News site - خەۋەرلەر - ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادەتلىرى - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆسمۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان ئى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:2011-يىللىق قۇربان ھېيىت كىچىلىكىدىكى نادىر ئىتوتلار
2011-يىللىق قۇربان ھې..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەخمىدى نىجات توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز
ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوناردىنخو ياۋرۇپا پۇتبول مەيدانغا قايتىپ كەلدى
لوناردىنخو ياۋرۇپا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنگىليە توپچسى بېكھامغا ياۋرۇپا لوڭقسى مۇسابىقسى نىسىپ بولماپتۇ
ئەنگىليە توپچسى بېك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوينىغا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
خەنزۇچە تورلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنىڭ چاچ قويۇش ئادەتلىرى

  (تەڭرىتاغ تورى )

   ئىنسانلار ئۆزىنى بىلىشكە باشلىغاندىن تارتىپ، ئۆز بەدىنىدىكى ھەرقايسى تەركىبىي قىسىملارنى ۋە ئۇلارنىڭ روللىرىنى تونۇپ يېتىش بىلەن بىللە، شۇ تەركىبىي قىسىملارنى ئۆزلىرىنىڭ ئىستېتىك قاراشلىرى ئاساسىدا ئۆز لايىقىدا  گۈزەللەشتۈرگەن. چاچ ئىنسانلار بەدىنىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق رولى- يازدا باشقا چۈشكەن كۈن نۇرى ۋە ئىسسسىقلىقنى تارقىتىش، قىشتا باشنى ئىسسىق ساقلاش ھەمدە باش تېرىسىنى تۈرلۈك خېمىيىۋى ماددا  ھەم كۈن نۇرى قاتارلىق فىزىكىلىق زەخمىلەردىن ساقلاشتىن ئىبارەت. ئەمما چاچنىڭ ئادەمگە گۈزەللىك بېغىشلاشتىن ئىبارەت بۇ رولىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. كۆركەم، چىرايلىق، يارىشىملىق چاچ شەكىللىرى ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ چىراي گۈزەللىكىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. قەدىمدىن تارتىپ ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا گۈزەللىككە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەنلىكتىن چاچ پاسونى جەھتتىنمۇ ئەرلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. بىر ئايالنىڭ چاچ شەكلى پەقەت شۇ ئايالنىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى شۇ ئايال ۋەكىللىك قىلغان مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەلۇم تارىخىي دەۋردىكى مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

      ·ئۇيغۇر ئاياللىرى قەدىمدىن تارتىپ، پاكىز ياسىنىپ يۈرۈشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۆز چېچىنىڭ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چاچنى ھەر خىل شەكىلدە ياسىغان ۋە جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناۋات، ئوسما، سيادان قاتارلىق چاچقا پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق چېچىنى ئاسرىغان ۋە چاچنىڭ توم، كۆركەم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىغا نىسبەتەن ئۇزۇن چاچ گۈزەللىكنىڭ بەلگىسى. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكىنى چاچتىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. چاچ بىلەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىكى ناھايىتى زىچ ئورگانىك بىرىكىپ كەتكەن. ئۇلار باشتىن- ئاخىر ئۇزۇن چاچ قويۇشنى بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ھەمدە بىر قاتار ياسىنىش ئۇسۇللىرىنى ئىجاد قىلغان. تارىختىن بۇيان خەلقىمىز ئىچىدىكى ئاياللارغا ئائىت بولغان گۈزەللىك قاراشلىرىدا ئۇزۇن، توم بولغان سۇمبۇل چاچ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئاتىلار سۆزلىرىدىمۇ خەلقىمىزنىڭ  چاچقا بولغان ئالاھىدە چۈشەنچىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ چاچنىڭ گۈزەللىكىگە ئائىت مىسرالىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ‹‹چىن تۆمۈر باتۇر››       چۆچىكىدە، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭىلىسى مەختۇمسۇلا ئېرىق بويىدا چېچىنى تاراش جەريانىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن چېچى مۇڭغۇللار دۆلىتىگە ئېقىپ بېرىپ، ئېرىقتا قولىنى يۇيۇۋاتقان مۇڭغۇل شاھزادىسىنىڭ قولىغا ئىلىنىپ قالىدۇ، مۇڭغۇل شاھزادىسى بۇ ئۇزۇن ھەم گۈزەل چاچقا قاراپ، مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئاشق بولۇپ قالىدۇ... دېمەك مۇشۇ خىلدىكى مىساللاردىن بىز كىشىلەرنىڭ چاچقا  قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت  بېرىپ كەلگەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق بىلىۋالالايمىز. ئۇيغۇر ئاياللىرنىڭ قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئاساسلىق چاچ ياساش شەكلى چاچنى ئۆرۈش، يەنى ئۆرۈمە چاچ شەكلىدىن ئىبارەت، چاچنى ئۆرۈشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى بولسا چاچ ئۈچ بۆلەككە ئايرىلىپ، بۇ ئايرىلغان ھەر بىر بۆلەكلەر رەتلىك ھالدا بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالتە چاچنى بىر قىلىپ ئۆرۈيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.

      ·يىراق قەدىمكى زاماندا ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك چاچلىرىنى ئۆرۈپ يۈرگەن ياكى ئۆرۈمە چاچ قويغان. بۇنى ئىسپاتلايدىغان ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، زاغۇنلۇقتىن تېپىلغان قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئەرنىڭ 30 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئىككى تال ئۆرۈمە چېچى بار. يەنە بىر قەبرىگە دەپنە قىلىنغان ئايالنىڭ قوڭۇر رەڭلىك ئاقارغان چاچلىرى 20 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈلگەندىن تاشقىرى يەنە 45 سانتىمېتىر ئۆرۈلگەن ئىككى تال سۈنئىي چېچىمۇ بار.

       ئومۇمەن ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆرۈمە چاچلارنى قويۇش، سۈنئىي چاچ سېلىش ئادەتلىرى بىر خىل ئەنئەنە سۈپىتىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلگەن.

      ئۇيغۇر ئاياللىرىدا ئۆرۈمە چاچ قويۇشتا بىر يۈرۈش ئادەتلەر شەكىللەنگەن. بۇ ئادەتلەر ‹‹ئۇيغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى›› دېگەن كىتابتا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ئۇيغۇرلاردا توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچى 15 تال، 17 تال، 21 تال ھەتتا، 41 تال قىلىپ ئۆرۈلىدۇ. ھەرگىز جۈپ ئۆرۈلمەيدۇ ھەمدە توي قىلمىغان قىزنىڭ پېشانىسىدە كۇكۇلا چېچى بولىدۇ، قىزنىڭ تويى بولىدىغان كۈنى ئۇنىڭ پاتاڭ قىسمىدىكى چاچ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم چۈشۈرۈلىدۇ. توي قىلىپ ئەتىسى ياكى بىر قانچە كۈندىن كېيىن قىزنىڭ كوكۇلا چاچلىرى جۈپ ئۆرۈلىدۇ، چاچنى جۈپ ئۆرۈش ياتلىق بولغانلىقنىڭ ئىپادىسى دېيىلىپ، ئۇلار ياڭاق سىكىلەك قويىدۇ. ياشانغان ئاياللار چېچىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئۇنى چاچ تەڭگە بىلەن جۈپلىۋالىدۇ. ئۇيغۇر  ئاياللىرىنىڭ چاچ تۈرىگە ۋە ئۆرۈلگەن چېچىنىڭ جۈپلىكىگە قاراپ، ئايالنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان، ياشانغان ئايال ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى ۋە ياكى ئۇنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ.

      ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ چاچ قويۇشىدا يەنە بىر قاتار پەرھىزلەرمۇ بار. توي قىلمىغان قىزلارنىڭ چېچىنى توي قىلىپ بولغان ئاياللارغا ئوخشاش ياسىشى ۋە تۈرمەكلىشى چەكلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرى چاچنى بەخت ۋە بايلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، چاچ قانچە ئۇزۇن بولسا، بەختمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، دەپ، چۈشكەن چاچلارنى ھەرگىز يەرگە قالايمىقان تاشلىماي يىغىپ ساقلايدۇ. ئاياللار ئوڭايلىقچە چاچنى كەسمەيدۇ. ئەگەر كېسىشكە توغرا كەلسە، ھەسەن- ھۈسەن چىققاندا چاچنى پالتا بىلەن كېسىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇنداق قىلغاندا ئۆسۈپ چىققان يېڭى چاچ ھەم ئۇزۇن، ھەم كۆپ بولارمىش.

      چاچ تاراش جەھەتتىمۇ بىر قىسىم پەرھىزلەر بار. ئۇيغۇر ئاياللىرىدا چاچنى قۇرۇق تاراش چەكلىنىدىغان بولۇپ، ئەگەر چاچنى قۇرۇق تارىسا قۇرۇق سۆز- چۆچەككە قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزى يەرلەردە يەنە كېچىدە چاچ تاراش مەنئى قىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاياللارنىڭ قۇربان ھېيت كۈنى چاچ تارىشى چەكلىنىدۇ. بۇ پەرھىزلەر بەلكىم خاسىيەتلىك ۋاقىتلاردا مەينەت نەرسىلەرنى قالدۇرماسلىق سەۋەبىدىن بولسا كېرەك. ئاياللار چاچ تارايدىغان ئورۇن جەھەتتىنمۇ پەرھىزلەر بار بولۇپ، ئادەتتە كۈن نۇرى چۈشكەن جايلاردا  چاچ تارالمايدۇ.

      ·ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر  ساھەلىرىدىكى خەلقىئارالىق ئالماشتۇرۇش كۈچەيدى، چەت ئەللەرنىڭ مەدەنىيىتىمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە زور تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بولۇپمۇ شەھەرلەرگە بولغان تەسىرى كۈچلۈك بولدى. ئۆز گۈزەللىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر  ئاياللىرى ئۆزلىرىنى گۈزەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىش جەريانىدا چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ خىلمۇ خىل چاچ پاسۇنلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلىرىنى كېسىپ ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلارنىڭ تۈرلۈك ‹‹قولايسىزلىقى››نى يوقىتىشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشۇپ كېلىۋاتقان تېقىملىرىدا ‹‹ئوينايدىغان›› ئۇزۇن ئۆرۈمە چاچلار كۆز ئالدىمىزدىن ئاستا- ئاستا يوقالدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلاردىكى چاچقا قاراپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىز، چوكان، جۇۋان ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتىش ئادىتىمۇ يوقالدى. شەھەرلەردە ناھايىتى كەمدىن كەم ئۇچرايدىغان ئۆرۈمە چاچ  شەكلى ئاساسەن تاق ئۆرۈمە، قوش ئۆرۈمەدىن ئىبارەت. ئەمما كەڭ يېزىلاردىكى ئاياللار ئادەت كۈچى ۋە ئەنئەنىنىڭ تەسىرىدە يەنىلا ئۆزلىرىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى جىگدە يىلىمى، تۇخۇم، ناۋات، ئوسما، سىيادان قاتارلىق چاچقا پايدىلىق نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ، چاچلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن، توم ھەم كۆركەم بولۇشىنى ئىزدىمەكتە.

 

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-4-15 18:16:11  ئۇقۇلۇشى: 325 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كورىيەدە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرمىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىنمۇ تەسكەن
كورىيەدە بالىلار..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىسرائىلىيەلىك ئاياللار يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ جىنسىي كەمسىتىشكە قارشىلىق كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيەلىك ئ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پەردازلانغان تىمساقلارنى كۆرگەنمۇسىز؟
پەردازلانغان تىم..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ئىرانغا قارىتا جازالاش يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا، ئەنگلى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەملەر بىلەن ھايۋاناتلار ئارىسىدا مۇھەببەت يوق دەپ كىم دەيدۇ
ئادەملەر بىلەن ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆس..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پىكى بىلەن شاكىرا يەنە پەيدا بولدى !!!
پىكى بىلەن شاكىر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوندوندا 57 نەپەر ئەر-ئايال بىرلىكتە بىر ئالاھىدە چوڭ كالتە ئىشتاننى كىيىپ دۇنياۋى رېكورت ياراتتى
لوندوندا 57 نەپەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خۇاشى كەنتى ئالتۇن كالا ياساپ ئەنئەنىۋى ئەخلاققا خىلاپلىق قىپتۇ
خۇاشى كەنتى ئالت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شىيېتىڭفېڭ قاپ يۈرەكلىك قىلدى
شىيېتىڭفېڭ قاپ ي..

رىزىنكە زاۋۇتىغا جىددىي ئىشچى قوبۇل قىلىمىز
جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزگە 2 نەپەر سىستىرا قوبۇل قىلىمىز.
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا 100 نەپەرتۇختا..
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز. ؟؟؟؟؟
جىددى A1  پىراۋىلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق شوپۇر قۇبۇل قىلى..
زىبۇ-زىننەت ياساش ئورنىمىزغا يوقىرى مائاش بىلەن ياشقىچ..
گۇەنزە تۇربا زاۋۇتىغا جىددى ئەر-ئايال ئىشچى قوبۇل قىلى..
مەلۇم ئورۇنغا جىددى كاللا ئۈكلەش ئورنىغا 10نەپەر ئىشچى ..
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا  100 نەپەرتۇختا..
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز.
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى ئ..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ئىچىملىك زاۋۇتغا جىددى ق..
( ھۇكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ساندۇقلۇق مال يۈتكەش ئورنى..

ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى ئەسنەئەلىرى ۋە رەسمىيەت ..
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان كۆچمە خە..
تىجارىتى ياخشى بولىۋاتقان ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىشخانىمىز ..
شاياربازىرى جىڭپاڭ كوچىسىنىڭ شەرقى تەرپىگە(7-دادۇي1-دۇي..
تىزدىن تاللىۋىلىڭ ياخشى  ئۆيلەر  تۇرۇپتۇ.........
ئۆي ئىجارە ئالىمەن
19 -باشلانغۇچ يېنىدا يىتوسەنلىك بىزەلگەن ئوي ئەسنەئەلىر..
.شىنجاڭ داشو ئەتىراپدن ئوي ئىجارىە بىرىلىدۇ
قەشقەر شەھىرىدىن بىنا ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
نەنمىندىكى ئەرزان سېتىلدىغەن بىر يۈرۈش ئۆي
دىيەنتەي ئەتراپىدىن  ئۆيلەر ئىجارىگە بېرىلىدۇ ~!!!
19-باشلانغۇچ ئەتراپىدا جۇاڭ شۇسى ۋە ئەسنەئەلىرى بار يىت..
شارائىتى ياخشى ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ

Onsoz
Yurtta Ask
Of Of
Dillere Dusecegiz
تۈرۈكچە تاللانما
رەيھان كونسىرتى(2)
رەيھان كونسىرتى(1)
سۆيگۈ ئۈچۈن
مەرەز ئېلى
گۈل سەنەم
ئۇزاق يول
نامسىز !!!

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556