گوڭ خۇي خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ باشلىقى نۇسرەت ۋاجىدىن داڭلىق دىرىژور، دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك كومپوزىتور. ئۇ سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغان نەچچە ئون يىلدا بارلىقىنى سەنئەت ئىجادىيىتىگە بېغىشلاپ، خىزمىتىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كەلدى.
شىنجاڭدا سىمفونىيىنىڭ تەرەققىياتى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان مەزگىلدە، نۇسرەت ۋاجىدىن ‹‹كۈيسۆيەر›› ئوركېستىرىنى تەشكىللەش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئالدى. 1991 – يىلى شىنجاڭ ‹‹كۈيسۆيەر›› ئوركېستىرى قۇرۇلدى، كېيىنكى يىلى 11 – ئايدا شىنجاڭ ‹‹كۈيسۆيەر›› ئوركېستىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹جۇڭگو ئۇيغۇر مۇقاملىرى››ناملىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتكە قاتناشتى، ئۇلار ئورۇنلىغان ‹‹مۇقام مۇقەددىمىسى›› ۋە ‹‹ئۆزھال مۇقامى سىمفونىيىسى›› داغدۇغا قوزغىدى. 1996 – يىلى 1 – ئايدا شىنجاڭ ‹‹كۈيسۆيەر›› ئوركېستىرى دۆلەت شتاتىغا رەسمىي كىرگۈزۈلۈپ، نۇسرەت ۋاجىدىن ئوركېستىرنىڭ باشلىقى ۋە باش دىرىژورى بولدى. شىنجاڭ ‹‹كۈيسۆيەر›› ئوركېستىرىدىكىلەر ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1996 – يىلىدىن 2003 – يىلىغىچە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا 300 مەيدانغا يېقىن ئويۇن قويدى. 1997 – يىلى رادىئو – كىنو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹مەملىكەتلىك سىمفونىيە كۆرىكى››گە قاتناشتى، ئۇلار ئورۇنلىغان مۇقام مۇزىكىلىرى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 3 – ۋە 8 – قانىلىدا كۆرسىتىلدى.
نۇسرەت ۋاجىدىن 2003 – يىلى 9 – ئايدا شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ باشلىقى بولدى. ئۇ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن زېھنىنى ئىجادىيەت ۋە رەپىتىسىيىگە قاراتتى. ئىدارىنىڭ ئىجادىيەت خىراجىتى يېتىشمىگەن ئەھۋالدا، ئۇ مۇزىكىلىق دراما ‹‹تەڭرىتاغدىكى ئەتىرگۈل››دىن ئېرىشكەن 5000 يۈەن ئەسەر ھەققىنىڭ ھەممىسىنى ئىدارىگە ئىئانە قىلدى. 2004 – يىلى ئوپېرا ئۆمىكى مۇزىكىلىق دراما ‹‹مۇزتاغقا كەلگەن مېھمان››نى ئورۇنلاش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى. درامىنىڭ ئاساسلىق مۇزىكىسىنى ئىشلەش ۋەزىپىسى نۇسرەت ۋاجىدىنغا يۈكلەندى، كۈپچىلىكنىڭ ئۈچ ئاي جاپالىق تىرىشىشى بەدىلىگە دراما سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. بۇ دراما كېيىن مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› مۇكاپاتى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹ۋېنخۇا مۇكاپاتى››، دۆلەت سەھنە سەنئىتىدىكى نادىر ئەسەرلەر قۇرۇلۇشى بويىچە ‹‹نادىر ئەسەرلىككە كۆرسىتىلگەن دراما مۇكاپاتى››، مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر ئوپېرا، بالېت، مۇزىكىلىق درامالارنى باھالاش بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2 – نۆۋەتلىك ‹‹تەڭرىتاغ›› ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتىنىڭ ئەسەر مۇكاپاتى، شاڭخەي ‹‹بەييۈلەن›› تىياتىر سەنئىتىنىڭ كوللېكتىپ مۇكاپاتى قاتارلىق ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك كۆپ خىل مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
نۇسرەت ۋاجىدىن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان بارلىق زېھنىنى ئىجادىيەتكە بېغىشلىدى، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەملىكەت، ئاپتونوم رايون بويىچە كۆپ قېتىم مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن سىمفونىيە ‹‹يۇرتۇم›› جۇڭگونىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سىمفونىيە ئەسەرلىرى بويىچە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا، ‹‹مۇقام مۇقەددىمىسى›› مەملىكەتلىك 8 – نۆۋەتلىك سىمفونىيە مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا، ‹‹قۇملۇق قىزى›› ناملىق دراما ئۈچۈن ئىشلىگەن مۇزىكىسى مەملىكەتلىك ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى مۇكاپاتى››غا، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ‹‹ۋېنخۇا مۇكاپاتى››غا، چوڭ تىپتىكى ناخشا – ئۇسسۇل ‹‹تەڭرىتاغدىكى ھەسەن – ھۈسەن›› ۋە ‹‹قەشقەر›› ناملىق مۇزىكىسى، دىرىژورلۇقى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ مۇزىكا ئەسەرلەر ‹‹ۋېنخۇا مۇكاپاتى››غا ئېرىشتى. ئۇنىڭ يەنە 16 كىنو، سەككىز تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن مۇزىكىسى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ھۆكۈمەت مۇكاپاتى›› ۋە ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇ سەنئەت سەھنىسىدە ئۇتۇققا ئېرىشكەن كومپوزىتور بولۇپلا قالماي، يەنە مۇنەۋۋەر دىرىژور. ئۇ دىرىژورلۇق قىلغان سىمفونىيە ‹‹يۇرتۇم››، ‹‹مۇقام ناخشىسى›› ئاممىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ نەتىجىلەر ئۇنىڭ مۇزىكا سەنئىتىگە باغلىغان چەكسىز مۇھەببىتى، ئىزچىل تىرىشىپ خىزمەت قىلىشى ۋە توختاۋسىز ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى. |