چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاقساراينىڭ دىيىشىچە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما شۇ جاي ۋاقتى 1-ماي كەچ سائەت 10:30 دا (بېيجىڭ ۋاقتى 2-ماي چۈشتىن بۇرۇن 10:30 دا) تېلېۋىزور ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە نۇتۇق سۆزلەيدىكەن.
ئاقساراي ئەمەلدارلىرى ئوبامانىڭ نۇتۇقىنىڭ ئاساسى تىمىسىنى ئاشكارلاشنى رەت قىلغان، لىكىن ئۇختۇرۇش ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنكى بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مەملىكەتلىك چوڭ نۇتۇق سۆزلىشى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەپتە ئاخىرى كەچكە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، ناھايىتى ئاز ئۇچىرايدىكەن.