ئەنئەنە-- بىر مىللەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق پەن- مەدەنىيەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدا شەكىللىنىدىغان، مۇكەممەللىشىدىغان، جۈملىدىن بوۋىلاردىن ئاتىلارغا، ئاتىلاردىن ھازىرقىلارغا، ھازىرقىلاردىن ئەۋلاتلارغا داۋاملىشىدىغان، مىراس قالىدىغان مەدەنىيەتتۇر. ئەجداتلىرىمىز ئەدەپ- ئەخلاق مىزانىنى خېلى بۇرۇنلا ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا ئەڭ پايدىلىق ئامىل دەپ قاراپ، كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن ۋە راۋاجلاندۇرغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدىكى مول ئىجابىي تەجرىبىلىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، مۇئەييەن قىممەتكە ئىگە. بىز بۇنى ئۆز نۆۋىتىدە مىللىتىمىزنىڭ مۇقەددەس مەنىۋى بايلىقى دېيىشكە ھەقلىقمىز. مۇشۇ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت، مەنىۋى بايلىقلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان دەۋر تەرەققىيات تارىخىنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ پۇت تىرەپ تۇرالىشى بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
ئەگەر كىشىلىك ھاياتنى چىن مەنىسىدىن ئىزدەيدىغان بولساق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئەنئەنە مەدەنىيىتىمىزنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىمىز. ئەمما بىز ئەنئەنە ئادەتلىرىمىزدە دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، ئۈلگە بولالايدىغان روشەن ئالاھىدىلىكلەر جۇلالىنىپ تۇرسىمۇ، ئەنئەنىلىمىزنىڭ خاسلىقىنى قىممەت قارىشىمىزغا ئايلاندۇرۇشقا سەل قارىدۇق. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردا ئىقتىساد تەرەققىي قىلىشقا يۈزلىنىپ ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، چەتنىڭ ئىلغار پەن- تېخنىكىلىرىغا ئەگىشىپ، بەزى بىر چىرىك، چاكىنا مەدەنىيەتلىرىمۇ بىللە ئېقىپ كىرگەنلىكتىن، بىر قىسىم ياشلىرىمىز چەتنىڭ بەزى بىر زەئىپلەشكەن قالاق مەدەنىيىتىنى بىلىپ بىلمەي سىڭدۈرىۋېلىپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىز ئۆزلىكىدىن تاشلىنىپ قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. مۇشۇنداق بىر ئىجتىمائىي مۇھىت بىخلىنىپ چىقىۋاتقاندا، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمىز ئىجتىمائىي ئەخلاق تەربىيىسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، توغرا جەمئىيەت كەيپىياتى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرغا قويۇلغان جەڭگىۋار چاقىرىق بولۇپ، پۇخرالارنىڭ ئەخلاق ۋە مەدەنىيەت ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
·ھازىرقى مودا مەدەنىيەت ئېقىمىنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىغا بۆسۈپ كىرىشى سەۋەپلىك، بىر قىسىم ياشلىرىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئەزەلدىن بار بولغان ئىسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۇنتۇپ، ئايرىۋېلىش تەس بولغان ئەبجەش مەدەنىيەتكە چوقۇنۇپ، تۇرمۇش قارىشى ئۆزگىرىپ پەقەت ماددىي بايلىق ۋە پۇلنىلا تونۇشتىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى. مەنپەئەت ئۈچۈن ھەتتا بەزىلەر ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان ھالەتكە ئۆتتى. بىز ئەمدى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ بىر چەتتە قاراپ تۇرساق، ئەجداتلىرىمىزغا يۈز كېلەلمىگەندىن سىرت، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ كېلەچىكىگە مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قاراش جىنايىتىنى ئۈستىمىزگە يۈكلىۋالىمىز.
بىز كۆپلىگەن ياشانغان ئاتا- ئانىلارنىڭ ‹‹توۋۋا جاھان نىمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، بالا- چاقىلىرىمىز گەپ ئاڭلىمايدىغان، بەڭۋاش بولۇپ كەتتى›› دېگەندەك ئەلەملىك ۋايساشلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭ جاۋابى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ بىز پەقەت پۇل تېپىشنىلا ئويلاپ، باللىرىمىزغا بولغان ئىدىيىۋى- ئەخلاق تەربىيىسىگە سەل قارىدۇق. يەنە بەزى ئاتا- ئانىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بەكلا تۆۋەن بولۇپ، ئۆزلىرىدە پەرزەنتلىرىنى تەربىيلىگىدەك ساپانى ھازىرلىيالمىغانلىقىمۇ بىر سەۋەپ. دېمەك ياشلارنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىنى، بالا ۋاقىلىرىمىزنىڭ گەپ ئاڭلىماس بولۇپ قېلىشىنى ياشلاردىنلا كۆرسەك بولمايدۇ. بۇ سەۋەنلىكلەرنى ئاتا- ئانىلار ئۆزىمىزدىنمۇ ئىزدەپ كۆرۈشىمىز كېرەك. ياخشى ئائىلە تەربىيىسى مۇھىتىدا ئۆسكەن نۇرغۇن ئەدەپ- قائىدىلىك، مۇنەۋۋەر ياشلىرىمىز، ۋاپادار باللىرىمىزمۇ بارغۇ؟ بۇ يېتەرلىك تەربىيىنىڭ مەھسۇلى ئەلۋەتتە.
بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىنسانىي پەزىلەتكە ئىگە گۈزەل ئەخلاققا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. بۇنى ياشلارغا مويسىپىت چوڭلار ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ بىلدۈرۈشى كېرەك. بىز بۈگۈننى كۆرۈپلا ئۆتكەن كۈنلەرنى ئۇنتۇپ قالساق ۋە ياكى ئەتىكى كۈنلەرنى سەگەكلىك بىلەن كۆرەلمىسەك، بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىش بولمامدۇ؟
·بىز پەن- تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى يېڭى دەۋر مەدەنىيىتىمىزنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھەممىسى توغرا، بۇنى ئەينەن جارىي قىلدۇرۇش كېرەك، دېگەنگىمۇ ئېسىلىۋالماقچى ئەمەسمىز. پەقەت سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەجداتلىرىمىز ياراتقان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئىجابىي يوسۇندا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ساغلام، ئىلغار مەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇپ دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلىپ راۋاجلاندۇرۇشنى، بۇرۇنقىنى ھازىرقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماقچى خالاس. ئەجداتلىرىمىز ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان بىر قاتار ئەدەپ- ئەخلاق، قائىدە يوسۇن، مىزانلارنىمۇ ئوتتۇرغا قويۇپ، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ ساغلام بولۇشىغا ئەھمىيەت بەرگەن؛ ئىنساپ دىيانەت، ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىي- ساداقەتلىك، ئەدەپ- ئەخلاق، ئۆزئارا ئىناق- ئىجىللىق، پاك، ھالال ئەمگىگى ئارقىلىق ياشاشنى تۈپ مىزان قىلىپ كەلگەن. مانا بۇ خىل ئىسىل ئەنئەنىلىرىمىزنى ئائىلە تەربىيىسى ۋە مەكتەپ تەربىيىسىدىن باشقا، يەنە جامائەت سورۇنلىرىدىمۇ تەشۋىق قىلىشىمىز، بۇنى ھەممە كىشىنىڭ شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىشىمىز، شۇ ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئەدەپ- ئەخلاق ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇلارنى چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، باشقىلارغا مېھرى- شەپقەت يەتكۈزەلەيدىغان، ئەمگەكنى سۆيىدىغان، راستچىل، ئىختىسادچىل بولۇشقا، ئىجتىمائىي ئەخلاق ۋە قانۇن- پىرىنسىپلارغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
·ئاتا- بوۋىلىرىمىز بىزگە مىراس قىلىپ قالدۇرغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەر مەيلى ئەخلاق- پەزىلەت جەھەتتە بولسۇن ياكى ئادەمگەرچىلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن بولسۇن ئوخشاشلا مەدەنىيەت غەزىنىمىزدىكى بىباھا گۆھەرلەردۇر. ئەنئەنە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ساپاسى شۇنداقلا تارىخىي ئورۇننىڭ قىممىتىنى تولۇق نامايەن قىلىپ بېرەلەيدۇ. ئەنئەنە ئارقىلىق ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىشىلىك قىممەت قارىشى، روھىي ساغلاملىقنى تولۇق چۈشەنگىلى بولىدۇ. گەرچە ئەنئەنىمىزنىڭ مەنبەسى ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق شەكىللەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى دەۋر روھى، تارىخىي رول، ئىجتىمائىي قىممەت ئۇزىنىڭ خاسلىقى، ئىجابىيلىقى بىلەن يېتەكچىلىك ئورنىنى يوقاتمايدۇ.
پۇخرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشى تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىلىرىمىزدە تەكىتلەنگەن كىشىلىك ئالاقىدە سەمىمىي بولۇش، ياخشى پەزىلەت يېتىلدۈرۈش، ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش، نامرات- قىيىنچىلىقى بار ئائىللەرگە خەيرىخاھلىق قىلىش قاتارلىقلار بىزنىڭ زور كۈچ بىلەن جارىي قىلدۇرۇشىمىزغا ئەرزىيدۇ. قىسقىسى، ئىسىل ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە مەدەنىيەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر بىر كىشىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلىنىدۇ.
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-15 18:17:09 ئۇقۇلۇشى: 235 قېتىم] |
|