بىن لادېن تىرىك قولغا چۈشكەندىن كېيىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىكەن |
كەسكىن قارشىلىق كۆرسىتىش
ئاق ساراي باياناتچىسى Jay cagniنىڭ مۇخپىرغا كۆرسىتىشىچە،«دېڭىز يىلپىزى گازارما ئەترىتى»نىڭ ئەسكەرلىرى تۇرالغۇغا بۆسۈپ كىرگەندە،«بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى بىن لادېننىڭ قولىدا قورال يوق بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا قارشىلىق كۆرسەتكەن ئىكەن. بىن لادېننىڭ ئايالى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ بىن لادېننى ئوقتىن توسۇپ قالماقچى بولغان ھەمدە پۇتىغا ئوق تېگىپ يارىلانغان، لېكىن ھاياتىغا خەۋپ يەتمىگەن، بىن لادېن بولسا نەق مەيداندىلا ئۆلتۈرۈلگەن. ئاق ساراي باياناتچىسى Jay cagni چۈشەندۈرۈپ:«ئامېرىكا ئارمىيىسى ھۇجۇمدىن بۇرۇن تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى قىلغان، ئەگەر بىن لادېننى تىرىك تۇتۇش مۇمكىن بولسا، بىزنىڭ پىلانىمىز قارشىلىققا ئۇچرايدۇ»دېگەن، لېكىن بىن لادېننىڭ قانداق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق تەپسىلات چۈشەندۈرمىگەن، پەقەت «قارشىلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن قورال بولىشى كېرەك ئەمەستۇ، بىن لادېننىڭ قولىدا قورال بولمىغىنى بىلەن، ئۆيدىكى باشقا ئاز بولمىغان كىشىلەردە قورال بار ئىكەن، ئىككى تەرەپ كەسكىن ئېتىشىپ كەتتى»دەپ كۆرسەتكەن.
جەسەتنى ئېلىپ مېڭىش
بۇ تۇرالغۇدا بىن لادېن ئائىلىسىدىن باشقا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى تۇرىدىغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرىنچى قەۋەتتە، يەنە بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىككىنچى قەۋەتتە، بىن لادېن بولسا ئۈچىنچى قەۋەتتە تۇرىدىكەن. ھۇجۇم ئېلىپ بارغاندا، ئامېرىكا ئارمىيسى تۇرالغۇدىكى ھەممە ئۆيلەرنى ئاختۇرغان بولۇپ، پۈتكۈل ھەرىكەتكە 40 مىنوت سەرپ قىلىنغان. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، بىر بۆلىكى بىرىنچى قەۋەتنى ئاختۇرۇپ بولۇپ 3-قەۋەتكە چىققان، يەنە بىر بۆلىكى ئىككىنچى قەۋەتنى ئاختۇرغان، ھۇجۇمچى قىسىم بىرىنچى قەۋەتتە 2 نەپەر«بازا»تەشكىلاتى ئالاقىچىسىنى ئېتىۋەتكەن ھەمدە ئىككى تەرەپ ئېتىشىشىدا بىرئايال ئېتىپ تاشلانغان. ئاق ساراي باياناتچىسى Jay cagni نىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇمچى قىسىم قولغا ئالغان گۇمانلىق ئادەملەرنى قولغا كويزا سېلىپ تۇرالغۇدىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن. ئەڭ ئاخىرىدا، ھۇجۇمچى قىسىم بىن لادېننىڭ جەسىتىنى ئېلىپ چىقىپ تىك ئۇچار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ ئەرەپ دېڭىزىدا چارلاپ يۈرگەن«Karl Vincent» ناملىق ئاۋىئاۋماتكىغا ئۇچۇپ بارغان. ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئالدىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ئارمىيسى بىن لادېننىڭ ئوغلىنىمۇ بىللە ئېلىپ كەتكەن دەپ خەۋەر قىلغان، لېكىن، بىر قانچە ئامېرىكا ئەمەلدارى بۇ خەۋەرنى ئىتىراپ قىلمىغان. ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان ئەمەلدارلار ئەنگىلىيە ئېلان شىركىتىگە:« ئامېرىكا ئارمىيسى پەقەت بىن لادېننىڭ جەسىتىنىلا ئېلىپ كەتكەن، قالغان ئادەملەر پاكىستان تەرەپ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان»دېگەن.
ئالدىراشچىلىقتا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقىش
ئاق ساراي باياناتچىسى Jay cagniچۈشەندۈرۈپ، بىن لادېننىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنىڭ بولىشىدىكى سەۋەب، ئامېرىكا تەرەپ بۇ جىددىي خەۋەرنى ئاممىغا ئېلان قىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن، شۇڭا ئالدىراشلىقتا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىققان دەپ كۆرسەتكەن. Jay cagni مۇخپىرلارغا:« بۇ خەۋەرنى سىلەرگە تېزراق خەۋەر قىلىش ئۈچۈن، بىز ئالدىراپ-تېنەپلا نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن، ئامېرىكا خەلقى سىلەر ئارقىلىقلا ئاندىن بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى بىلەلەيدۇ ئەمەسمۇ، ئېنىقكى ئوتتۇرلۇقتىكى بەزى ئۇچۇرلار كەمتۈك، بىز ئىزچىل ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاش ئېلىپ بېرىۋاتىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.
تۈزلەڭلىككە ئۇرۇلۇپ كېتىش
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 2-مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەرىكەت جەرياندا، ئامېرىكا ئارمىيىسنىڭ بىر دانە تىك ئۇچار ئايروپىلانىدىن كاشىلا چىقىپ چۈشۈپ كەتكەن. كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاخبارات كومىتىتىنىڭ رەئىسى Diana .Feinstein ئەھۋال ئايدىڭلاشتۇرۇپ:« تىك ئۇچار ئايروپىلان چۈشۈپ كەتمىگەن»دېگەن، Diana .Feinstein نىڭ سۆزى بويىچە، شۇ كۈنى ھاۋا تېمۇراتورىسى مۆلچەردىن ئېشىپ كېتىپ، يۈك ۋاگونى ئېغىرلاپ، ئايروپىلاننىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە كونترول قىىلنغان ھالدا تۈزلەڭلىككە ئۇرۇلغان. پىلان بويىچە، ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان بىن لادېننىڭ تۇرالغۇسىغا بىرلىكتە تۆۋەنلىمەكچى بولغان، ھۇجۇمچى قىسىم ئەسكەرلىرى توم ئارغامچا ئارقىلىق يۈر يۈزىگە چۈشكەن، مۇشۇ چاغدا تىك ئۇچار ئايروپىلان باشتىن-ئاخىر بوشلۇقتا تۇرغان. بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان كاردىن چىققاندىن كېيىن، يەنە بىر تىك ئۇچار ئايروپىلان يىتىپ كەلگەن ھەمدە تۇرالغۇ ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان، ھۇجۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلان ياردەمگە كەلگەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى نەق مەيداندىن ئايرىلىپ ئايروپىلانغا چىقىۋالغاندىن كېيىن كاردىن چىققان تىك ئۇچار ئايروپىلاننى پارتىلىتىۋەتكەن.
بىن لادېننىڭ قىزى: دادام تىرىك قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ئېتىۋېتىلگەن
بىن لادېننىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاق ساراي ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا ئۇچۇر مەنبەسى يوق ئىكەن،ئەرەپ تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى بىن لادېننىڭ قىزى دادىسىنىڭ ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئارمىيسى تەرىپىدىن تىرىك قولغا ئېلىنىپ، ئاندىن ئائىلە ئەزالىرى ئالدىدا ئېتىۋەتكەنلىكنى ئاشكارلىغان. بىن لادېننىڭ بۇ قىزى بۇيىل 12 ياشتا بولۇپ، قولغا ئېلىنغاندا تۇرالغۇنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدە ئىكەن، ئۇ پاكىستان تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلغاندا ئۇلارغا بىر پارچە خەتنى تاپشۇرۇپ بەرگەن. پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى نەق مەيدانغا يىتىپ بارغاندا، ئوق تىگىپ تىتما-تىتما بولۇپ كەتكەن 4 جەسەت، 2 ئايال ۋە 6 كىچىك بالىنى كۆرگەن، بۇ بالىلار 2ياشتىن 12 ياشقىچە ئارىلىقتا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىن لادېننىڭ بۇ قىزىمۇ بار ئىكەن. پاكىستان بىخەتەرلىك تارمىقىدىكى بىر كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، بىن لادېننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىر پاكىستاننىڭ شەرقي شىمالىدىكى لاۋارپىندى شەھىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەن، ئۇلار شەھەردىكى بىر ھەربىي دوختۇرخانىدا داۋالىنىدىكەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ پۇتى بەزىلىرىنىڭ مۈرە قىسمى يارىلانغان ئىكەن، قولغا ئېلىنغان بىر ئايالنىڭ بىن لادېننىڭ ئايالى يەنە بىر ئايلنىڭ بىن لادېننىڭ شەخسىي دوختۇرى ئىكەن، ئېنىقلىنىشىچە، بىن لادېن ئىلگىرى ئېغىر بۆرەك كىسىلىگە گىرىپتا بولغان ئىكەن.
ئاق ساراي:ئاففانىستان سېتراتىگىيسى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ
شىنخۇ ئاگىنتلىقنىڭ3-ماي خەۋىرى: ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئاففانىستان سېتراتىگىيىسى «بازا»تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشى بىلەن ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ، بۇيىل7-ئايدىن باشلاپ ئەسكەر يۆتكەش خىزمىتى باشلىنىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
مەنبە: news.qq.com
2011-05-05 07:36
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-6 11:58:35 ئۇقۇلۇشى: 972 قېتىم] |
|