ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 5-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى خەۋىرى: ئاففانىستان ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاففانىستان بىخەتەرلىك ئەترىتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى كەچتە ئاففانىستاننىڭ شەرقىي قىسىم رايونىدا قانۇنسىز چىگرىدىن كىرگەن 25 نەپەر قوراللىق ئونسۇرنى ئېتىۋەتكەن.
ئاففانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نۇرىستان ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بىر توپ قوراللىق ئونسۇرلار ئىچىدە ئەرەپ ۋە پاكىستانلىقلار بار ئىكەن.«بازا» تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئاففانىستان قوراللىق ئونسۇرلارنىڭ چىگرا ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمى قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوغدىنىش خىزمەتلىرىنى يۈرگۈزگەن.
ئاففانىستان ئەمەلدارى:« بىز ھەرىكەت قوللىنىپ ھەرقانداق قوراللىق ئونسۇرنىڭ چىگرىدىن قانۇنسىز كىرىشىنى توسۇيمىز، نۆۋەتتە 25 نەپەر قوراللىق ئونسۇر ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى»دەپ كۆرسەتكەن.