جۇڭگو قاتارلىق ئالتە دۆلەت ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى |
ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فىرانسىيە، روسىيە، جۇڭگو ۋە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر 21-چېسلا تۈركىيەينىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا ئىران بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتنى باشلىغان بولۇپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ماھىيەتلىك ئىلگىرلىشىنى ھەل قىلماقچى ئىكەن. جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى ۋۇ خەيلوڭ يەتتە ئادەمنى باشلاپ سۆھبەتكە بارغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر مەلۇم دەرىجىدىكى ھەرىكەتچەنلىقىنى كۆرسىتەلىسە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت بەلگىلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىكەن. ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ6-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە، ئىران ئالتە دۆلەت بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ Geneva شەھىرىدە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغۇرسىدا سۆھبەتلەشكەن، لىكىن ئۇراننىڭ قويۇقلۇقى قاتارلىق ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئىككى تەرەپ كېلىشەلمىگەنلىكتىن، سۆھبەت ھېچقانداق ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. ئامېرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرى ئىزچىل تۈردە ئىراننىڭ تېنچ ھالدا يادرو ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىشنى باھانە قىلىپ يادرو قوراللىرىنى تەتقېق قىلغانلىقىنى ئەيىپلەپ كەلگەن، لىكىن ئىران يادرو ئىنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ھوقوقى بار دىگەن.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-1-22 14:53:20 ئۇقۇلۇشى: 732 قېتىم] |
|