United Arab newspapers
باش بەت قىلىۋېلىڭ        قۇشۇۋېلىڭ ئىزدەش سېستىمىغا كىرىش تىزىملىتىش پارول قايتۇرۇش
شىرىنىم تورىغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز !
 
باش بەت خەۋەرلەر ئۇچۇرلار mp3 ناخشا MTV ناخشا كىنوخانا تور ئويۇنلىرى كۈلدۈرگە دېتاللار رەسىم
ئەڭ يېڭى پلاستىنكالار
  سىزنىڭ ئورنىڭىز: شىرىنىم تورى >> پلاستىنكا مەركىزى >> مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى >> كىتاپ ئۇچۇرلىرى
ئاۋات پىلاستىنكىلار
ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن تۇنجى پەن - تې..
6 مىنۇتتا 270 كىنونى كۆرۈپ چىقىسىز
لى شياۋلوڭنىڭ سىز كۆرۈپ باقمىغان..
ئامىرىكا كىنولىرىدىكى مەخپىيەتل..
كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى..
مۇز دەۋرى 4 نىڭ ئېلان فىلىمىنى كۆر..
قورقۇنۇچلۇق !  فىلىمىدىن پارچە
«گۇمپىچى مۆشۈكئېيىق 2» نىڭ ئېلان ..
تەۋسىيە پىلاستىنكىلار
تەۋسىيە پلاستىنكا يوق!
    پىلاستىنكا ماتىريالىنى كۆرۈش

قىزى ئۈچۈن ئۆلىۋالغان ئانا

  رېژىسسور:
  پىلاستىنكا تۈرى:  كىتاپ ئۇچۇرلىرى
  ئاساسلىق ئارتىسلار:
  فىلىم ئىشلىگۈچى:
  باش تارقىتىش ئورنى: يوق
  ئاۋاتلىغى: 559
  قوشقۇچى: xirinim
  قۇشۇلغان ۋاقتى: 2010/8/23 14:40:20
  كۆرۈش(ئاڭلاش):  بۇ پىلاستىنكىنى كۆرۈپ بېقىڭ

 تۇنۇشتۇرۇش  

 

مەنبە : بىلىم - كۈچ تورى

بۈگۈن ئانا قىزى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم سۆزلەشتى.
سىم - سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، ئۇلار يول بويىدىكى قۇرۇپ كەتكەن چىملىقتا ئۆرە تۇرۇشاتتى. سوغۇق ئانىنى ئوبدانلا دۈگدەيتىپ قويغان ئىدى.
- رەيھان خانىم مەكتىپىڭ بىلەن سۆزلەشتى. ئۇلار سېنىڭ ئوقۇشۇڭنى داۋاملاشتۇرۇشۇڭغا ماقۇل بولدى.
بۈگۈن ئانىنىڭ تەلەپپۇزى تولىمۇ ئاجىز، ئاۋازى يىغلامسىرىغاندەك، يالۋۇرغاندەك چىقاتتى.
- مەن ساڭا يەنە نەچچە قېتىم دېسەم ئىشىنىسەن؟ مەن ئەمدى ئوقۇمايمەن.
قىزنىڭ جاۋابى قەتئىي، چىرايى شەھەرنىڭ يامغۇرلۇق ھاۋاسىدەك سوغۇق ئىدى.
- خوش بولاي جېنىم قىزىم، مېنى بۇنداق داغ ــ ھەسىرەتتە قېينىما. ماقۇل، ئوقۇمىساڭمۇ ئوقۇما، بۇ شەھەردىن ئايرىلمىساڭمۇ ئايرىلما. ئەمما ئاشۇ قىلىۋاتقان مەينەت ئىشىڭدىن قول ئۈز.
ئانىنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
مېنى نېمە قىل دەيسەن؟
قىزنىڭ سوغۇق نەزىرى پەرۋاسىز ئىدى. ئانىنىڭ كۆز ياشلىرى ئۇنىڭغا قىلچىلىك تەسىر قىلمىغاندەك قىلاتتى.
- رەيھان خانىم ساڭا خىزمەت ئىزدەۋاتىدۇ. پاكىزە، يەڭگىل خىزمەتتىن تېپىپ بىرىمەن، بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن كەچ كۇرسلاردا ئوقۇغۇدەك شارائىت ھازىرلاپ بىرىمەن دەيدۇ. ئويلاپ باق قىزىم، رەيھان خانىم بىزنىڭ ھېچنىمىمىز ئەمەس، ئۇ سەن ئۈچۈن ئاشۇنداق جان كۆيدۈرۋاتىدۇ، بىلەمسەن شۇنى. خانىمنىڭ مەقسىتى پەقەت بىرلا. قىزلىرىمىز ئىنساندەك غورۇر بىلەن ياشىسۇن، مىللەتنىڭ گۈزەل - ئەخلاق پەزىلىتىنى قوغدىسۇن دىمەكچى.
- كۆردۇڭمۇ؟ - دېدى قىز ئانىسىغا يول بويىدىكى كۆككە بوي سوزغان ئېگىز بىنالارنى كۆرسىتىپ، - سەنمۇ، مەنمۇ ئاشۇ بىنالاردا ياشىغان ئادەملەرگە ئوخشاشلا ئىنسان. ئەمما بىزگە ئۇ يەردە ئورۇن يوق، ئۇلار شۈنچىلىك پوچى ھەم ھاكاۋۇر، ئۇلار ئاشۇنداق يەردە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆزلىرىنى ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ھېچكىم ئۇلارنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىدىن گۇمانلانمايدۇ. بىلدىم، رەيھان خانىم ئېسىل ئايال ئىكەن. ھەممە ئادەم ئۇنىڭدەك بولسا ئىدى، سەن بىلەن مەن بۇنداق دە - تالاش قىلىپ ئولتۇرماس ئىدۇق. بىلەمسەن ئانا، مېنى ئاشۇ ئېگىز، ھەشەمەتلىك بىنادا ياشايدىغان، پوزۇر كېيىنگەن سالاپەتلىك كىشىلەر مۇشۇ تۇرمۇش يولىغا قىستاپ ئەپچىقىپ قويدى. ئۇلار مېنىڭ ساددىلىقىمدىن، شەھەرگە، شەھەرلىكلەرگە ھەۋەس قىلىشىمدىن پايدىلاندى. قولىدىكى تۇتام - تۇتام پۇللىرى ئارقىلىق ھەممە ھايۋانلىقلىرىنى يۇشۇرماقچى بولدى. مەن ئاخىرى چۈشەندىم. پۇل بولسىلا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن. ئىپلاسلىقلارنى، رەزىللىكلەرنى يۇشۇرغىلى بولىدىكەن. ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولغىلى بولىدىكەن، ئالۋاسىتىدىن پەرىشتىگە ئۆزگەرگىلى بولىدىكەن، كوچىدىكى ھېلىقى ئېلانلارنى كۆرگەنسەن؟ سەندىن نومۇس قىلماي دەپ بىرەي: بىر قىزلىق پەردىسىنىڭ قىممىتى ئاران ئىككى - ئۈچ يۈز كوي. پەقەت ئاشۇنچىلىك پۇل بولسىلا، ئادەم يەنىلا يۈزى ئېچىلمىغان، مەسۇم قىز بولۇۋالغىلى بولېۋىرىدۇ، مېنىڭ مەقسىتىمنى چۈشەنگەنسەن، شۇڭا پۇل تاپىمەن. بۇ پوچى، سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇر شەھەرلىكلەرنىڭ پۇللىرىنى پاك - پاكىزە سۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاشۇ پۇل بىلەن ئۇلاردىنمۇ ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، ئۇلاردىنمۇ سۆلەتۋاز، ھاكاۋۇر بولۇپ ياشايمەن، ئۇلارنى كۆزۈمگە ئىلماي ياشايمەن. سەنمۇ بىر ئۆمۈر بالا ئوقۇتتۇڭ، ياشلىقىڭ، گۈزەل جامالىڭ بور توزۇندىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ كەتتى. تارتمىغان جاپالىرىڭ قالمىدى، مەكتەپ مۇدىرىدىن، ئوقوغۇچىلىرىڭنىڭ ئاتا - ئانىلىرىدىن ھاقارەت ئىشتىپ تۇردۇڭ. ئۇلار پەقەت ئاغزىدىلا ئوقۇتقۇچى ئۇلۇغ دەپ قويدى. شۈنچىلىك تارتقان جاپايىڭغا چۇشلۇق قانچىلىك پۇل تاپتىڭ، قانچىلىك ھالاۋەت كۆردۈڭ؟ قارا، تۇرقۇڭ مومايغىلا ئوخشاپ قاپتۇ. سەندىن رەيھان خانىم ياش كۆرۈنىدۇ. مەن ئۇنداق جاپانى تارتمايمەن، ماڭا ھازىر پۇل بولسىلا بولدى...
شۈنچە نەسىھەت قىلىپمۇ قىزىنى قايىل قىلالمىغان ئانا قىزىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپلا قالدى. قىزنىڭ پۇتىنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ يېلىندى:
- سەندىن ئۆتۈنەي قىزىم، گېپىمگە كىرگىن.

ئاخىرىنى بۇيەردىن كۆرۈڭ


&  ئالدىنقى پلاستىنكا:ھۆكۈمدارلار دەستۇرى
&  كېيىنكى پلاستىنكا:3.ئېمپىريىنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى
بېكەت ھەققىدە  |  ئېلان مۇلازىمىتى  |  شان -شەرەپلەر  |  قوللىغۇچىلىرىمىز  |  ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىش  |  ئۇلىنىش دۇنياسى  |  ئالاقىلىشىڭ
بۇ بېكەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقى شىرىنىم تور تەتقىقات ئورنىغا مەنسۈپ ، باشقىلارنىڭ باش بەت لايىھەسىنى  ئوخشتىپ ياسىشى چەكلىنىدۇ .
مۇلازىمەت خەت ساندۇقى : xirinim@sina.cn    ئالاقە QQ نۇمۇرى : 627530058,396896928
ئالاقىلىشىش تىلىفۇنى : 13139663453      ئالاقىلاشقۇچى : ئەكبەر

ICP10001556

14