پېرۇ زۇڭتۇڭى خوتۇنى بىلەن مەخپىي ئاجراشقىلى ئىككى يىل بوپتۇ |
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پېرۇ ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 30-ئاپرېل دېيىشىچە، پېرۇنىڭ «بىرىنچى خانىمى» پىلار نولىيسو زۇڭتۇڭ ئالەن گاركىيا بىلەن نىكاھتىن ئاجراشقىلى ئىككى يىل بولغانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. گاركىيا بۇ يىل 5-ئايدا 51 ياشقا كىرىدىكەن، 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن ئىكەن. ئۇ 2006-يىلى يەنە بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىنىپ، بۇ مەزگىلىدە ئىقتىسادشۇناس ئېلزابىت بىلەن 18 ئاي مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان. بۇ ئىككىيلەننىڭ بىر بالىسى بار ئىكەن. 30-ئاپرېل پىلارنىڭ پېرۇ «سودا گېزىتى» گە دېيىشىچە، ئۇ گاركىيە بىلەن بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئوڭشىماقچى بولغان بولسىمۇ «بىراق ئۈنۈمى بولمىغان». ئۇنىڭ دېيىشىچە، نىكاھتىن ئاجرىشىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولغان تەپسىلاتلا «پۈتۈنلەي شەخسىي سىرغا تەۋە» ئىكەن. پىلار بۇ يىل 51 ياش، كۆپ يىل ئاياللار ۋە بالىلار خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان، گاركىيادىن بولغان تۆت بالىسى بار. پېرۇ مۇشۇ ئاينىڭ 10-كۈنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، پېرۇ مىللەتچىلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ۋۇمالا ئېرىشكەن بېلەت سانى ئەڭ يۇقىرى بولسىمۇ بىراق يېرمىدىن ئاشمىغان، سابىق زۇڭتۇڭ Fujimori نىڭ جىيەن قىزى Keiko Fujimori ئىككىنچى قېتىملىق رىقابەتكە كىرگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-2 13:09:49 ئۇقۇلۇشى: 258 قېتىم] |
|