جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 4-ماي خەۋىرى: ئىراقتا 5-ئاينىڭ 4-كۈنى كۆپ قېتىم زوراۋانلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم قازا قىلغان بۇنىڭ ئىچىدە، باغدادتىكى يول بويىدا بومبا پارتىلىتىش ۋەقەسىدە 3 ئادەم قازا قىلغان.
پارتىلىتىش ۋەقەسى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، 3 پۇقرا يارىلانغان.
بۇنىڭدىن باشقا، باغدادنىڭ شىمالى رايونىدا، بىر نەپەر قاتناش ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئېتىۋېتىلگەن. شۇ كۈنى يەنە بىر ساقچىمۇ قورال ئارقىلىق ئېتىۋېتىلگەن.
2006-يىلى ۋە 2007-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىراقتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ سانى خېلى چوڭ دەرىجىدە ئازلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا پات-پات يۈز بېرىپ تۇرغان، ساقچى تەرەپنىڭ سىتاستىكىسىغا قارىغاندا، بۇ يىل 4- ئايدا جەمئىي 211 قېتىم زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن.