلياردقىچە تۆلەم تۆلىشى مومكىن ئىكەن.