ساركۇزىنىڭ ئايالى«قوشكېزەك» كە ھامىلداركەن |
جۇڭگو ئاارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرى: يېقىندافرانسىيە بىرىنچى خانىمى بىرۇنىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقى ھەقىدىكى خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، 44 ياشلىق برۇنى«قوشكېزەك»كە ھامىلدار بولغان بولۇپ، بۇ يىل 10 ئايلاردا تۇغىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، فرانسىيە بىرىنچى خانىمى بىرۇنى ئىلگىرى داڭلىق مودىل بولغان بولۇپ، 2008-يىلى 56 ياشلىق فرانسىيە زۇڭتۇڭى ساركۇزى بىلەن توي قىلغان ھەمدە توي قىلغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئۇنىڭ ئۈچۈن بالا تۇغۇپ بېرىش ئارزۇسىدا بولغان، نۆۋەتتە يېقىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرىۋېتىپتۇ. ئىگىلىنىشىچە، بىرۇنى يېقىندىن بېرى بەدەن ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تاماكا تاشلاشقا باشلىغان،بۇ ئەھۋال ئۇنىڭ ھامىلدارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بىرۇنى يېقىندا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىدە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، مۇخپىر ئۇنىڭدىن :« سىز ھامىلدار بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟»دەپ سورىغان. بىرۇنى:«مېنىڭ ئائىلەمگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرمەسلىكىمگە روخسەت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن ئادەتتە ئاياللار بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئائىلە تۇرمۇشۇم، غايىلىرىم ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن، مەن پاراڭلىشىشقا ئامراق»دەپ جاۋاب بەرگەن. بىرۇنى دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى توختىتىپ، ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىققا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى مەخپىي تۇتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئۇ:«مەن ئېغىزىمنى چىڭ تۇتۇشۇم كېرەك، بولۇپمۇ بۇ ئىش بىر جانغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا مەن بۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيمەن» دېگەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرۇنىنىڭ ھامىلدارلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئۆتكەن ھەپتە ئالدى بىلەن «Closer» ژورنىلى تەرىپىدىن ئاشكارلانغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خەۋەرلەر ژورنىلى VSD ساركۇزىنىڭ ياردەمچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، فرانسىيە بىرىنچى خانىمىنىڭ ھامىلدارلىقىنىڭ راستلىقىنى ئىسپاتلىيالايدىغانلىقىنى ئېيتقان. كېلەر يىلى 5-ئايدا، فرانسىيەدە زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى، ئەگەر بىرۇنىنىڭ ھامىلدارلىقى راست بولسا، ساركۇزىنىڭ سايلىنىشىغا پايدىلىق دەپ قارىغان. فرانسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى بىرۇنىنىڭ ھامىلدارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلغان. تۇنۇشتۇرۇلىشىچە، بىرۇنىنىڭ مۇھەببەت تارىخى ئۆزگىچە بولۇپ، ئالدىنقى ئوغۇل دوستىدىن بىر بالىلىق بولغان ئىكەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-5 10:20:18 ئۇقۇلۇشى: 448 قېتىم] |
|