News site - خەۋەرلەر - خاسىيەتلىك بايرام -- نورۇز - Sports|world News|it News|china News|Local News Business|Moble|USA|Computer|Game|Pic|Soft|Tv|Sony|Samsung|Intel|IBM|ASUS|Motorola|Nokia...
 

باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم

باش بەت خەۋەر ئىقتساد ماقالە-ئەسەرلەر mp3 ناخشا دېتال چۈشۈرۈش كۈلدۈرگە شئېرلار PS ئۆگىنىش پەن-مەدەنىيەت رەسىم دۇنياسى
چولپانلار سودا مائارىپ مەخسۇس سەھىپە MTV ناخشا ئۇيۇن چۈشۈرۈش كىنوخانا ھىكايە كىتاب ئۇچۇرى ئىقتىساسلىقلار سەنئەت ئۇچۇرى
ئۆگۈنۈش ئۇچۇر جەمئىيەت مەدەنىيەت ئۇچۇرى تور ئويۇنى تور بىلىملىرى كارخانىلار يۇمۇرلار سۈرۈشتۈرۈش ئۇلىنىش دۇنياسى سۆز قالدۇرۇش

tel:13139663453
باش بەت | خەلىقئار | مەملىكەت | شىنجاڭ | مەدىنىيەت | ئىقتىساد | مائارىپ | جەمئىيەت | ئۆرىپ - ئادەت | تەنتەربىيە | قانۇن | سۈرەتلىك
تېمىسى مەزمۇنى باھا  

دۇنيادىكى يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرۇشىڭىزدىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز شىرنىم تورى خەۋەر مەركىزى ، ئادرىسىمىز :

   تەۋسىيە خەۋەرلەر

 

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆسمۈ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان ئى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:2011-يىللىق قۇربان ھېيىت كىچىلىكىدىكى نادىر ئىتوتلار
2011-يىللىق قۇربان ھې..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئەخمىدى نىجات توغرىسىدا نېمىلەرنى بىلىسىز
ئىراننىڭ زۇڭتۇڭى ئە..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوناردىنخو ياۋرۇپا پۇتبول مەيدانغا قايتىپ كەلدى
لوناردىنخو ياۋرۇپا..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەنگىليە توپچسى بېكھامغا ياۋرۇپا لوڭقسى مۇسابىقسى نىسىپ بولماپتۇ
ئەنگىليە توپچسى بېك..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:توپنى ياخشى ئوينىغانلار ياخشى مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ
توپنى ياخشى ئوينىغا..

   ئاۋات خەۋەرلەر

 

 
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىگاھى _(كەبە)
«يالىڭاچ قىز» ئويۇنچۇق مۇنازىرە قوزغىدى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ گۈزەللىك ئادەتلىرىگ..
سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۆزگىچە توي مۇراس..
96 ياشلىق «پاھىشە» ھازىرمۇ «خىزمەت» قىلىۋ..
نەزىر–چىراغ قائىدىلىرىمىزدىكى ئۆسمىلەر
رۇسىيەدىكى قانلىق ئىت تالاشتۇرۇش مۇسابىق..
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ ياسىلىشى
شەھەرلىك سۈن ۋۇكۇڭنى زىيارەت
ئۇيغۇرلاردا كېلىن چۈشەنچىسى
ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قۇراق بويۇملىرى
موسكىۋادا قىزلار كوچىدا كىشىلەرگە بۆلجۈر..
ھەقىقى بەخىت نىمە؟
خەنزۇچە تورلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىچاق ئې..
بۆشۈك ۋە بۆشۈكتە بالا بېقىش ئادىتىمىز
فۇجيەن ئۆلكىسى ئالاھىدە زور يالغان پۇل دې..
شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ‹‹ئات مەدەنىيىتىن..
خاسىيەتلىك بايرام -- نورۇز

دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت يېڭى يىلنىڭ باشلىنىش كۈنىنى بايرام قىلىپ بېكىتكەن. بۇ بايراملار مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق ئۆتمۈش تارىخىدا شەكىللەنگەن.

ئاتا – بوۋىلىرىمىز باھاردا ئوت - گىياھنىڭ ياشناش ھادىسىسىنى ، ئوتخۇر ھايۋانلارنىڭ ئورچۇش دەۋرىنى، شۇنىڭدەك ھەريىلى يۇلتۇزلار ئورنىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ، كۈن يەنى قۇياشنىڭ بىر يىللىق دەۋرىنى ھېسابلاپ يىل بېشىنى ئېنىق بەلگىلىگەن.قۇياشنىڭ قوزى يەنى ھەمەل بۇرچىغا كىرگەن ۋاقىتنى يىل بېشى قىلغان. دەسلەپتە يېڭى يىلنى ‹‹يىل بېشى›› ياكى ‹‹كۈن تۇغدى››دەپ ئاتىغان بولسا، 10- ئەسىرلەردىن كېيىنكى ئىرانلىقلارنىڭ ‹‹ نورۇز ›› سۆزىنى قۇبۇل قىلىپ، باھار بايرىمىنى ‹‹نورۇز›› دەپ ئاتايدىغان بولغان. ‹‹نورۇز›› دىكى ‹‹نو›› يەنى ‹‹نەۋ›› نىڭ تۈپ مەنىسى ‹‹يېڭى››، ‹‹ئېرىغ›› دېگەنلىكتۇر. ‹‹رۇز›› نىڭ مەنىسى ئاپتاپ يەنى قۇياش تۇغۇلۇپ پاتقۇچە يۇرۇق بولۇپ تۇرىدىغان چاغ، دېگەنلىكتۇر .دېمەك، نورۇز يېڭى كۈن، قۇياش يېڭىۋاشتىن تۇغۇلغان يەنى ياشارغان كۈن، دېگەندىن ئىبارەت .

نورۇز ئالتاي تىللىرى ۋە ھىندى- ئىران تىللىرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل تىل سىستېمىسىغا تەئەللۇق بولغان، بىرقانچە خىل تىل ئائىلىسىدە سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمى .

نورۇز – باھار بايرىمى، ئۇزاق ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىزدىن باشلىنىپ، خەلقىمىز ئارىسىدا ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋى بايرام. يۈسۈپ خاس ھاجىپ، نەسرىدىن رابغۇزى، ئەلىشىر نەۋائىي قاتارلىق ئىلىم ئۇستىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە نورۇز تەسۋىرلىرى روشەن كۆزگە چېلىقىدۇ .نورۇز يالغۇز دېھقان، چارۋىچىلارنىڭلا ئەمەس، ئومۇمىي خەلقنىڭ بايرىمى .خەلقنىڭ قىش - زىمىستاندىن ئامان چىقىپ، ئىللىق ئاپتاپنى ئارزۇلىغان خوشاللىقىنى ئىپادىلەيدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن زېمىنلىرىنىڭ كۆركىگە بولغان مۇھەببىتىنى، ئۆز ئارا ھىممەت -ساخاۋىتىنى، ئىناقلىقىنى، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى گەۋدىلەندۇرىدىغان ئەمگەك بايرىمىدۇر .

خەلقمىز نورۇز بايرىمىنى قۇتلۇق، خاسىيەتلىك بايرام، دەپ بىلىدۇ. نورۇز ئالدىدا ۋە مەزگىلىدە ھەرقانداق كىشى ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشقا تىرىشىدۇ ۋە ئۆزگىلەرنى بۇنىڭغا رىغبەتلەندۇرىدۇ. ئۆتمۈشتىكى ئاغۇنلىرىمىز نورۇزنى خاسىيەتلىك  دېگەن چۈشەنچلىرى بويىچە، كىمكى يىل بېشىدا، يەنى نورۇز ئەييامىدا ساۋابلىق ئىش قىلسا  شۇ كىشىگە يىل بويى ياخشىلىق نېسىپ بولىدۇ، دەپ بىلەتتى. شۇڭا قەدىمكى زاماندىن تارتىپ، كىشىلەر يىلنىڭ ئامان-ئېسەن ۋە مەنپەئەتلىك بولۇپ ئۆتۈشىنى ئارزۇلاپ، نورۇزغا ئاتاپ ھەرخىل ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىش ئومۇمىي ئادەتكە ئايلانغان. مەسىلەن: ئومۇمىي جامائەت ئۈچۈن پاراۋانلىق ئىشلىرىنى قىلىش، يەنى مەكتەپ سېلىش، كۆۋرۈك ياساش دېگەندەك. يەنە مۇقەددەس كىتابلارنى كۆچۈرۈش ياكى كۆچۈرگۈزۈش قاتارلىقلارمۇ ئەنە شۇنداق چوڭ ساۋابلىق ئىشلار جۈملىسىدىن ئىدى .ئىسلام دىنى قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ بۇ ئادەت داۋاملاشقان. شۇنداقلا نورۇز ئەيياملىرى تۇغۇلغان بالىلارغا ئوغۇل بولسا ‹‹نورۇز››، ‹‹نۇر››، ‹‹قۇتلۇق››، قىز بولسا ‹‹ئەلانۇر››، ‹‹چىمەن››، ‹‹بوستان››، ‹‹باھار›› دېگەندەك قۇتلۇق كۈننىڭ ئاتلىرى ياكى قۇتلۇق كۈنگە مۇناسىپ چاغ، گۈل - گىياھ ناملىرىنى قويغان.

بۇ قۇتلۇق كۈنلەردە كىشىلەر ئۆزلىرى ساۋابلىق ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىللە، بىر- بىرىگە ياخشلىق تىلىشىدۇ. ئۆزئارا يوقلاشقاندا، سەيلە - تاماشىلاردا، مەشرەپ - سورۇنلاردا، نورۇز ئېشى يىگەندە ئامانلىق، ياخشىلىق تىلەنگەن بىيىت-قۇشاقلارنى ئېيتىشىدۇ. ئۇستىكارلار كۆزى پىشقان ۋە قولى چىۋەر شاگىرتلىرىغا ھۈنىرىنىڭ يېڭى بىر ئۇسۇلىنى ئۆگىتىپ قويىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردا مەدرىستە - مەكتەپلەردە موللىلار تالىپلىرىغا نورۇزنامە يېزىپ بېرەتتى ياكى يازدۇراتتى. 

نورۇز كۈنلىرى ھەرخىل سورۇنلار تۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق سەيلىسى بولىدۇ. بۇنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى تولا . بۇلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ‹‹تۇققۇز توقۇ›› يەنى ‹‹تۇققۇز مەرىكە - مۇراسىم›› دېيىلگەن.ئۇلار:

1 . نورۇز ناغرىسى: نورۇز باشلىنىش ھارپىسىدا قىر - يېزىلاردا نورۇز بايرىمى كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەپ ناغرا - سۇناي چېلىنىدۇ، ئەل - يۇرت نورۇزغا جابدۇنىدۇ. ھەممە جاي تەنتەنىلىك  ھېيت - بايرام تۈسىنى ئالىدۇ .

2 . نورۇز تازىلىقى: نورۇز ئالدىدا باشلىنىدىغان تازىلىق ھەرىكىتى نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ . ئېرىق - ئۆستەڭ، كۆللەرنى تازىلاش، ئېغىل - ئارانلارنى ئېرىغداش، كوزا - ئىدىشلەرنى ئوبدان تازىلاپ، تازا باھار سۈيى بىلەن توشقۇزۇش، ھويلا- ئارام، يول - خامانلارنى سېرىپ - سۈپۈرۈش دېگەندەك.

3 . سۇغۇق قوغلاش: ھارپا ئاخشىمى يىگىتلەر توپ- توپ بولۇشۇپ، ‹‹ساغانغۇ›› يەنى ياغ قاچىلاپ پىلىك چىقارغان قاپاقنى كۆيدۇرۇپ، يۇرت-مەھەللىدىن چىققىنىچە قىر-سەھراغا يۈزلىنىپ سۇغۇق قوغلايدۇ. سۇغۇقنى ھەجۋىي قىلىپ قوشاق-بېيت ئېيتىشىدۇ. گۈلخان يېقىپ، ئەتراپىدا قۇيۇن ئۇسسۇلى ئويناپ چۆرگىلەيدۇ. بۇنىڭدا بىر - بىرىگە تەڭكەش قىلىنغان تۇققۇز داپ چېلىنىدۇ، قىزىقچىلىق قىلىشىدۇ، باھار قۇشلىرىنى دورايدۇ. تاڭ ئاتاردا سوغۇق قوغلىغۇچىلار يۇرت-مەھەللىگە يانغانلىرىدا، ھەربىر ئۆيلۈك ئۆزھالىغا يارىشا ھەرخىل غىزالارنى ئېتىپ، ئۆيلىرى ئالدىدا شىرەگە تىزىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالىدۇ. بۇ سۇغۇق قوغلىغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھاردۇق ئېشى، دېيىلىدۇ. نورۇز ھارپىسى سۇغۇقنى ئۇزىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن سۇغۇق يېمەكلىكلەر يېيىلىدۇ.

4 .يوقلاش: نورۇز كۈنى چۈشكىچە ئاتا- ئانىلارنى ، قېرى - ئاجىز ، مىيىپ ، يېتىم - يېىسرلەرنى ، قەبرىلەرنى يوقلاش بولىدۇ . 

       5 . نورۇز ئېشى يېيىش: نورۇزدا ھەممەيلەن نورۇز ئېشى يەيدۇ. نورۇز ئېشىنى ئېتىشنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يۇسۇنلىرى بولىدۇ .

 6 . نورۇز سەيلىسى: نورۇز كۈنىدىكى يوقلاش ئاخىرلىشىپ، چۈشتىن كېيىن ئۇلۇغ-ئۇششاق ھەممەيلەن سەيلە - تاماشا قىلىشىدۇ ، بۇنىڭدا نۇرغۇن قىزىقارلىق ئويۇن - تاماشا بولىدۇ.

  7 . نورۇز يارىش: نورۇزنىڭ ياندۇرقى كۈنى ‹‹يارىش›› يەنى مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تەنھەركەت پائالىيىتىنى ئاساس قىلىدۇ. مەسىلەن: چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، دارۋازلىق، يۈگۈرۈش، سەكرەش، ئوقيا ئېتىش، سالغۇ تاشلاش، ئىت-قوچقار، خوراز-كەكلىك سۇقۇشتۇرۇش دېگەندەك. 

  8 . نورۇزنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۇرت- مەھەللە بويىچە چوڭ مەشرەپ ئۆتكۈزۈلىدۇ. 

      9 .نورۇزنىڭ تۆتىنچى كۈنى ‹‹زاراخەتمە›› ئۆتكۈزۈلىدۇ .

نورۇزنىڭ يەنە بىر مۇھىم خۇسۇسىيىتى شۇكى، بۇ بىرلىك، ئىناقلىق بايرىمى. ئۆچ - ئاداۋەتلىكلەر، جۈملىدىن ئارىغا سۇغۇقچىلىق چۈشكەن ئەر- خوتۇنلار يارىشىدۇ ياكى ياراشتۇرۇلىدۇ .

دېمەك، نورۇز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتنىك ھاياتىدا ئۇزاق يىللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، يىپەك يولى خەلقلىرى ئالاقە تارىخىغا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان. ئۇ گەرچە يىراق ئۆتمۈشتە تەبىئەت ئىلاھچىلىق ۋە ئاتەشپەرەسلىك پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى بولغان بولسىمۇ، داۋاملق راۋاجلىنىش ئاساسىدا ئەنئەنىۋى ئېتنىك مەدەنىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك كۆپ قىرلىق، رەڭگارەك فولكلور قاتلىمى ھاسىل قىلغان :

1 .ئۇ بايرام سۈپىتىدە ‹‹زاراخەتمە››، ‹‹نورۇز ئايەم››، ‹‹سۇمۇلە زاغان››، ‹‹نورۇز كالىندارى››، ‹‹نورۇز كۆكى››،  ‹‹نورۇز تامىقى››، ‹‹سۇمۇلەك››، ‹‹نورۇز بۇلاق››، ‹‹نورۇز بوۋاي›› قاتارلىق پئالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن.

2 . ئۇ مەشرەپ سۈپىتىدە ‹‹سۇمۇز بەزمىسى››، ‹‹نورۇز مەشرىپى›› ،‹‹ كۆك مەشرىپى››، ››نورۇز بايات››، ‹‹نورۇز بۇرزۇك››، ‹‹نورۇز ناۋا››، ‹‹نورۇز ھۈسەينى››،  ‹‹نورۇز خارە››، ‹‹يىپەكچىلەر نورۇز مەشرىپى››، ‹‹نورۇز مۇقامى›› قاتارلىق پائالىيەتلەر تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن .

3 . ئۇ شېئىرىي ماھارەت سۈپىتىدە ‹‹بالىلار نورۇزنامىسى››، ‹‹نورۇز قوشاقلىرى››، ‹‹باھارىيات قەسەملىرى›› قاتارلىق بېيت - بېغىشلىما، ئىجادىيەت سېكىلىنى شەكىلەندۇرگەن .

4 . ئۇ تەنھەركەت سۈپىتىدە كۆپلىگەن ئويۇن- تاماشا ۋە بەيگە پائالىيەتلىرى تۈركۈمىنى شەكىللەندۇرگەن . بۇلارنىڭ ھەر قايسىسى خۇسۇسىيدا مەخسۇس يېزىش مۇمكىن.

شۇڭا نورۇز-ئەنئەنىۋى مىللىي بايرام، ئەمگەك بايرىمى، دوستلۇق، ئىناقلىق بايرىمى، ساۋابلىق بايرىمى، ئامانلق بايرىمى، شادلىق بايرىمىدۇر.ئىشىنىمىزكى، خەلقىمىز ئۇنى ئىناقلىق ۋە زامانىۋى ئاڭنى تەرغىپ قىلغۇچى ھېكمەت ۋە سەنئەت چېچەكلىرى بىلەن بېزەپ، مىللىي مەدەنىيتىمىزنىڭ نادىر جاھاننامەسى ۋە ئىپتىخارلىق قامۇسىغا ئايلاندۇرغۇسى .

[ئاپتورى:   مەنبەسى:   ۋاقتى: 2010-4-15 17:57:58  ئۇقۇلۇشى: 218 قېتىم]

  
بۇ تېمىغا تېخى ئىنكاس يوللانمىدى ، سىزنىڭ تۇنجى ئىنكاس يوللىغۇچى بولىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:كورىيەدە بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرمىكى ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىنمۇ تەسكەن
كورىيەدە بالىلار..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئىسرائىلىيەلىك ئاياللار يالىڭاچ رەسىمگە چۈشۈپ جىنسىي كەمسىتىشكە قارشىلىق كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيەلىك ئ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پەردازلانغان تىمساقلارنى كۆرگەنمۇسىز؟
پەردازلانغان تىم..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا ئىرانغا قارىتا جازالاش يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا، ئەنگلى..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئادەملەر بىلەن ھايۋاناتلار ئارىسىدا مۇھەببەت يوق دەپ كىم دەيدۇ
ئادەملەر بىلەن ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ياپونىيەدىكى ئۆسمۈرلەردىن تەشكىللەنگەن ناخشا ئەترىتى بارغانسېرى نام چىقارماقتا
ياپونىيەدىكى ئۆس..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:ئەزەل يەنى كەنان ئىمىرزالى ئوغلى ئاپەت يۈز بەرگەن يەردە
ئەزەل يەنى كەنان..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:پىكى بىلەن شاكىرا يەنە پەيدا بولدى !!!
پىكى بىلەن شاكىر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:لوندوندا 57 نەپەر ئەر-ئايال بىرلىكتە بىر ئالاھىدە چوڭ كالتە ئىشتاننى كىيىپ دۇنياۋى رېكورت ياراتتى
لوندوندا 57 نەپەر..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:خۇاشى كەنتى ئالتۇن كالا ياساپ ئەنئەنىۋى ئەخلاققا خىلاپلىق قىپتۇ
خۇاشى كەنتى ئالت..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:تۆمۈر يولى Z ۋە T ھەرىپى بىلەن باشلانغان پويىز بىلەتلەرنى توردا ساتماقچى
تۆمۈر يولى Z ۋە T ھ..
ئەڭ يېڭى رەسىملىك خەۋەر:شىيېتىڭفېڭ قاپ يۈرەكلىك قىلدى
شىيېتىڭفېڭ قاپ ي..

رىزىنكە زاۋۇتىغا جىددىي ئىشچى قوبۇل قىلىمىز
جىددى قۇتقۇزۇش مەركىزگە 2 نەپەر سىستىرا قوبۇل قىلىمىز.
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا 100 نەپەرتۇختا..
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز. ؟؟؟؟؟
جىددى A1  پىراۋىلىق رەسمىيەتلىرى تولۇق شوپۇر قۇبۇل قىلى..
زىبۇ-زىننەت ياساش ئورنىمىزغا يوقىرى مائاش بىلەن ياشقىچ..
گۇەنزە تۇربا زاۋۇتىغا جىددى ئەر-ئايال ئىشچى قوبۇل قىلى..
مەلۇم ئورۇنغا جىددى كاللا ئۈكلەش ئورنىغا 10نەپەر ئىشچى ..
ھۇكۇمەت تارمىقىدىكى تۇقۇمچىلىق زافۇتىغا  100 نەپەرتۇختا..
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
جىددى سۇۋاركچى قوبۇل قىلىمىز.
پەنەركە زاۋۇتىغا خىزمەتچى قۇبۇل قىلىمىز
. شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئوغۇت زاۋۇتىغا جىددى ئ..
شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىردىن ئىچىملىك زاۋۇتغا جىددى ق..
( ھۇكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ساندۇقلۇق مال يۈتكەش ئورنى..

ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرىدىكى ئەسنەئەلىرى ۋە رەسمىيەت ..
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم نورمال تىجارەت قىلىۋاتقان كۆچمە خە..
تىجارىتى ياخشى بولىۋاتقان ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىشخانىمىز ..
شاياربازىرى جىڭپاڭ كوچىسىنىڭ شەرقى تەرپىگە(7-دادۇي1-دۇي..
تىزدىن تاللىۋىلىڭ ياخشى  ئۆيلەر  تۇرۇپتۇ.........
ئۆي ئىجارە ئالىمەن
19 -باشلانغۇچ يېنىدا يىتوسەنلىك بىزەلگەن ئوي ئەسنەئەلىر..
.شىنجاڭ داشو ئەتىراپدن ئوي ئىجارىە بىرىلىدۇ
قەشقەر شەھىرىدىن بىنا ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
ھايۋاناتلا باغچىسى ئەتراپىدىن 75كۇادىرات مىتىرلىق ئۆي ..
نەنمىندىكى ئەرزان سېتىلدىغەن بىر يۈرۈش ئۆي
دىيەنتەي ئەتراپىدىن  ئۆيلەر ئىجارىگە بېرىلىدۇ ~!!!
19-باشلانغۇچ ئەتراپىدا جۇاڭ شۇسى ۋە ئەسنەئەلىرى بار يىت..
شارائىتى ياخشى ئۆي ئىجارىگە بىرىلىدۇ

Onsoz
Yurtta Ask
Of Of
Dillere Dusecegiz
تۈرۈكچە تاللانما
رەيھان كونسىرتى(2)
رەيھان كونسىرتى(1)
سۆيگۈ ئۈچۈن
مەرەز ئېلى
گۈل سەنەم
ئۇزاق يول
نامسىز !!!

شىرىنىم تورى خەۋەر مەركىزى  (2010 - 5 - 17)  ,    ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453 ICP10001556