لادېننىڭ ئۆلۈمى ئوبامانىڭ خەلق ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتىنى ئاشۇردى |
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقى 3-ئاپرېل تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ئارمىيەسى بازا تەشكىلاتىنىڭ كاتتېبىشى بىن لادېننى ئېتىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوبامانىڭ قوللاش نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشقان . بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئوبامانىڭ نۆۋەتتكى قوللاش نىسبىتى %56 گە ئۆرلەپ ، بۇ ئاپرېلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %10 پوئېنىت ئاشقان .
پىۋ تەتقىقات مەركىزى بىلەن ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %56 ئامېرىكىلىق ئوبامانىڭ خىزمەتلىرىنى قوللايدىكەن ، پەقەت %38 ئادەم بۇنىڭغا قارشى پىكىردە ئىكەن. ئاپرېلدا بۇ ئىككى خىل سانلىق مەلۇمات ئايرىم–ئايرىم ھالدا %47 ۋە %45 بولغان . نۆۋەتتىكى بۇ ئېشىش ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بۇش بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن ، 2003–يىل 12–ئايدا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سادامنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ، بۇشنىڭ خەلق ئىچىدىكى قوللاش نىسبىتى % 50 دىن % 75 گە ئۆرلىگەن .
دوكلاتتا، بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، ئوباما تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى ، ئۇلار ئوبامانىڭ ‹‹ئاممىۋى ئاساسىي›› دەپ كۆرسىتىلدى.
600 دىن ئارتۇق ئادەمدىن ئەھۋال ئىگەللەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا ، لادېننىڭ ئۆلۈمى كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلارنى خۇشال قىلغان . %72 ئامېرىكىلىق لادېننىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن ‹‹خاتىرجەم ››تۇيغۇدا بولغان، %68 ى ‹‹پەخىرلىنىش ››، %58 ى ‹‹خۇشال بولۇش››تۇيغۇسىدا بولغان ، پەقەت %16 ئادەملا لادېننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىدىن ‹‹قورقۇش ››ھېس قىلغان .
نۇرغۇن كىشىلەر لادېننىڭ ئۆلۈمى ئوبامانىڭ داۋاملىق ۋەزىپە ئۆتۈشىگە ياردىمى بولىدۇ دەپ پەرەز قىلدى. ئاقساراي ۋە ئوباما پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ئۇستىلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ‹‹تېررورلۇققا قارشى جىگەرلىك ئەزىمەت››ئوبرازىنى نامايان قىلدى .
‹‹11–سېنتەبىر ۋەقەسى ›› ئامېرىكىلىقلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتتى ۋە كىچىك بۇشنىڭ 2004–يىلدىكى زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم قىلدى ، بەزى مۇتەخەسسىسلەر، لادېننىڭ ئۆلۈمى ‹‹11–سېنتەبىر ۋەقەسى ››بىلەن ئوخشاش ئوخشاش ئۈنۈم كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىدى ، ئەمما يەنە بىر قارشى مىسال شۇكى ، 1991–يىلى بىرىنچى قېتىملىق دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسىدىن كېيىن، چوڭ بۇشنىڭ قوللاش نىسبىتىمۇ ئاشقان، ئەمما بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئۇ يەنىلا كىلىنتونغا ئۇتتۇرۇپ قويغان.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-5 10:19:26 ئۇقۇلۇشى: 340 قېتىم] |
|