| بۇلغارىيەدە ئەتىرگۈل بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى | 
 
 
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى             2010-يىلى8-ئىيۇن
 
  
  
6–ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ، گۈلچى دېھقانلار بۇلغارىيەدىكى ئەتىرگۈل جىلغىسى كازانلۇكتىكى ئەتىرگۈل باغچىسىدا گۈل ئۈزمەكتە 
   بۇلغارىيە ھەر يىلى ئەتىرگۈل جىلغىسىدىكى مۇھىم شەھەر كازانلۇكتا ئەتىرگۈل بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ . گۈلچى دېھقانلار گۈل ئۈزۈش ، ماي چىقىرىش ، ئەتىرگۈل مول ھوسۇلىنى تەبرىكلەش نامايىشى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ، ئەتىرگۈل بايرىمىنى تەبرىكلىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كازانلۇكنىڭ شەھەر بايرىمىنىمۇ تەبرىكلىشىدۇ . بۇ يىل بۇلغارىيەدىكى 107–قېتىملىق ئەتىرگۈل بايرىمى بولۇپ ، يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئەتىرگۈل بايرىمى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ ، بىر تۈرلۈك پېرېۋوت يارىتىدىغان ساياھەت تۈرى بولۇپ قالدى . 
  
6–ئىيۇن ، گۈلچى قىزلار بۇلغارىيەدىكى ئەتىرگۈل جىلغىسى كازانلۇكتىكى ئەتىرگۈل باغچىسىدا گۈل ئۈزمەكتە 
  
6–ئىيۇن  ، بۇلغارىيەدىكى ئەتىرگۈل جىلغىسى كازانلۇكتا ، ئەتىرگۈل خانىش ئەتىرگۈل بايرىمىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە  
  
كىشلەر گۈل بەرگى چېچىشىپ ، بايرامنى تەبرىكلىمەكتە
   
  
| [ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-6-9 18:28:24  ئۇقۇلۇشى: 249 قېتىم] |  
 
 |