جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ 69 ياشلىق زۇڭتۇڭى 5-خوتۇن ئالىدىكەن |
زۇما ۋە ئۇنىڭ ئۈچ خوتۇنى
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئاشكارلىنىشىچە، بۇيىل 69 ياشقا كىرگەن جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇمانىڭ يەنە بەشىنچى خوتۇن ئالىدىغانلىقى تارقالغان، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇڭتۇڭنىڭ كۆپ خوتۇن ئېلىشىغا قارشى تۇرىدىغان كىشىلەر بۇنىڭغا ئىنتايىن ئاچچىقلىغان. ئىگىلىنىشىچە، زۇڭتۇڭ زۇما كۆپ خوتۇنلۇق بولغان بولۇپ، ئۇلار بۇرۇن ئالغان بىر خوتۇنى، ھازىرقى ئۈچ خوتۇنى ۋە بىر بولغۇسى خوتۇنى، كەلگۈسىدىكى «4-خانىمى» قاتارلىقلار. ئالدىنقى كۈنىدىكى خەۋەردە دېيىلىشىچە، زۇما ئۇزۇنغا قالماي بەشىنچى خوتۇن ئالىدىكەن. ئەنگلىيەنىڭ «تېمس گېزىتى» خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زۇما يېقىندىلا بىر قىزىنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتناشقا ئىكەن، ئۇنىڭ سابىق قىز دوستى مۇلاڭگې ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ قاتناشقان، ھەمدە زۇڭتۇڭ ئائىلىسىدىكلەر بىلەن بىرلىكتە ئولتۇرغان. نۇرغۇن كىشىلەر، بۇ زۇمانىڭ بىشارىتى، بىلاڭگې ئۇنىڭ توختىماي كۆپىيىۋاتقان جورا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، بەشىنچى ئايالىغا ئايلانغان دەپ قارىدى. خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، زۇما ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى مۇلاڭگې بىلەن تونۇشقان، ئۇ زۇڭتۇڭنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ ئانىسى، ھەمدە زۇڭتۇڭ بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ كەلگەن. بۇ سۆز-چۆچەكلەر تارقالغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭنىڭ باياناتچىسى ئېنىق قىلىپ، زۇڭتۇڭنىڭ يەنە توي قىلىدىغانلىقى بىر خىل بىمەنە چاقچاق، بۇنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، دېدى.
مەنبە: www.chinanews.com
2011-05-09 01:36
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-9 18:58:04 ئۇقۇلۇشى: 337 قېتىم] |
|