ئىراقتىكى بىر مەسچىت ھۇجۇمغا ئۇچراپ 12 ئادەم قازا قىلدى |
مەنبە: www.chinanews.com
2011-04-29 12:18
ئىراق ساقچى تەرەپنىڭ 28-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ شەرقىدىكى دىيالا ئۆلكىسىدە بىر مەسچىت شۇ كۈنى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، نۆۋەتتە 12 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 40 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىر ئىسمنى ئاتاشنى خالىمىغان بۇ ئۆلكىنىڭ ئەمەلدارى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق پارتىلىتىش بۇ ئۆلكىنىڭ مەركىزى Baquba نىڭ شەرقىگە 30 كىلومېتىر كېلىدغان جايدىكى بىر بازاردا شىئە مەزھىپىنىڭ مەسچىتىدە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىتپ ھۇجۇم قىلغۇچى مەسچىت ئىچىدە بەدىنىگە باغلىۋالغان بومبىنى پارتىلاتقان. ئەڭ يېڭى ئەھۋالغا ئاساسلانغاندا، پارتىلاشتا 12 ئادەم قازا قىلغان، 40 ئادەم يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، قازا قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شىئە مەزھىپىنىڭ مۇسۇلمانلىرى ئىكەن. ئىراق بىخەتەرلىق قىسمى نەق مەيداننى قامال قىلىپ، يارىلانغانلارنى جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان. 2003-يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراققا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراق ئەسكەرلىرى كۆپ قېتىم تازلىغان بولسىمۇ، بىراق دىيالا ئۆلكىسى «بازا» تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكىغا قارشى قوراللىقلار ئەڭ جانلانغان رايونلارنىڭ بىر بولۇپ قالدى. ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى 12 ئاينىڭ ئاخىرى تەشكىللەنگەندىن بۇيان، پۈتۈن دۆلەتتە ھەر خىل تۈردىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يەنىلا كۆپلەپ يۈز بەردى، چەت ئەلنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرى، ئىراق ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خەلقنى نىشان قىلغان قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇردى.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-4-29 20:14:22 ئۇقۇلۇشى: 591 قېتىم] |
|