نارات سەيلىگاھى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى شەرىپىگە ئېرىشتى |
14–يانۋار چۈشتىن بۇرۇن ، مەملىكەت بويىچە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا نام بېرىش يىغىنى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى . يىغىندا ، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى نارات سەيلىگاھىغا دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بەلگە تاختىسى ۋە گۇۋاھنامىسىنى تارقىتىپ بەردى . بۇ نارات سەيلىگاھىنىڭ رەسمىي ھالدا دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭدىكى بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن 4–مەنزىرە رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چى چۇڭچىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : نارات سەيلىگاھى قاناس ، بوغدا كۆلى ، تۇرپان بۇيلۇقتىن قالسىلا بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . كېيىنكى بەش يىلدا ، شىنجاڭ يەنە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سانىنى 10 غا ، كېيىنكى 10 يىلدا 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىنىڭ سانى 20 گە يەتكۈزىدۇ . ھازىر ، كۆكتوقاي ، قۇمتاغ قاتارلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنى 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييارلىق كۆرىۋاتىمىز .
ئىگىلىنىشچە ، ھازىرغىچە ، مەملىكەت بويىچە دۆلەتلىك 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى شەرىپىگە ئېرىشكەن سەيلىگاھلاردىن 95 ى بار ئىكەن .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2011-1-17 20:44:18 ئۇقۇلۇشى: 570 قېتىم] |
|