ئەنگلىيەنىڭ يېڭى خانىشى قىلسا بولمايدىغان 10 خىل ئىش |
1. «كەيتى» دەپ ئاتالسا بولمايدۇ. كەيتى نىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى رەسمىي مەرتىۋە نامى «ۋېليام ۋېلش خانىش ئالىلىرى» بولىدۇ. 2. سايلامغا قاتناشسا بولمايدۇ خان ئوردىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشى ھوقوقى بولىدۇ، لىكىن ئۇلار ئادەتتە سايلامغا قاتناشمايدۇ، چۈنكى بۇ ئادەتلەرگە ماس كەلمەيدۇ، ھەم ئادىللىقنى ساقلىغىلى بولمايدۇ. 3. سىياسىي رىقابەتكە قاتناشسا بولمايدۇ سەۋەبى ئۈستىدىكىسى بىلەن ئوخشاش. 4. ئاممىنىڭ دېققەت نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. خان ئوردىسى ئەنگلىيەدىكى ئەڭ «بىنورمال» ئائىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر خىل يوشۇرۇن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ «ھەسەن-ھۈسەندەك رەڭگارەڭ» باھالىرىدىن قېچىپمومۇ قۇتۇلالمايدۇ، شۇڭا ئۇلار دائىم ھەر خىل ئۆسەك سۆزلەرنىڭ ھۇجۇم ئوبىكتى بولۇپ قالىدۇ. 5. «بايۋەتچىلەر ئويۇنى» ئوينىيالمايدۇ چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، خان ئوردىسى ئەزالىرى «بايۋەتچىلەر ئويۇنى» ئوينىسا بولمايدىكەن، چۈنكى بۇ بەك «ناچار» ھېساپلىنىدىكەن. لىكىن بۈگۈنگىچە روژدېستۋو بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا خان ئوردىسى ئەزالىرىنىڭ قانداق «ئويۇن» ئوينايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. 6. ھەر قانداق تالاش-تارتىش پەيدا قىلىدىغان ئىش-ھەرىكەت ۋە سۆزلەرنى قىلسا بولمايدۇ. بۈگۈنگە قەدەر كەيتى بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى قىلىۋاتىدۇ، تېخى ھېچكىمگە بىرەر «ئىشى» نى تۇتقۇزۇپ قويۇپ باقمىدى، پەقەت ئۇ تويلىشىشقا كېلىشكەندىن كىيىنكى بىر قېتىملىق ئاشكارە سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ناھايىتى مەخپى ھالدا قاتتىق مەشىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇڭا كىيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى ئالدىرىماي كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. 7. قاپلىق سۇ جانلىقلىرىنى يىيەلمەيدۇ خان ئوردىسى ئەزالىرى قاپلىق سۇ جانلىقلىرىنى يىيەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار زەھەرلىنىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. 8. خىزمەت قىلسا بولمايدۇ خان ئوردىسى ئەزالىرى ئانچە-مۇنچە باشقا ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىغان بولسا، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ، شۇڭا چارلېس شاھزادىنىڭ «ئىشتىن سىرتقى خىزمەت پىلانى» مۇ مۇشۇ سەۋەپتىن مەغلۇپ بولغان. 9. ھۆكۈمەت ھۆججىتى بولمىغان ھەرقانداق ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويسا بولمايدۇ قالايمىقان ئىمزا قويماسلىق باشقىلارنىڭ ئىمزادىن قانۇنسىز پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولىدۇ. كارىيا ساھزادا دەل مۇشۇ خاتالىقنى سادىر قىلغان، ئۇ بېلىكى سۇنۇپ كەتكەن بىر بالىنىڭ قولىدىكى گىپىسقا ئىمزا قويۇپ بەرگەن. 10. ئايال پادىشاھ تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن تاماق يىيىشكە بولمايدۇ ئايال پادىشاھ تاماق يىيىشتىن توختىغاندىن كىيىن، ھەر قانداق كىشى چوقۇم توختىشى كېرەك. ئەگەر كەيتى نىڭ تاماق يىيىش سۈرئىتى ئايال پادىشاھتىن ئاستا بولسا، ئۇ چاغدا كەيتى خان ئوردىسىدا ئاچ قالىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-2 13:03:45 ئۇقۇلۇشى: 513 قېتىم] |
|