تۇنجى نۆۋەتلىك قەشقەر ساياھەتچىلىك تائام مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى |
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى31-ماي

ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەتچىلىك تائام مەدەنىيەت بايرىمى ۋە تۇنجى نۆۋەتلىك قەشقەر پوسكام ئالتۇن توغراق ، بەيجىيا گۆشچىلىك ساياھەت تائام مەدەنىيەت بايرىمى 30– ماي چۈشتىن بۇرۇن قەدىمىي شەھەر قەشقەردە باشلاندى .
بەش كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتكە ، تايلاند، كورىيە، بىرازىلىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە تەيۋەن قاتارلىق ئېلىمىزنىڭ 19 ئۆلكىسىدىن كەلگەن تاماق ئۇستىلىرى شۇنداقلا قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيە–شەھەر، يېزا–بازارلىرىدىن كەلگەن 200 دىن ئارتۇق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ۋە يېمەكلىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستىلارئۆزلىرىنىڭ بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ 1500 خىلدىن ئارتۇق تائام مەدەنىيتىنى نامايەن قىلدى . بۇنىڭ ئىچىدە مىللىتىمىزنىڭ تائاملىرىدىن ، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ پۈتۈن كالا تونۇر كاۋىپى ، پۈتۈن تۆگە تونۇر كاۋىپى ، بارچۇق موگۇسى ، قەشقەر شەھىرىنىڭ داڭلىق ئۈچ ئەۋلاد لەڭپۇلىرى ، يەكەننىڭ باچكا كاۋىپى ، يېڭىسارنىڭ پولىرى ، مەكىتنىڭ بېلىق كاۋىپى، كوناشەھەرنىڭ مۇنار كاۋىپى ، يوپۇرغىنىڭ قوۋۇرغا كاۋىپى قاتارلىق ھەر خىل مېزىلىك تائاملار رايونىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مىللىي تائام ماكانى ئىكەنلىگىنى ساياھەتچىلەرگە تونۇتۇپ ، رايونىمىزنىڭ تائام مەدەنىيىتىنى نامايەن قىلدى . . شۇ كۈنى 100 مىڭدىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن ئامما تائاملاردىن تېتىپ ھوزۇرلاندى .

مارالبېشى ناھىيسىنىڭ تۆت توننا ئېغىرلىقتىكى تۆگە تونۇر كاۋىپى ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە رام قىلىۋالدى
كوناشەھەر ناھىيەسى قاتناشتۇرغان ‹‹شىنجاڭدىكى 1–مۇنار كاۋاپ›› ساياھەتچىلەرنى ھەيران قالدۇردى








ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن ئۇستىلار ماھارىتىنى نامايەن قىلىشتى

ئېسىل نومۇرلار چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-6-13 19:13:47 ئۇقۇلۇشى: 309 قېتىم] |
|