ئامېرىكا 80 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ قاتتىق بوران - چاپقۇنغا ئۇچرىدى |
ئوباما ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوننى كۆزدىن كەچۈرمەكتە .
ئامېرىكا ئەمەلدارى شۇ يەر ۋاقتى 4-ئاينىڭ 29 -كۈنى كۈچلۈك بوران - چاپقۇنلۇق ھاۋارايى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ 324 كە يەتكەنلىكىنى دەلىللىدى . ئامېرىكىنىڭ بوران - چاپقۇنلۇق ھاۋارايىغا ئۇچرىغان تارىخى ئىچىدە بۇ 80 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بوران - چاپقۇن ئاپىتى ھېسابلىنىدۇ . بۇ قېتىملىق بوران سەۋەبدىن ئالاباما شىتاتىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 228 ، مىسسىسسىپپى شىتاتىدا 34 ، ئاركانزاس شىتاتىدا 8 كە يەتتى ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېننېسسى شىتاتىدا 34 ، گېئورگىيە شىتاتىدا 15 ، ۋىرگىنىيە شىتاتىدا 5 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ ، ھازىرغا قەدەر 324 ئادەمنىڭ ئاپەت سەۋەبىدىن قازا تاپقانلىقى ئېنىقلاندى . خەۋەردە دىيىلىشىچە ، 1932 - يىلى 3- ئاينىڭ - 21- كۈنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدا قارا قۇيۇن سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 332 گە يەتكەن ، 1925- يىلى 3- ئاي مەزگىلىدە ئامېرىكىنىڭ 3 شىتاتىنى قاپسىۋالغان قارا قۇيۇن سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 747 گەيەتكەن ئىكەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-5-2 13:02:04 ئۇقۇلۇشى: 257 قېتىم] |
|