ئوباما پاكىستاننى لادېننى قانات ئاستىغا ئالغان تورنى تەكشۈرۈشكە مۇراجەت قىلدى |
شىنخۇا تورى 9-ماي تېلىگراممىسى: ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 8-مارت پاكىستاننى «بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى بىن.لادېننى قانات ئاستىغا ئالغان تورنى تەكشۈرۈشكە مۇراجەت قىلغان. ئوباما كولومبىيە رادىئو شىركىتىنىڭ «60 مىنۇت» ناملىق خەۋەر پروگراممىسىدا، پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ بىن.لادېننىڭ يوشۇرۇنغان ئورنىدىن خەۋرى بار-يوقلۇقىنى ئېنىقلاشنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىن.لادېننىڭ توقىلىنى سوراق قىلىش ھوقوقىغا ئېرىشىشنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىن.لادېننىڭ يوشۇرۇنغان جايىغا يېقىن ئەتراپتا بىر ھەربىي مەكتەپ بار بولۇپ، ئىسلامئابادقىمۇ يىراق ئەمەس ئىكەن. بىراق پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ بىن.لادېننىڭ بۇ جايغا يوشۇرۇنغانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئوباما 4-ماي زىيارەت قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىن.لادېننىڭ پاكىستاندا چوقۇم ئۇنى قوللايدىغان ۋە قانات ئاستىغا ئالىدىغان تورى بار. بىراق مەن بۇ تورنىڭ پاكىستان ھۆكۈمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. شۇڭا پاكىستاننىڭ لادېننى قانات ئاستىغا ئالغان تورنى تەكشۈرۈشىنى مۇراجەت قىلىمەن».
مەنبە: news.sina.com.cn
2011-05-10 11:05
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-10 16:07:52 ئۇقۇلۇشى: 473 قېتىم] |
|