مۇراسىم ۋە بايراملار ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ئېڭى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،ئۇ بارلىق مىللەت ئەزالىرىغا بىر قەدەر ئۇمۇملىق خاراكتىرىدىكى مەدەنىيەت پائالىيىتى .شۇنداقلا قەدىمكى زاماندىن باشلاپ شەكىللىنىپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان مەدەنىيەت تىندۇرمىسى .ھەرخىل مۇراسىملارنىڭ شەكىللىنىشى كىشىلەرنىڭ رىئال دۇنيا توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ يالقۇنلۇق سىماسى ،ئەجداتلارنىڭ تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرۇشتىكى ۋە ئەۋلاتلارغا ئەنئەنە تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىكى شاھانە دەرسلىك . ئۇيغۇرلاردا ئىنسان ھاياتىدىكى ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرلەيدىغان ،بايرام مۇراسىملار خېلى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى شەكىللەنگەن بولۇپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى رەڭدارلاشتۇرغان .ئۇيغۇرالاردا پەرزەنىت تۇغۇلۇپ <<ئات توي >>(بۆشۈك توي ) مەرىكىسىدىن ئىلگىرىكى بىر قەدەر داغدۇغىلىق زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولغىنى <<تۇغۇت مەرىكىلەش >> مۇراسىمىدۇر . <<تۇغۇت مەرىكىلەش >> مۇراسىمى ئاياللارنىڭ ساق -سالامەت بوشىنىپ يېڭى پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىنى قۇتلۇقلاش ،يەنە بىر تەرەپتىن ئايالىنىڭ ساق -سالامەت يەڭگىپ يېڭى جان بولغانلىقىنى قۇتلۇقلاش ھەم ئاياللارنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى ئاشۇرۇش ،ئايالىنىڭ ئانىلىق سالاھىيىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىشنى مەزمۇن قىلغان مۇراسىم شەكلىدۇر . ھامىلدار ئايال بوشانغاندىن كېيىن بۇ خوش خەۋەر ئالدى بىلەن بوشانغۇچى ئايالنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە يەتكۈزىلىدۇ .ئايالنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى بۇ خوشخەۋەرنى ئاڭلاپ تۇغۇتلۇق ئايالنى مۇبارەكلەيدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا دادا بولغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن دادا تەرەپتىن بارلىق جەمەتلىرى دادىنى مۇبارەكلەيدۇ ، ئانا تەرەپتىن خوش خەۋەر يەتكۈزۈپ كەلگەن كىشىگە توغۇلغان پەرزەنتىنىڭ ئوغۇل ياكى قىز بولىشىغا قاراپ سۆيۈنچە بېرىلىدۇ .ئوغۇل توغۇلغان بولسا پىچاقتەك تىغلىق نەرسە بېرىدۇ .ناۋادا قىز توغۇلغان بولسا ياغلىق ،ھەرخىل رەخىتلەر ،لۆڭگە ياكى پۇل بېرىدۇ .دادا بولغۇچى ئالدىن خەۋەر يەتكۈزگۈچىگە بېرىدىغان سۈيۈنچىنى تەييارلاپ قويغان بولىدۇ .خەۋەر يەتكۈزگۈچىنى قورۇق قول قايتۇرماسلىقتىكى سەۋەپ يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنتى يالغانچى قۇرۇق قول بولۇپ قالمىسۇن دېگەننى مەخسەت قىلغان بولىدۇ .بوۋاقنىڭ ئالەمگە كۆز ئېچىشى << تۇغۇت مەرىكىلەش >>مۇراسىمىنىڭ ھەقىقي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، توغۇلۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان چوڭ -كىچىك مۇراسىملارنىڭ ھەممىسىدە پەقەت ھاياتقا يېڭىدىن كۆز ئاچقان بوۋاقنىڭ بەخىت سائادەتلىك بولۇشىنى ،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئايالىنىڭ ساالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەشتى ھەم ئايالىنىڭ ئىززەت ئابرويىنى ۋە ئانىلىق ئوبرازىنى يۇقىرى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەزمۇن قىلغان بولىدۇ . <<تۇغۇت مەرىكىلەش >>بەزى رايونلاردا تارقاق ،ئىختىيار قىلغان ھالدا ئۆزىنىڭ تاپقىنىنى ئېلىپ كىرىپ يېڭىدىن كۆز ئاچقان بوۋاقنى ھەم يېڭى بوشانغان ئايالنى قۇتلۇقلايدۇ .قۇتلۇقلىغۇچىلا كۆپ ھاللاردا تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ سالامەتلىكى تېزراق ئەسلىگە كېلىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ كىلىدۇ .بالا تۇغۇلغانلىق خوش خەۋىرى دادىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن دادىنىڭ ئاتا -ئانىسى ،بىر تۇغقانلىرى تۈرلۈك لازىمەتلىكلەرنى يەنى يېڭى توغۇلغان بالىنى ئورايدىغان كۆرپە ،تۇغۇتلۇق ئايالغان قۇۋەتلىك غىزا تەييارلاپ مەرىكىلەشكە كېلىدۇ .ئەر تەرەپنىڭ باشقا تۇغقانلىرى ،قوشنىلىرى ئايال تەرەپنىڭ باشقا جەمەت ئورۇق -تۇغقانلىرى ۋە قۇلۇم -قوشنلىرى ئايال تەرەپنىڭ باشقا جەمەت ئورۇق -تۇغقانلىرى ۋە قۇلۇم -قوشنىلىرى دېگۈدەك ئوزۇقلۇق تەركىبى يۇقىرى ،تەن سالامەتلىكنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان بوۋاققا سۈت بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .ئەر- ئايال تەرەپنىڭ بىۋاستە تۇغقانلىرى تۇغۇتلۇق ئايال ئاساسەن ئەسلىگە كەلگۈچە بىر نەچچە قېتىم يوقلاپ تۇرىدۇ .

<< تۇغۇت مەرىكىلەش >>مۇراسىمى بەزى رايونلاردا بىر قەدەر تەشكىللىك ،بىرلىك ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ .دادا بولغۇچىنىڭ ئاتىسى ياكى ئانىسى ئايال تەرەپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ << تۇغۇت مەرىكىلىنىدىغان >> كۈننى پۈتىشىدۇ .تۇغۇت مەرىكىسى ئۆتكۈزىلىدىغان كۈن بوۋاق تۇغۇلۇپ 7،3،9،11،13-كۈنلىرىگە يەنى تاق كۈنلىرىگە ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ .دادا تەرەپ تۇغۇت مەرىكىسىگە لازىملىق گۈرۈچ ،ياغ ،گۆش قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ .دادا بولغۇچى ئۆزىنىڭ ئورۇق -تۇغقان ۋە خوشنىلىرىغا ئېغىزاكى ياكى باغاق ئارقىلىق خەۋەر قىلىدۇ .دادا بولغۇچىنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرىمۇ مۇبارەكلەشكە قاتنىشىدۇ .ئايال تەرەپنىڭ بائېلىق تۇغقانلىرىغا ۋە قۇلۇم -قوشنىلىرىغا ئوخشاشلا خەۋەر يەتكۈزىلىدۇ ،ئايال تەرەپنىڭ ئۆيىدىكىلىرى داستىخان ھازىرلايدۇ .دادا بولغۇچىنىڭ بارلىق تۇغقانلىرى تۈرلۈك سوۋغا سالام بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئايال تەرەپنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ .ئايال تەرەپنىڭ بارلىق تۇغقانلىرىمۇ سوۋغا سالام بۇيۇملىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ .ئەر -ئايال تەرەپنىڭ تۇغقانلىرىغا تاماق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن سەيناغا چوڭ داستىخان سېلىنىدۇ .ئەڭ ئالدى بىلەن ئوغۇل تەرەپ سويۇپ كەلگەن قوينىڭ گۆشىنى (ېۈقتۈسادۈي ئاجۈزراق ئائىلىلەر بىر يوتا گۆش )داستىخانغا قويىدۇ .بۇ تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ گۆشنى يەپ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى نىشان قۈلغان بولىدۇ .ئاندىن ئەر -ئايالنىڭ بىر تۇغقانلىرى دوست -بۇرادەرلىرى ،قۇلۇم -قوشنىلىرى سوۋغا سالاملىرىنى داستىخانغا قويىدۇ ،بۇ سوۋغا سالاملار تىزىملانمايدۇ .<<تۇغۇت مەرىكىلەش >> كە كەلگەنلەر ئېلىپ كەلگەن سوۋغا سالاملارنى قويۇپ بولغاندىن كېيىن دادا تەرەپنىڭ ياشتا چوڭراق مۆتىۋىرى ئورنىدىن تۇرۇپ ،تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ دادىسىنىڭ ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ھەم شۇ يۇرت مۆتىۋەرلىرىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ ،قۇرۇق كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيىتىپ ھۆزرە خاھلىق ئېيتىدۇ .ئايال تەرەپنىڭ يۇرت مۆتىۋىرى دادا تەرەپنىڭ ئېيتقان ھۆزرە خاھلىق سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ سالام ۋە سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىدۇ .ئاندىن داستىخانغا قويۇلغان تۈرلۈك نەرسىلەر يىغىشتۇرۇلۇپ سەينا بوشىتىلىدۇ ،ئاندىن دۇئا قىلىپ << تۇغۇت مەرىكىلەش >> مۇراسىمى ئاخىرلىشىدۇ .بوشانغان ئايالنىڭ تەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن يەنى قىرىق كۈن بولغاندا <<قىرىق سۈيى >> دەپ ئاتىلىدىغان 40كۈنلۈكىنى تەبرىكلەش خاراكتىرلىك چوڭ مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدۇ ھەمدە چوڭ كۆلەملىك ئات توي مەرىكىسى داغدۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزىلىدۇ .ھامىلدار ئايال بوشانغاندىن تارتىپ ياكى سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگۈچە ئورۇق -تۇغقانلىرى ،دوست -بۇرادەرلىرى يوقلاپ تۇرىدۇ ،قىرقى توشقاندا <<مەرىكىلەش >> ئاساسەن تاماملىنىدۇ . دېمەك ،<< تۇغۇت مەرىكىلەش >>ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئەنئەنىۋى ھاياتلىق مۇراسىملىرىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە مەزمۇن ،ماھىيەت جەھەتتىن چوڭقۇر مەدەنىيەت قاتلىمىغا ئىگە بولغان <<تۇغۇت مەرىكىلەش >>نىڭ ئادەت شەكلىدىمۇ خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا ئەنئەنىۋى مۇراسىم پائالىيەتلىرىگە ئوخشاش خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئېڭى كوللىكتىپچانلىق ،ئىتىپاقلىق روھى ۋە ئىستېتىك قارشى ئەكىس ئەتكەن بولۇپ ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىنىشقا ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدۇ .
[ئاپتورى: مەنبەسى: ۋاقتى: 2010-4-15 18:14:41 ئۇقۇلۇشى: 291 قېتىم] |
|