ئاخبارات ۋاستىلىرى دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىسە بولىدىكەن دەپ كۆرسەتتى
ئامېرىكا ۋىرگىنىيە دېڭىز ساھىلىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋېل.ھىسامىس شەھەر سرىتىدىكى دېڭىزدا مەشققە قاتناشقان دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا ھۇجۇم قىلشقا قاتناشقانلىقنى بىلگەندە ئىنتايىن خوشال بولغان.
ئاخبارات ۋاستىلىرى دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتىنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىسە بولىدىكەن دېيىشكەن، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ۋېل شەھر باشلىقىغا ئوخشاشلا، ئۇلارغا نىسپەتەن تېخىمۇ كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلغان.
بۇ قېتىمقى ئۇشتۇمتۇت زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغۇچىلار ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسى ئالاھىدە جەڭ قىلىش تەرەققىيات ئەترىتى بولۇپ، دېڭىز يىلپىزى ئەترىتى 6-كىچىك ئەترىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ئاخبارات يىغىش، تەتقىق قىلىش ھەمدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش. ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار دېڭىز ئارمىيسىگە تەۋە بولۇپ، دېڭىز ئارمىيىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرىدىغان مەخسۇس ئورگان ھېسابلىنىدىكەن.
بىن لادېننى تۇتۇش ھەرىكىتىدىن بۇرۇن، دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتى ئەزالىرى ئەرەپ تىلى مەشقى قىلغان ئىكەن، مەسىلەن، ئەرەب تىلىدىكى« تەسلىم بولۇش»،«قورال تاپشۇرۇش»دېگەندەك سۆزلەر.
بۇ ئەترەتكە كىرىش ئۈچۈن ئىنتايىن قاتتىق بەدەن مەشىقىنى باشتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن، شاللىنىپ كېتىش نىسپىتى %80 تىن يۇقىرى ئىكەن، بۇ ئەترەت ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسىنىڭ شىتاتىدا بولغاچقا، سۇ ئۈستى مەشقىمۇ كەم بولمايدىكەن، مەشقنىڭ ئاساسلىك تۈرلىرى سۇ بىلەن مۇندسىۋەتلىك ئىكەن، ئەزالارنىڭ ۋەزىپىسى ئائىلە ئەزالىرىدىن قەتئىي مەخپىي تۇتۇلىدىكەن، بىر ئوفىستېر:« ئەترەت ئەزالىرىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ قاچان ئۆيدىن ئايرىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ نەگە بېرىپ قاچان قايتىپ كېلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ»دېگەن.
يۇقىرى نۇقتا
ئەترەتكە كىرىشتىن بۇرۇنقى سۇدا پارتىلىتىش مەشقى ئېلىپ بېرىش
دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتىنىڭ مەشق بازىسى ئادەتتە سانتىياگو شەھەر ئەتراپىدىكى كلورادو ئارىلىغا جايلاشتۇرۇلىدىكەن،يەنى دېڭىز ئارمىيسىنىڭ قۇرۇقلۇق-سۇ مەشق بازىسىنىڭ«سۇ ئاستىدا پارتىلىتىش ئاساسلىرى مەكتىپى»دە، باشقا مەشق نۇقتىلىرىدىن يەنە قۇرۇقلۇق ئارمىيسى پاراشوتچىلار مەكتىپى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى قاتارلىقلار بار ئىكەن.
يېنىدا پىچاق بىلەن چىراق ئېلىپ يۈرۈش
دېڭىز يىلپىزى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە يېنىدا ئىككى خىل قورال ساقلايدىكەن ،بىرى ئامېرىكىنىڭStrider جەڭ پىچىقى يەنە بىرى ئامېرىكىنىڭ SureFire جەڭ چىرىقى ئىكەن.
ئەزالار ئىشلىتىدىغان تاپانچىلاردىن شىۋىتسارىيا تاپانچىسى، M1911 تىپلىق تاپانچا بىلەن H&K تىپلىق تاپانچىمۇ بار، يىراق ئارىلىقتىن زەربە بەرگەندە بولسا M14 تىپلىق مىلتىق ۋە MK.12 تىپلىق ئالاھىدە ئىشلىتىلىشچان مىلتىق، رېمىنگتون مەرگەن مىلتىقى ھەمدە بالت يېرىم ئاپتوماتىك مەرگەن مىلتىقى، مەكلىللان مىلتىقى قاتارلىقلار.
سۇ ئۈستىدە ھەرىكەت قىلغاندا، سېرىق يوللۇق F-470 تىپلىق رېزىنگ كېمە ئىشلىتىلىدىكەن، ئۇنىڭغا 7 ئادەم پاتىدىغان بولۇپ، سىرتقا ئورنىتىلغان .ماتور بىلەن ھەرىكەتلىنىدىكەن.
دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتى تۇيۇقسىز زەربە بەرگەن ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشقا ماھىر
ئامېرىكا دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتى ئامرىكىدىكى ئۈچ ماكانلىق زەربىدار ئەترەت دەپمۇ ئاتىلىدىكەن، بۇ ئەترەت 1962-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ھازىر ئامېرىكىدىكى ھەرخىل ئۇرۇش ۋە ئۇشتۇمتۇت يۈز بەرگەن ۋەقەلەر جەريانىدىكى «قاتىل»غا ئايلانغان.