News site - خەۋەرلەر - ئانىلىرىمىز ئىشلەتكەن ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرى - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆسمۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان ئى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:2011-يىللىق قۇربان ھېيىت كىچىلىكىدىكى نادىر ئىتوتلار
2011-يىللىق قۇربان ھې..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەخمىدى نىجات توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز
ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوناردىنخو ياۋرۇپا پۇتبول مەيدانغا قايتىپ كەلدى
لوناردىنخو ياۋرۇپا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنگىليە توپچسى بېكھامغا ياۋرۇپا لوڭقسى مۇسابىقسى نىسىپ بولماپتۇ
ئەنگىليە توپچسى بېك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوينىغا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
خەنزۇچە تورلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
ئانىلىرىمىز ئىشلەتكەن ئەنئەنىۋى گىرىم بۇيۇملىرى

     

       ئانىلىرىمىز، پەرشتە سۈپەت مۇمىلىرىمىز قاش، چاچ، قول ۋە تىرناقلىرىنى تەبىئي گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن گۈزەللەشتۈرۈپ كەلگەن. قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر ئاياللىرى خىنە ئارقىلىق قول، تىرناقلىرىنى ئاسىرىغان، ئوسما ئارقىلىق ئەگىم قاشلىرىنى، يادەك كىرپىكلىرىنى زىننەتلىگەن. يىلىم ئارقىلىق بوستان چاچلىرىنى قۇندۇزدەك پارقىراق، تال-تال ئۆرۈپ جەزبىدار قىلغان. بۇ خىل جەزبىدارلىقىنى ئۇلارنىڭ تەبئىي گىرىم بۇيۇملىرى خىنە، ئوسما، جىگدە يىلىمىنى ئىشلەتكەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەنئەنىۋى چاچ ئاسىراش بۇيۇمى- يىلىم ئەجدادلىرىمىزنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن گىرىم بۇيۇمى بولۇپ ، باشقا دەرەخلەرنىڭ يېلىمىغا قارىغاندا، جىگدە دەرىخى يىلىمىنىڭ چاچقا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقىنى ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇرۇنلا تۇرمۇش ئەمەلىيتى جەريانىدا ئىسپاتلاپ چىققان.

      كىچىكىمىزدە ياز كېلىشى بىلەن مەھەللىمىزدىكى قىزلار قوللىرىمىزغا كىچىك پىچاقلارنى ئېلىپ، ئانىلىرىمىز پالتا بىلەن چېپىپ قويغان جىگدىلەرنىڭ قوۋزاقلىرىدا قاينىغان يېڭى يىلىملەرنى كىچىك قاچىلىرىمىزغا خۇددى سېرىق مەرۋايىتنى ئالغاندەك ئاۋايلاپ سالاتتۇق. قاچىلىرىمىز توشمىغۇچە جىگدىلىكلەرنى ئارىلاپ، يېڭى قاينىغان يىلىمنى ئىزدەيتتۇق.چوڭلارنىڭ دېيىشىچە،‹‹ چاچ بىلەن يىلىم بىر تۇغقان ›› مىش، چاچ يىلىمنى كۆرسە ياشىرىپ كېتەرمىش، شۇڭا كىچىكىمىزدە يىلىم چاپماي چاچ تارىمايتتۇق. ئاياللارنىڭ ھەممىسى چېچىغا يىلىم چېپىپ ئاسىرايتى. جىگدە يىلىمى سۇس سېرىق، قىزغۇچ قارا رەڭگە مايىلىراق بولۇپ، سېرىق رەڭدىكىسى يېڭى يىلىم ھېساپلىنىدۇ. ئاپتاپتا، يامغۇردا قالغان يىلىملەر چاچنى بوزۇپ قويىدۇ. يېڭى سېرىق يىلىمنى ئىلمان سۇغا چىلاپ قويسا مەلھەم ھالىتىگە كېلىدۇ.ئۇنى سۇيۇلدۇرۇپ چاچقا چاپقاندا، چاچنى قانداق شەكلىدە ياسىسىڭىز شۇ ھالەتتە قېتىپ قالىدۇ. بىر -ئىككى كۈن،ھەتتا بىرەر ھەپتىلەرگىچە چاچ شەكلى بۇزۇلمايدۇ. چاچنى يۇيغاندا پارقىراق، تال-تال بولۇپ كېتىدۇ. يىلىم تەركىبىدىكى چاچنى ئاسىرىغۇچى تەبئىي ماددىلار چاچقا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ چاچنى قوۋۋەتلەيدۇ. شۇڭا جىگدە يىلىمى چاچنىڭ ھەقىقىي دوستىغا ئايلانغان. لېكىن بازاردىن بۇنىڭغا ئوخشاش ئەرزان باھالىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چاچ ئاسىراش بۇيۇمىنى ھازىر تاپقىلى بولمايدۇ. ھازىر ئۈزلۈكسىز تېزلىشىۋاتقان تۇرمۇش رېتىمى يىلىمنى گىرىم بۇيۇملىرى ساھەسىدىن چىقىرىۋەتتى. ئاياللارنىڭ چاچلىرىمۇ ئانىلىرىمىزنىڭ چاچلىرىدەك جۇلالانمايدىغان بولۇپ قالدى.

       ئوسما قويغان قاشلىرى،

       سۇيلاپ تۇرار چاچلىرى.

       بىر قاراپ جاننى ئالار،

       شۇ يارىمنىڭ كۆزلىرى.

       بۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تارالغان مۇھەببەت قوشىقى. بۇ قوشاقتا قاش، كىرپىكلىرىگە ئوسما قويۇپ، چاچلىرىغا يىلىم چېپىپ گۈزەللەشكەن ئۇيغۇر قىزىنىڭ جەلبكارلىقى تەسىۋىرلەنگەن. ئوسما ئەزەلدىن تارتىپ ئۇيغۇر خانىم -قىزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گىرىم بۇيۇمى ھېساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى ياز كەلسىلا باغ-ۋارانلىرىغا ئوسما تېرىپ قويىدۇ، قاشقا ئوسمىنىڭ قېنىق ئىچىشى ئۈچۈن ئوسمىنى يەرلىك ئوغۇت، كۈل قاتارلىقلار بىلەن ئوغۇتلايدۇ. ئوسما كۆك رەڭلىك، ئۇزۇن يوپۇرماق شەكلىدىكى ئۆسۈملۈك بولۇپ، بىر غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا ئۆسكەندە ئۈزۈپ ئېلىنىپ، چىنىگە سىقىلىپ، پاختىدا پەلتىكۈچ ياسىلىپ، قاش ۋە كىرپىكلەرگە قۇيۇلىدۇ. بۇ بىر نەچچە قېتىم داۋاملاشسا، قاش ۋە كىرپىكلەر بوستانلىشىپ، قارىيىپ، قويۇقلىشىدۇ، قىشى يوقلار قويسا قاش چىقىدۇ. ئوسما قاش، كىرپىكلەرنىڭ تەبئىي ئوزۇقلۇقى بولۇپ، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى يوق. بۇمۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىسىدىن ئۆتكەن ئىسىل گىرىم بۇيۇمى ھىساپلىنىدۇ.

        خىنە سامان غوللۇق، قىزغۇچ يوپۇرماقلىق، ھالرەك گۈل ئاچىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز باغلىرىغا تەرگەن ئاشۇ تەبئىي خىنىنى ئېزىپ قوللىرىغا، تىرناقلىرىغا ياققان. خىنىنى بۇ خىل ئۇسۇلدا ياققاندا، خىنە تەركىبىدىكى تەبئىي سۇ تىرىگە سىڭىپ تېرىنىڭ نەمخۇشلۇقىنى ئاشۇرۇپ، تىرناق ئەتراپى يېرىلىدىغان ئەھۋاللارنىڭ سادىر بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.قول ۋە تىرناقتا ئۇزۇن تۇرىدۇ. بۇ خىل خىنە خۇشپۇراق كېلىدۇ.

 

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-4-15 18:18:14  ئۇقۇلۇشى: 385 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كورىيەدە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرمىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىنمۇ تەسكەن
كورىيەدە بالىلار..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىسرائىلىيەلىك ئاياللار يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ جىنسىي كەمسىتىشكە قارشىلىق كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيەلىك ئ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پەردازلانغان تىمساقلارنى كۆرگەنمۇسىز؟
پەردازلانغان تىم..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ئىرانغا قارىتا جازالاش يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا، ئەنگلى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەملەر بىلەن ھايۋاناتلار ئارىسىدا مۇھەببەت يوق دەپ كىم دەيدۇ
ئادەملەر بىلەن ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆس..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پىكى بىلەن شاكىرا يەنە پەيدا بولدى !!!
پىكى بىلەن شاكىر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوندوندا 57 نەپەر ئەر-ئايال بىرلىكتە بىر ئالاھىدە چوڭ كالتە ئىشتاننى كىيىپ دۇنياۋى رېكورت ياراتتى
لوندوندا 57 نەپەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خۇاشى كەنتى ئالتۇن كالا ياساپ ئەنئەنىۋى ئەخلاققا خىلاپلىق قىپتۇ
خۇاشى كەنتى ئالت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شىيېتىڭفېڭ قاپ يۈرەكلىك قىلدى
شىيېتىڭفېڭ قاپ ي..

رىزىنكە زاۋۇتىغا جىددىي ئىشچى قوبۇل قىلىمىز
جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزگە 2 نەپەر سىستىرا قوبۇل قىلىمىز.
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا 100 نەپەرتۇختا..
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز. ؟؟؟؟؟
جىددى A1  پىراۋىلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق شوپۇر قۇبۇل قىلى..
زىبۇ-زىننەت ياساش ئورنىمىزغا يوقىرى مائاش بىلەن ياشقىچ..
گۇەنزە تۇربا زاۋۇتىغا جىددى ئەر-ئايال ئىشچى قوبۇل قىلى..
مەلۇم ئورۇنغا جىددى كاللا ئۈكلەش ئورنىغا 10نەپەر ئىشچى ..
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا  100 نەپەرتۇختا..
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز.
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى ئ..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ئىچىملىك زاۋۇتغا جىددى ق..
( ھۇكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ساندۇقلۇق مال يۈتكەش ئورنى..

ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى ئەسنەئەلىرى ۋە رەسمىيەت ..
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان كۆچمە خە..
تىجارىتى ياخشى بولىۋاتقان ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىشخانىمىز ..
شاياربازىرى جىڭپاڭ كوچىسىنىڭ شەرقى تەرپىگە(7-دادۇي1-دۇي..
تىزدىن تاللىۋىلىڭ ياخشى  ئۆيلەر  تۇرۇپتۇ.........
ئۆي ئىجارە ئالىمەن
19 -باشلانغۇچ يېنىدا يىتوسەنلىك بىزەلگەن ئوي ئەسنەئەلىر..
.شىنجاڭ داشو ئەتىراپدن ئوي ئىجارىە بىرىلىدۇ
قەشقەر شەھىرىدىن بىنا ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
نەنمىندىكى ئەرزان سېتىلدىغەن بىر يۈرۈش ئۆي
دىيەنتەي ئەتراپىدىن  ئۆيلەر ئىجارىگە بېرىلىدۇ ~!!!
19-باشلانغۇچ ئەتراپىدا جۇاڭ شۇسى ۋە ئەسنەئەلىرى بار يىت..
شارائىتى ياخشى ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ

Onsoz
Yurtta Ask
Of Of
Dillere Dusecegiz
تۈرۈكچە تاللانما
رەيھان كونسىرتى(2)
رەيھان كونسىرتى(1)
سۆيگۈ ئۈچۈن
مەرەز ئېلى
گۈل سەنەم
ئۇزاق يول
نامسىز !!!

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556