ئەھمىيەتلىك توي ، ئۇنتۇلماس خاتىرە |
ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى ، فوتوسى : ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىدا خىزمەت قىلىدىغان ئەكرەم ئەركىن تۆۋەنگە چۈشۈپ ئىشلىگەن خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئۆز ئىدارىسىگە قايتىپ كەلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولغان بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ كۆڭلى يەنىلا ئۆزى نەچچە ئاي خىزمەت قىلغان ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، يېتىم–يىسىر ، مېيىپ كىشىلەردە قالغانىدى . ئۇ خىزمەت جەريانىدىمۇ بۇ كىشىلەرگە ئىزچىل ياردەم قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ ، ئاھالىلەر كومىتېتىدىن ئايرىلىپ ئۆز خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن ، بۇ كىشىلەر بىلەن بۇرۇنقىدەك ئالاقە قىلالمايۋاتاتتى . بىراق ئۇ ئەھمىيەتلىك ، كۆڭۈلدىكىدەك بىرەر ئىشنى قىلىپ ، بۇ ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەرنى يوقلاشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ يۈردى .
‹‹ توغرا ، مەن ئۆزۈمنىڭ توي قىلغان كۈنى بېرىپ ئۇلارنى يوقلاپ كېلەي ، ئۇلارمۇ توي خۇشاللىقىغا چۆمسۇن ! ›› ــ ئەكرەم ئەركىن ئۆزىنىڭ بۇ ئويىدىن ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ كەتتى . بىراق بۇ ئىشقا ئۇنىڭ بولغۇسى ئايالى ئابىدە ئۆمەر قوشۇلارمۇ ؟ قارشى چىقىپ قالسا قانداق قىلارمەن ؟ دېگەنلەرنى ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن ئەكرەم ئەركىن مۇۋاپىق پەيتنى تاللاپ ، بۇ ئىشنى ئابىدەگە ئېيتتى . ئابىدە بۇ ئىشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئەكرەمنىڭ مانا شۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشنى قىلىشنى ئويلىغانلىقىدىن نارازى بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، قەلبى چەكسىز سۆيۈندى ، ئەكرەمنى قوللىدى ، مەدەت بەردى .
2010–يىل 25–ئاپرېل ، ئەكرەم ئەركىن بىلەن ئابىدە ئۆمەرنىڭ توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈلدى . قىزنى كۆچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ، بۇ بىر جۈپ يېڭى توي قىلغان ياش نەچچە ئونلىغان قىز–يىگىتلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا رېستۇراندىن چىقتى .
ــــ ئۇزۇن توي ئاپتوموبىلى كۆرۈنمەيدىغۇ ؟
ــــ قىزنى زادى قايسى ئاپتوموبىل بىلەن كۆچۈرىدىغاندۇ ؟
دەل شۇ ۋاقىتتا ، ئاندا–ساندا غەلىتىلىك ھېس قىلغان سوئاللار ئاڭلىنىشقا باشلىدى . شۇ ۋاقىتتا ، ئاددىي بېزەلگەن كىچىك ئاپتوموبىلدىن بىرى كېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا توختىدى . بۇ ئىككى ياش قولداشلىرى بىلەن بىرلىكتە خۇشال ھالدا ئاپتوموبىلىغا چىقتى . قالغان قىز–يىگىتلەرمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان ئاپتوموبىللارغا چىقىپ يۈرۈپ كەتتى .
بەلكىم شۇ چاغدا بەزى قىز–يىگىتلەر زادى قەيەرگە بارىدىغاندىمىز دەپ ئەجەبلەنگەن بولۇشى مۇمكىن . بىراق بۇ ئىككى ياش ئۆزلىرىنىڭ تويىنى ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن قەۋەتلا خۇشال ئىدى . ئاپتوموبىللار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئىز بېسىپ مېڭىپ ، ئاخىرى ئۇلارنىڭ بارار جايى سايباغ رايونى جەنۇبىي دوستلۇق يولى كوچىسىغا جايلاشقان غەربىي شىمال يولى شىمالىي مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىغا يېتىپ كەلدى . ئەكرەم ئەركىن تۆۋەنگە چۈشكەن نەچچە ئاي جەريانىدا ئۆزىگە تونۇش بولۇپ كەتكەن بۇ يەرگە يەنە بىر قېتىم كېلىپ ناھايىتى ھاياجانلاندى . ئۇلار قىز–يىگىتلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا توي ناخشىسىنى ياڭرىتىپ ئاھالىلەر كومىتېتى يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى . يىغىن زالىغا قىپقىزىل پلاكات ئېسىلغان بولۇپ ، پلاكات ئۈستىگە ‹‹ يېڭى توي قىلغان ئەكرەم ئەركىن بىلەن ئابىدە ئۆمەرنىڭ مەھەللىمىزگە كېلىپ ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىن ھال سورىغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ›› دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى . بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى بۇ ئىككى ياشقا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن پلاكاتلارنىمۇ ئالدىن تەييارلاپ قويغانىدى . قىز–يىگىتلەر يىغىن زالىغا كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مەسئۇل خادىملىرى كۆپچىلىككە بۇ ئىككى ياشنىڭ كېلىش مەقسىتىنى ئۇقتۇردى ۋە ئاھالىلەر كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئۇلارغا چوڭقۇر رەھمىتىنى ئېيتتى . ئارقىدىن ئەكرەم ئەركىن سۆز قىلىپ ، ئۆزلىرىنىڭ كىچىككىنە كۆڭۈل سوۋغىسى ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئويىنىڭ بار ئىكەنلىكى ۋە بۈگۈنكىدەك پۇرسەتنى تاللاپ ئۇلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزگىلى كەلگەنلىكى توغرۇلۇق سۆزلىدى . ئارقىدىن بۇ ئىككى ياش ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان سەككىز كىشىگە يۈز يۈەندىن پۇل ، بىر خالتىدىن گۆرۈچ بېرىپ ، ئۆزلىرىنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۈزدى . بۇ كىشىلەر بۇ ئىككى ياشنىڭ ئۆزلىرىگە قىلغان غەمخورلۇقىدىن ناھايىتى خۇش بولدى ئۇلارغا چەكسىز رەھمەتلەرنى ئېيتتى ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئىناق بىر جۈپلەردىن بولۇپ ، بىر ئۆمۈر بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى . ئارقىدىن ئۇلار بىرلىكتە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى .
ئەكرەم بىلەن ئابىدە ئاھالىلەر كومىتېتىدىكى كىشىلەر بىلەن خوشلىشىپ ، بايا ئولتۇرغان ئاپتوموبىلغا چىقىپ رېستۇرانغا يۈرۈپ كەتتى . ئەسلىدە ئۇلار قىز كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىدىغان ئۇزۇن ئاپتوموبىل ئۈچۈن كېتىدىغان خىراجەتنى مانا شۇنداق ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ، يېتىم–يىسىر ، مېيىپ كىشىلەرنى يوقلاش ئۈچۈن ئىشلەتكەنىدى . ئۆزلىرى ئولتۇرغان كىچىك ئاپتوموبىلى ئۇلارنىڭ دوستلىرىنىڭ بولۇپ ، ئۇلار تويىنى ئاددىيغىنە ئۆتكۈزگەنىدى . رېستۇرانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ توينى ھاراق–شارابسىز ئۆتكۈزۈپ ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى .
مۇخبىردىن : ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلىرىنى ئاشكارلىماسلىق ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدە ئېلان قىلماسلىق توغرىسىدا چىڭ تۇرۇۋالغان بولسىمۇ ، بىراق مېنىڭ يېنىش –يېنىشلاپ چۈشەندۈرىشىم بىلەن ئاخىرى بۇ ئىشقا قوشۇلدى . چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا مىننەت قىلمايدۇ ، ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى تېخىمۇ خالىمايدۇ ، جەمئىيەتتە ئۆزىنى ئاشكارلىماي نۇرغۇن ساخاۋەتلىك ، ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشىلىرىمىز ناھايىتى نۇرغۇن . لېكىن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆگىنىشىگە ، ئۈلگە ئېلىشىغا ئەرزىيدۇ .
مەنبە:تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى
2010-يىلى26-ئاپرېل
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-28 19:28:04 ئۇقۇلۇشى: 408 قېتىم] |
|