بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كىچىك بوش ناھايىتى ئۆچمەنلىك بىلەن، بىن لادېن تىرىك بولسا ئۆزىنى، ئۆلۈك بولسا جەسسىدىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىلىقلار ئاخىرى بىن لادېننىڭ ئۆلۈمىنى كۆردى.
شۇ يەر ۋاقتى 1-ماي كەچتە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما «ئەلقائىدە تەشكىلات» نىڭ رەھبىرى بىن لادېننىڭ شۇ كۈنى پاكىستاندا ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. پاكىستان ئاخبارات ئەمەلدارىمۇ ئوخشاش بىر كۈندە بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلىدى.
«11-سىنتەبىر» ۋەقەسىدىن كېيىن، بىن لادېن ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ئىزچىل ھالدا قوغلاپ تۇتۇشلاردىن يۇشۇرۇنۇپ، قېچىپ يۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يۈرىكىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالغاندى. بىن لادېننىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى ئاشكارلانغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ئامېرىكا خەلقى ئاقساراي ئەتراپىدا، بىن لادېندىن ئىبارەت بۇ ئورتاق دۈشمىنىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى.
لېكىن ئادەم بۇ باي سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان كىشىنىڭ قانداق بولۇپ، تېرورچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئويلانماي قالمايدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ توپلىغان بىرقىسىم ماتېرىياللىرىدا تەسۋىرلىنىشىچە،بىن لدى دۇنياغا كەلگەن جەمەتنىڭ دائىرىسى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، تەسىرىمۇ كۈچلۈك ئىكەن. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەھبىرى بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن ئىكەن.
بىن لادېننىڭ دادىسى ئىلگىرى 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى تۇنجى نىفىت ئاچقۇچى بولۇپ، شۇ يەردىكى كۆرىنەرلىك قۇرۇلۇش سودىگىرى ئىكەن. 1957-يىلى تۇغۇلغان بىن لادېن كىچىكىدىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شاھزادىلىرى بىلەن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان بولۇپ، 15 يېشىدىلا ئۆزىنىڭ ئاتخانىسى بولغان.
بىراق 52 ئاچا-سىڭىللار ئىچىدە 17-چىسى بولغان بىن لادېننىڭ باشقا قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى غەرىب دۆلەتلىرىگە بېرىپ ئوقۇغان بولۇپ، بىن لادېن ئەزەلدىن غەرىب مائارىپىنى قۇبۇل قىلىشنى خالىمايدىكەن. ئۇ ئابدۇللا خان ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. بۇ كەچۈرمىشلىرى بىن لادېننىڭ غەرىب دۆلەتلىرىگە بولغان ئۆچمەنلىك ئىدىيىسىنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىلىۋاتىدۇ. ئالىي مەكتەپتە ئۇقىۋاتقان چاغلىرىدا بىن لادېننىڭ ئىسلام تەشكىلاتى بىلەن ئالاقىسى قۇيۇق ئىكەن.
1979-يىلى سوۋىت ئىتىپاقى ئافغانىستانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا بىن لادېن ئافغانىستانغا كېلىپ، «غازاتچىلار» ئەتىرىتىگە قاتنىشىدۇ ۋە ئۇلارنى مەشىق خىراجىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇنداق قىلىپ ناھايىتى تېزلا ئافغانىستاندىكى «غازاتچىلار» ئەتىرىتىنىڭ رەھبىرىگە ئايلىنىدۇ. 1998-يىلى بىن لادېن ۋە «غازاتچىلار» ئەتىرىتى «ئائېريىدا» ناملىق قۇماندانلىق شىتاتى قۇرۇپ، مەخسۇس غازاتچىلارنى تەربيلەيدۇ. بىراق، بىن لادېننىڭ نىشانى ھەرگىزمۇ پەقەتلا سوۋىت ئىتتىپاقىنى ئافغانىستاندىن قوغلاپ چىقىرىش بولماستىن بەلكى، زوراۋانلىق ۋاستىسى بىلەن ئىسلام دۇنياسىنى ئۆزگەرتىش ئىدى.
بىن لادېننىڭ ئافغانىستاندىكى ھەركىتىگە ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ياردەم بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى سوۋىت ئىتتىپاقىغا قارىشى «غازاتچىلار» تەشكىلاتىنى ئوق-دورا، قورال-ياراغ ۋە مەبىلەغ بىلەن تەمىنلىگەن. بىراق ئامېرىكىلىقلار 10 يىلدىن كېيىن ئامېرىكا ياسىغان بۇ قۇرال-ياراغلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىك ئۇچارلىرىغا زەربە بېرىشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
1990-يىلى ئىراقنىڭ كۈۋەيىتكە ھۇجۇم قىلىشى بىن لادېن ھاياتىدىكى مۇھىم بۇرۇلۇش نوقتىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بېن لادىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قۇرال-ياراغ ۋە ھەربىي كۈچ جەھەتتە ياردەم بېرىدىغان ۋاقىتتا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچىرايدۇ.
بۇ ئىشنى بىن لادېن ئىسلامى بۇرۇچقا قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ئاسىيلىق دەپ ھېساپلاپ، سوداندىن چىقىپ كەتكەن. ئۇ يەردە بىن لادېن «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نى مالىيە ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى. 1992-يىلى بولسا 500 نەپەر پاكىستاندىن قوغلاپ چىقىرىلغان «غازاتچىلار» نى ياردەمگە بەردى.ئامېرىكا تەرەپ شۇ يىلى سۇمالىدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىمىنىڭ يەمەن مېھمانخانىسى پارتىلىتىش ۋەقەسىنىمۇ ، بىن لادېننىڭ كونتىروللىقىدا يۈز بەرگەن ۋەقە دەپ قارىغان. بىراق، مىسىر مۇخبىرى دەرۋىشنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ ۋاقىتتا بىن لادېن ھېچقانداق مەنىۋىي جەھەتتىكى ياردەم بىلەن تەمىنلىمىگەن. پەقەت ناھايىتى مۇرەككەپ ئۇسۇل بىلەن، يەمەندىن ئالبانىيىگىچە سۇزۇلغان پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسى ئارقىلىق بۇ تەشكىلاتنى ئارقا سەپتىن قوللىغان.
1994-يىلغا كەلگەندە ، بىن لادېن سۇداندا يېڭى بازىسىنى قۇرۇشقا باشلىغان. بىراق بۇ ۋاقىتتا، ھۆكۈمەت بىن لادېننىڭ بارلىق مۈلكىنى توڭلىتىپ، ئۇنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىغان. ھەتتا ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ يەمەندىكى بۇ پارتىلاش يۈز بەرگەندىن كېيىن، بېن لادېننى ئاشكارە ھالدا ئەيىپلىگەن. 1995-يىلى لىياتتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ بازىسىنى پارتىلىتىش ۋەقەسى ۋە 1996-يىلدىكى دالېندىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى بازىسىنى پارتىلىتىش ۋەقەسى بىن لادېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
1996-يىلى بىن لادېن بىلەن تالىبانلارنىڭ قۇرۇغۇچىسى ئۆمەرنىڭ بىرلىشىشى بىن لادېننىڭ قوللىغۇچىلىقتىن رەھبەرگە ئايلىنىشىدىكى مۇھىم قەدىمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بىن لادېن ئامېرىكىغا قارىشى «غازات ئۇرىشى خىتابنامىسى» دە «مۇسۇلمانلارنىڭ ئامېرىكىغا بولغان غەزەپ ئۇتى يامىرىماقتا» دىگەن ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشى ئارقىلىق ئامېرىكىغا قارشى تۇرشنى چاقىرىق قىلغان ئىدى. شۇ يىلى، ئامېرىكىنىڭ كېنىيە ۋە تانزانىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بومباردىمان قىلىنىپ، 200 دىن كۆپىرەك ئادەم ئۆلگەن ئىدى. ئامېرىكا تەرەپ بۇنى بىن لادېن پىلانلىغان دەپ قارىدى.
ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى تارتقان بىن لادېن دەسلەپتە ئىسلام ھەركىتىنى قوللىغۇچى دەپ قارايتتى. ئۇزاق مەزگىلگىچە ئۇ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ دىققىتىنى تارتمىغان ئىدى. 1996-يىلى بىن لادېن «غازاتچىلار ئۇرۇشى خىتاپنامىسى»نى ئېلان قىلىشى بىلەن ئۇ ئامېرىكا بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە فىدىراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق جىنايەتچىسى بولۇپ قالدى.
1999-يىلى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نى ئامېرىكا خەلقىگە ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىۋاتقان خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئاشكارلىدى. «11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن بىن لادېن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنبىر ئاساسلىق دۈشمىنى بولۇپ قالدى. شۇ ۋاقىتتا كىچىك بوش مۇنداق دېگەن ئىدى :« ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇنۇ ئىككىدىن بىرنى تاللىشى كېرەك: ئامېرىكا بىلەن دوس بولامدۇ ياكى تېرورچىلار بىلەن دوس بولامدۇ؟» .
«11-سىنتەبىر ۋەقەسى» يۈز بېرىپ بىرقانچە ھەپتىدىن كېيىن بىن لادېن تۇنجى قېتىم بۇ ۋەقەنى قوزغىغانلىقىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيىتتى. شۇنىڭدىن كېيىن بىن لادېن ئىسلام بۆلگۈنچى كۈچلىرى ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى ئىناۋەتكە ئېرىشتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك ئىستىراتىگىيىسىنى تەڭشەشنى قانات يايدۇردى.
شۇنىڭدىن كېينىكى 10 يىلدا ئامېرىكا ۋە غەرىب دۆلەتلىرى ئىزچىل ھالدا ئافغانىستاندا تېرورچىلىققا قارشى ئۇرۇش قىلدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تالىبانلار ۋە «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نى يۇقىتىپ، بىن لادېننى قوغلاپ تۇتۇش ئىدى. مۇشۇ مەزگىلدە بىن لادېننىڭ ئۆلگەنلىكى توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان يالغان خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.
2004-يىلى ئىران دۆلەت رادىئو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسى بىن لادېننىڭ ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ دۇنيانى ھەرقايسى جايلىرىدىكى چوڭ-چوڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى دەرھال بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ خەۋەرنى تارقىتىشقا باشلىغاندا، ئامېرىكا ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.
2006-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى فىرانسىيە يەرلىك گېزىتى بولغان «شىمالىي قىسىم دىمكۇراتىيە گېزىتى» دا بىن لادېننىڭ يارلىنىش سەۋەبى بىلەن 8-ئاينىڭ 23-كۈنى پاكىستاندا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. بۇ خەۋەردىن كېيىن فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.
بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بەزى خەۋەرلەردە، بىن لادېننىڭ دىئابىت كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغاچقا، ھە داۋالاش كەمچىل بولغاچقا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئېيتىلغان ئىدى.
بۇ قېتىم ئامېرىكا تەرەپنى دىگىنى بويىچە ئېيىتقاندا ، بىن لادېن ھەقىقەتەن ئۆلدى.
ئامېرىكا گەرچە بىن لادېننىڭ ئۆلگەنلىكىدىن خوشال بولغان بولسىمۇ، لېكىن «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» ئەزالىرىنىڭ ئۆز ئېلىشىدىن يەنىلا ئەنسىرەيتتى. ئوباما تېلۋىزىيە نۇتىقى سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى:« بىن لادېننىڭ ئۆلگەنلىكى ھەرگىزمۇ بىزنىڭ خىزمىتىمىزنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ ئەزالىرى بىزدىن ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بىز دۆلەت ئىچى-سىرتىدا ھوشىيارلىقنى قاتتىق ئۆستۈرىشىمىز كېرەك».
«11-سىنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن بىن لادېن ۋە «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ تەسىرى خۇددى 21-ئەسىردىكى سىياسى يۇقۇملۇق كېسەلگە ئوخشاش ھەممە يەرگە يامىراپ كەتتى. «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ زادى قانچىلىك ئەزاسى بار؟ بۇ ئەزالار زادى قانچە دۆلەتكە سىڭىپ كەتكەن؟ بىن لادېن ئېيىتقاندەك ، ئۇنىڭ بىئو-خىمىيىلىك قوراللار بىلەن قوراللاندۇرىۋاتقان «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» ھەققىدە تېخىچە ئېنىق خەۋەر يوق ئىدى.