News site - خەۋەرلەر - ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئەھۋال سوراش قائىدىلىرى - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆسمۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان ئى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:2011-يىللىق قۇربان ھېيىت كىچىلىكىدىكى نادىر ئىتوتلار
2011-يىللىق قۇربان ھې..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەخمىدى نىجات توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز
ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوناردىنخو ياۋرۇپا پۇتبول مەيدانغا قايتىپ كەلدى
لوناردىنخو ياۋرۇپا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنگىليە توپچسى بېكھامغا ياۋرۇپا لوڭقسى مۇسابىقسى نىسىپ بولماپتۇ
ئەنگىليە توپچسى بېك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوينىغا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
خەنزۇچە تورلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال– ئەھۋال سوراش قائىدىلىرى

 

        ئۆزئارا ئۇچراشقاندا، سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال ئەھۋال سورۇشۇش ھەر بىر  مىللەتتە بولۇشقا  تېگىشلىك ياخشى خىسلەتلەرنىڭ بىرى. ئادەتتە ئۇ ئۆرپ – ئادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۆرپ– ئادەت شۇ مىللەتنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىنى تەشكىل قىلغۇچى ئامىللارنىڭ بىرى. شۇڭا  بىز  مەلۇم بىر كىشىنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى سورىماي تۇرۇپلا، ئۇنىڭ كىيىم_ كېچەك، سالاملىشىش – كۆرۈشۈش يوسۇنلىرىغا قاراپلا، ئۇنىڭ قايسى مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز.

        ھەر  مىللەتنىڭ سالاملىشىش ئادىتى بىر – بىرىگە ئوخشاش  بولمايدۇ. مەسىلەن: زاڭزۇلار بىر – بىرىگە قاراپ تىللىرىنى چىقىرىدۇ. ياۋروپالىقلار ئۆزئارا ئۇچراشقاندا بېشىدىن شىلەپىسىنى ئېلىپ، باش  ئەككەندىن كېيىن‹‹ ياخشىمۇسىز ›› دېيىشىدۇ. ئۇيغۇرلار بولسا بىر بىرى بىلەن كۆرۈشكەندە،

     —ئەسسالامۇ ئەلەيكوم!

    —ۋەئەلەيكوم ئەسسالام!

      دەپ كۆرىشىدۇ. مانا  بۇ بىزنىڭ سالاملىشىش قائىدىمىز. سالاملىشىش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مۇناسىۋىتى بولغاچقا ، سالام بەرگۈچى:‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دېسە ، سالامنى قوبۇل قىلغۇچى:‹‹ ۋەئەلەيكوم ئەسسالام›› دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ۋە ‹‹ سالامەتمۇ سىز ، تىنچلىق تىلەيمەن›› دەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدۇ ۋە ‹‹ سالامەتمۇ سىز، ئەھۋالىڭىز ياخشىمۇ، بالا– چاقىلار ئامانمۇ ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھال– ئەھۋال سورايدۇ. ئادەمنىڭ ھاياتىدا سالامەتلىك ، تىنچلىق ، ئامانلىق ئىنتايىن مۇھىم . بىزنىڭ سالاملىشىش قائىدىمىزدە مانا  مۇشۇ مۇھىم نۇقتىنى ئاساس قىلىپ ، ياخشى تىلەك– ئارزۇلىرىمىزنى بىلدۈرگەنلىكىمىز، بىزنىڭ سالاملىشىشىمىزنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

      سالاملىشىش- كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر  پەزىلەت بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنىڭ باشلىنىش  نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە  مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى. شۇڭا ئاتا – بوۋىلىرىمىز ‹‹ سالام بېرىش پەرز، ئىلىك ئېلىش قەرز›› دەپ تونۇپ، بۇ ئىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت  بەرگەن. بۇ ياخشى پەزىلەتكە  ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىگىلەش، جارى قىلدۇرۇش ۋە   داۋاملاشتۇرۇش ياش  ئەۋلادلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى.

      لېكىن بىزنىڭ بەزى ياشلىرىمىز سالاملىشىش، كۆرۈشۈش، ئەھۋال سورىشىشنىڭ مىللى ئەنئەنىلىرىمىزنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇش بىلەن  بولغان ئالاقىسىنى ئانچە چۈشۈنىپ كەتمەيدۇ. شۇڭا بەزى چاغلاردا بۇنىڭغا رىئايە قىلمايدۇ، يوللاردا ئۇچراشقاندا ئۆزئارا  سالاملاشماي يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. بەزى ياشلار سالاملىشىش ئورنىغا باش  لىڭشىتىپ ياكى ھىجىيىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

     شۇڭا بىز  تۆۋەندە ئەدەپ– ئەخلاق بابىدا ئاتا – بوۋىلارنىڭ ئەڭ ياخشى تەۋەرۈكى بولغان سالاملىشىش، كۆرۈشۈش ۋە ھال ئەھۋال سورىشىشنىڭ قائىدە_ يوسۇنلىرى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

      ئادەتتە يېقىن دوستلار، تونۇش بىلىشلەر ئۆزئارا  ئۇچراشقاندا بىر – بىرى بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ، كۆرۈشۈپ، ھال ئەھۋال سورىشىپلا قالماي، بەلكى توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، سەپەرگە چىقىش، سەپەردىن قايتىش، مېھماندارچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن ئىشلاردا سالام ئارقىلىق ئۆزئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ. سالام ئارقىلىق ئۆزئارا بېرىش -كېلىش، دوستلۇق، ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىدۇ. شۇڭا بۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئالاقە ۋاستىسى.

      ئاۋۋال سالاملىشىش ھەققىدە توختىلايلى، سالاملىشىش— سالام بېرىش ۋە  ئىلىك ئېلىشدىن ئىبارەت  ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ، ئۇ خۇددى تارازىنىڭ ئىككى پەللىسىگە ئوخشايدۇ.

     سالاملىشىشنىڭ ئوبيېكتى ۋە  ئۇسۇلى مۇنداق: ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ھۆرمەت  قىلىدىغان مېھرىبان، قەدىردان دوستلىرىنى، ئۇرۇق– تۇققان، قوشنا – قۇلۇملىرىنى، ياشانغان كىشىلەرنى، ئۇستازلارنى ئۇچراتقاندا، قولنى كۆكرەككە قويۇپ، بېشىنى سەل ئىگىپ، خۇش چىراي بىلەن ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دېيىلىدۇ. ئىلىك ئالغۇچىمۇ خۇش  چىراي، مۇلايىم ئاۋاز  بىلەن ‹‹ ۋەئەلەيكوم ئەسسالام›› دەيدۇ. مۇنداق سالاملىشىش سۆزلىرىنى ئىشلەتكەندە سۆز مەنىسىنى بۇزۇشقا  بولمايدۇ. مەسىلەن: ‹‹ سالامىلەيكوم ›› ، ‹‹ ۋەئىلەيكە ›› دەپ ئىشلىتىلسە، بۇ سالاملىشىش سۆزىنىڭ ئەسلىدىكى لۇغەت  مەنىسىنى بېرەلمەيدۇ.

       سالاملىشىش ئاساسەن تۆۋەندىكى ئەھۋاللار ئاستىدا  ئىشقا  ئاشۇرىلىدۇ:1) كوچا – كويلاردا تونۇشلار بىلەن ئۇچراشقاندا:2)ھۆرمەتلىك ئادىمىنى كۆرگەندە:3) تونۇش بولمىسىمۇ، قېرى– پېشقەدەملەرنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە؛4) كۆپچىلىك جەم بولغان سورۇنلارغا  كەلگەندە، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش مۈمكىن بولمىغان جايلاردا ‹‹ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دەپ سالام بېرىپ ئۆتۈپ كەتسىلا كۇپايە، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، ئەھۋال سوراش ھاجەتسىز.

      سالاملاشقاندا كىمنىڭ بالدۇر  سالام بېرىشى دىققەت  قىلىشقا  تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ قائىدىسى مۇنداق: ئوقۇغۇچىلار  ئۇستازلارغا، يېشى كىچىكلەر يېشى چوڭلارغا، ئاتلىق ئادەم پىيادىلىكلەرگە، پىيادىلىك ئولتۇرغانغا، ئۆيگە كىرگەن كىشى ئۆيدىكىلەرگە، مەرتىۋىلىك كىشىلەر ئادەتتىكى كىشىلەرگە، مەنسەپدارلار  خىزمەتچىلەرگە ئاۋۋال سالام بېرىش كېرەك.

      يەنە تونۇش بولغان تەقدىردىمۇ تاپتىن چىقىپ كەتكەن، غەرق مەست، بەد قىلىق ۋە  ئالدامچى، لۈكچەكلەرگە ئادەتلەنگەن كىشلەرگە سالام بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق قىلىش ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇپ، ئىزا تارتقۇزۇپ، ياخشى يولغا  باشلاش ئۈچۈن تەنبىھ  بېرىش  رولىنى ئوينايدۇ.

      ئۆزئارا ھۆرمەت  يۈزسىدىن بالىلار  ۋە  ياشلار  چوڭلار  بىلەن ئۇچراشقاندا،‹‹  ئەسسالامۇ ئەلەيكوم›› دىن كېيىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ‹‹  ئانا، تاغا، ئاتا، ئاكا، ئاچا›› سۆزلىرىنىڭ قوشۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. لېكىن ‹‹ ھاكىم ، باشلىق ››  قاتارلىق ئەمەل سۆزلەرنى قوشۇشقا بولمايدۇ. بۇنى قوشۇپ ئاتاش  ھۆرمەت ئەمەس، خوشامەت  تۈسىنى ئالغان بولىدۇ. بىزدە ھازىر ‹‹ پالانى شۇجى›› ،‹‹ پالانى شەنجاڭ›› دەپ ئاتاشلار  كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق قىلىقلار باشلىقلاردا  ئالاھىدە  بولۇۋېلىش، خوشامەتكە بېرىلىش خاھىشىنى ئۆستۈرۈپ قويىدۇ، شۇنداقلا  ئەدەپ – ئەخلاق، ئۆرپ – ئادەت مىزانىغىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس.

     كۆرۈشۈش: بىز  كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا، سالاملىشىپلا قالماي، قول ئېلىپ كۆرۈشىمىز، قول ئېلىپ كۆرۈشكەندە سەمىمىي، ئوچۇق چىراي بولۇش، كۆزنى كۆزگە تىكىپ تۇرۇپ كۆرۈشۈش لازىم. بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە نائىلاج قول ئۇزىتىدۇ، بەزىلەر قولىنىڭ ئۇچىنى بېرىپ قويۇپ سوغۇق كۆرۈشىدۇ، مۇنداق قىلىشلارنىڭ ھەممىسى ھاكاۋۇرلۇق، ئەدەپسىزلىكنىڭ ئالامىتى، ئاداۋەتلىشىپ قالغان كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي كۆرۈشسە ئاداۋەت تۈگەپ، ئىتتىپاقلىق كۈچۈيىدۇ.

       خەلقىمىز  ئارىسىدا  ئۆزئارا كۆرۈشۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك شەكىللىرى بار:

     بىرىنچى، ئىككى قوللاپ كۆرۈشۈش: بۇنداق كۆرۈشۈش ئىسلام دېنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان كۆپچىلىك مىللەتلەرگە ئورتاق بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى بىر – بىرىگە بىرلەشتۈرۈپ بىر نەچچە قېتىم يېنىك قول سىقىشىدۇ، بۇ ئۆزئارا دوستلۇق، سەمىمىيلىكنىڭ ئىپادىسى.

      ئىككىنچى، قول بېرىپ كۆرۈشۈش: بۇ دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە ئورتاق بولغان غەرپچە كۆرۈشۈش ئۇسۇلى بولۇپ، خەلقئارا ئالاقىلاردا ئومۇملاشقان كۆرۈشۈش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل ھازىر  بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغىمۇ سىڭىپ، زىيالىيلار، ئىشچى– خىزمەتچىلەر، ياشلار ئىچىدە ئومۇملىشىپ كەتتى. قول بېرىپ كۆرۈشكەندە، ھەر ئىككى تەرەپ ئوڭ قولىنى بىر– بىرىگە ئۇزىتىپ، جۈپلەشتۈرگەندىن كېيىن يېنىك سىقىپ بىر  نەچچە قېتىم يەڭگىل سىلكىيدۇ. بۇنداق كۆرۈشكەندە بىر – بىرىنىڭ قولىنى قاتتىق سىقىپ ئاغرىتىش- قوپاللىق ۋە  ئەدەپسىزلىك بولىدۇ. قول ئېلىپ كۆرۈشكەندە، ئاياللار قول ئۇزاتمىغۇچە ئەرلەر قول ئۇزاتماسلىقى كېرەك. شۇنىڭدەك كۆرۈشۈش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، يامان نىيەت بىلەن ئاياللارنىڭ ئالقىنىنى غىدىقلاشقا، كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇۋېلىشقا  بولمايدۇ. بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئەدەپسىزلىك بولىدۇ.

      ئۈچۈنچى، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈش: قېرىنداشلار، يارۇ – دوستلار، ئۆزئارا قەدىردان كىشىلەر  ئۇزاق ۋاقىت ئايرىلىپ كېتىپ قايتا ئۇچراشقاندا قوچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. بۇنىڭ قائىدىسى: ئەرلەر بىلەن ئەرلەر، ئاياللار بىلەن ئاياللار، ئانا بىلەن بالا، ئانا بىلەن بالا ،ئاكا بىلەن ئۇكا، ئاچا بىلەن سىڭىل ، تەڭتۇش بىلەن تەڭتۈشلەر باغرىنى باغرىغا يېقىپ يېنىك قۇچاقلىشىدۇ، بىر – بىرىدىن ھال سورايدۇ . ياۋروپالىقلاردا  ئەرلەر بىلەن ئاياللار مەيلى ئۆز ياكى ياد بولسۇن، قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىۋېرىدۇ، لېكىن بىزدە ئەرلەر بىلەن ئاياللار قۇچاقلىشىپ كۆرۈشمەيدۇ. ھەتتا ئۆز ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ھاياسىزلىق بولىدۇ.

      تۆتىنچى، سۆيۈپ كۆرۈشۈش: ئاتا – ئانا بىلە بالىلار، ئاكا بىلەن ئۇكا، ئاچا بىلەن سىڭىل، ئەڭ يېقىن قېرىنداش، يارو– بۇرادەرلەر ئۇزاق كۆرۈشمەي كېيىن ئۇچراشقاندا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، بىر – بىرىنىڭ پېشانىسىگە ۋە ئىككى مەڭزىگە سۆيىدۇ. لېكىن ئېغىزغا سۆيۈشكە بولمايدۇ. ئېغىزغا سۆيۈش بىر تەرەپتىن تازىلىق قائىدىسىگە خىلاپ قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆرپ – ئادەتكە  توغرا  كەلمەيدۇ.

      بەشىنچى، ئاياللار  بىلەن ئاياللارنىڭ كۆرۈشۈشى؛ ئۇرۇق– تۇققان ۋە  ئۆزئارا يېقىن بولغان ئاياللار  كۆرۈشكەندە بىر– بىرىنى يېنىك قۇچاقلاپ مەڭزىنى مەڭزىگە ياقىدۇ. يېشى چوڭراق ئاياللار قىزلار  بىلەن كۆرۈشكەندە پېشانىسىگە ياكى مەڭزىگە سۆيۈپ قويىدۇ. ناتونۇش ياكى ئانچە تونۇش بولمىغان ئاياللار  بىر– بىرى ىلەن كۆرۈشكەندە ، ھەر ئىككى تەرەپ قولنىڭ ئۇچىنى بىر- بىرىگە تەككۈزۈپ، بېشىنى ئالدىغا  سەل ئېگىپ، ئامانلق سورىشىدۇ.

      ئالتىنچى، چوڭ ياشلىق كىشىلەر  بىلەن بالىلارنىڭ كۆرۈشىشى: چوڭ ياشلىق كىشىلەر ئۆز  يېقىنلىرىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا ، قائىدە بويىچە چوڭلار بىلەن كۆرۈشكەندىن تاشقىرى بالىلارنىڭ روھىنى ئۆستۈرۈش ۋە  ئۇلارغا  كۆرۈشۈش  قائىدىسىنى ئۆگىتىش ئۈچۈن، بالىلار  بىلەنمۇ كۆرۈشۈش لازىم. بۇنىڭ ئۇسۇلى بالىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇش ياكى باش كۆزلىرىنى سىلاپ قويۇشتىن ئىبارەت. قول ئېلىشىپ كۆرۈشسىمۇ بولىدۇ. لېكىن چوڭلار  قول ئۇزاتمىسا، كىچىكلەر قول ئۇزاتماسلىقى كېرەك.

      تەكەللۇپ سۆزلىرى: سالاملىشىش ۋە  كۆرۈشۈشتە ھال سوراش مەنىسىدىكى بىر  مۇنچە تەكەللۇپ سۆزلىرى بولۇپ ، بۇنى بىلىۋېلىش ۋە ئۆز جايىدا  ئىشلىتىش لازىم.

      ئۆزئارا  ئۇچراشقاندا سالاملاشقۇچى ‹‹ سالامەتمۇسىز ، ياخشى تۇرۇۋاتامسىز ، ئۆي ئىچى تىنچلىقتۇ ، بالا -چاقىلار ئامانمۇ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھال سورايدۇ. سالام قوبۇل قىلغۇچىمۇ:‹‹ خۇداغا  شۈكرى، ئۆزىڭىز  سالامەت  تۇردىڭىزمۇ ، بالىلار سالامەت تۇرىۋاتقاندۇ ، ئۆيدىكىلەر سالام ئېيتتى ، سىز بىلەن كۆۈشمىگەنگە ئۇزۇن بولۇپتۇ›› دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن ياندىشىدۇ.

      ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەن ياكى يولدا  ئۇچراشقان كىشىلەردىن ھال سورىغاندا: ‹‹  ئۇچراشقىنىمىز بەك ياخشى بولدى ، خىزمىتىڭىزدە بولاي ، ئۆيگە كىرىپ بىر پىيالە چاي ئىچىپ كېتىڭ›› دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلىدۇ. ئۇچرىغان كىشىمۇ :‹‹ ئۆزىڭىز  ياخشى تۇرۇۋاتامسىز، خوش، ئايرىم يوقلاپ كېلىمەن ›› دېگەندەك سۆزلەر بىلەن جاۋاپ قايتۇرىدۇ.

      ئومۇمەن ، سالاملىشىش، كۆرۈشۈش، ئەھۋال سوراشلار بىر- بىردىن ئايرىلمايدىغان بىر  پۈتۈن گەۋدە بولۇپ ، سالاملىشىپ كۈرۈشكەندىن كېيىن چوقۇم تەكەللۇپ سۆزلىرى بىلەن ھال ئەھۋال سورىشى لازىم . بىر  تەرەپ ھال - ئەھۋال سورىسا يەنە بىر تەرەپنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشى ياكى ھەر  ئىككى تەرەپنىڭ سالاملىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇش كۆرۈشۈش كەيپىياتىنى سۇسلاشتۇرىدۇ. شۇڭا  ھال ئەھۋال سوراشتا قىزغىن، روھلۇق بولۇش كېرەك.

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-4-15 18:21:01  ئۇقۇلۇشى: 397 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كورىيەدە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرمىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىنمۇ تەسكەن
كورىيەدە بالىلار..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىسرائىلىيەلىك ئاياللار يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ جىنسىي كەمسىتىشكە قارشىلىق كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيەلىك ئ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پەردازلانغان تىمساقلارنى كۆرگەنمۇسىز؟
پەردازلانغان تىم..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ئىرانغا قارىتا جازالاش يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا، ئەنگلى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەملەر بىلەن ھايۋاناتلار ئارىسىدا مۇھەببەت يوق دەپ كىم دەيدۇ
ئادەملەر بىلەن ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆس..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پىكى بىلەن شاكىرا يەنە پەيدا بولدى !!!
پىكى بىلەن شاكىر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوندوندا 57 نەپەر ئەر-ئايال بىرلىكتە بىر ئالاھىدە چوڭ كالتە ئىشتاننى كىيىپ دۇنياۋى رېكورت ياراتتى
لوندوندا 57 نەپەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خۇاشى كەنتى ئالتۇن كالا ياساپ ئەنئەنىۋى ئەخلاققا خىلاپلىق قىپتۇ
خۇاشى كەنتى ئالت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شىيېتىڭفېڭ قاپ يۈرەكلىك قىلدى
شىيېتىڭفېڭ قاپ ي..

رىزىنكە زاۋۇتىغا جىددىي ئىشچى قوبۇل قىلىمىز
جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزگە 2 نەپەر سىستىرا قوبۇل قىلىمىز.
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا 100 نەپەرتۇختا..
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز. ؟؟؟؟؟
جىددى A1  پىراۋىلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق شوپۇر قۇبۇل قىلى..
زىبۇ-زىننەت ياساش ئورنىمىزغا يوقىرى مائاش بىلەن ياشقىچ..
گۇەنزە تۇربا زاۋۇتىغا جىددى ئەر-ئايال ئىشچى قوبۇل قىلى..
مەلۇم ئورۇنغا جىددى كاللا ئۈكلەش ئورنىغا 10نەپەر ئىشچى ..
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا  100 نەپەرتۇختا..
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز.
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى ئ..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ئىچىملىك زاۋۇتغا جىددى ق..
( ھۇكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ساندۇقلۇق مال يۈتكەش ئورنى..

ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى ئەسنەئەلىرى ۋە رەسمىيەت ..
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان كۆچمە خە..
تىجارىتى ياخشى بولىۋاتقان ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىشخانىمىز ..
شاياربازىرى جىڭپاڭ كوچىسىنىڭ شەرقى تەرپىگە(7-دادۇي1-دۇي..
تىزدىن تاللىۋىلىڭ ياخشى  ئۆيلەر  تۇرۇپتۇ.........
ئۆي ئىجارە ئالىمەن
19 -باشلانغۇچ يېنىدا يىتوسەنلىك بىزەلگەن ئوي ئەسنەئەلىر..
.شىنجاڭ داشو ئەتىراپدن ئوي ئىجارىە بىرىلىدۇ
قەشقەر شەھىرىدىن بىنا ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
نەنمىندىكى ئەرزان سېتىلدىغەن بىر يۈرۈش ئۆي
دىيەنتەي ئەتراپىدىن  ئۆيلەر ئىجارىگە بېرىلىدۇ ~!!!
19-باشلانغۇچ ئەتراپىدا جۇاڭ شۇسى ۋە ئەسنەئەلىرى بار يىت..
شارائىتى ياخشى ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ

Onsoz
Yurtta Ask
Of Of
Dillere Dusecegiz
تۈرۈكچە تاللانما
رەيھان كونسىرتى(2)
رەيھان كونسىرتى(1)
سۆيگۈ ئۈچۈن
مەرەز ئېلى
گۈل سەنەم
ئۇزاق يول
نامسىز !!!

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556