ئامېرىكا پاكىستانغا ئالتە دانە سىنارەد قويۇپ بەردى |
شىنخۇا تورىنىڭ ئىسلامئاباد 5-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە مۇنداق دېيىلدى:«ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلانى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى قەبىلە رايونىغا سەككىز دانە باشقۇرۇلىدىغان سنارەد قويۇپ بېرىپ، كەم دېگەندىمۇ 13 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، تۆت ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاخبارات خادىملىرىنىڭ خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:«ئامېرىكىنىڭ ئادەمسىز ئايروپىلانى پاكىستاننىڭ شىمالىي ۋاجىستان قەبىلە رايونىدىكى بىر مەدرىسىگە 6 دانە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىپلا قالماستىن يەنە بىر مېھمانساراي ئىچىدىكى ماشىنىغا ئىككى دانە باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بەردى». خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈش نىشانى تالىبان قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنى ئىكەن، ئەمما نۆۋەتتە ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا ئارمىيىسى بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئوساما.بىن.لادېننى ئۆلتۈرگەندىن بىرى، ئامېرىكا پاكىستاننىڭ قەبىلە رايونىغا تۇنجى قېتىم ئادەمسىز ئايروپىلان بىلەن ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى ئىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئامېرىكا پاسكىتانغا جەمئىي 26 قېتىم .ئادەمسىز ئايروپىلان بىلەن زەربە بەرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-7 14:17:23 ئۇقۇلۇشى: 600 قېتىم] |
|