پاتىمە ئەيسا
ئوسمان ئەمەت 1959 – يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا تۇغۇلغان بولۇپ، بوۋىسى يۈسۈپ ئاخۇن، چوڭ دادىسى رېھىم يۈسۈپ، ئانىسى ئايخان رېھىم، تاغىسى شېرىپ رېھىملەر پۈتۈن يۇرتقا تونۇلغان مۇقامچىلاردىن ئىدى. ئوسمان ئەمەت ئەنە شۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىز بېسىپ مۇقام ئېيتىپ كەلگەن مۇقامچىلار ئائىلىسىدە چوڭ بولدى، ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئانىسى بىلەن تاغىسىدىن مۇقام ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئوسمان ئەمەت باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچىسى، ئانىسى، تاغىسى ئۇنىڭغا كومپارتىيىنى، ۋەتەننى كۈيلەيدىغان تېكىستلەرنى مۇقام ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتىشنى ئۆگەتتى. 1969 – يىلى تېخى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوسمان ئەمەت بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە ‹‹كومپارتىيىنى كۈيلەيمەن›› دېگەن تېكىستنى مۇقام ئاھاڭىغا سېلىپ ئېيتىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا، مەكتەپ تەشكىللىگەن سەنئەت ئەترىتىنىڭ تەركىبىدە ‹‹قىزىل چىراغ خاتىرىسى›› ناملىق فىلىمنىڭ مۇقام ئاساسىدا ئىشلەنگەن ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ، ناھىيىدىكى يېزا، كەنتلەردە سەييارە ئويۇن قويۇشقا قاتناشتى، ئۇ ناخشا ئېيتقاندا ئاكىسى ئىمىر ئەمەت راۋاب بىلەن تەڭكەش قىلىپ بەردى. ئويۇن قويۇش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشى، ئوسمان ئەمەت ئېيتقان ناخشىلارنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى بىلەن ئۇنىڭ نامى يىراق – يېقىنغا تارىلىپ، ھەممەيلەن ئۇنى ‹‹ئوسمان مۇقام›› دەپ چاقىرىدىغان بولدى.
1976 – يىلى ئوسمان ئەمەت قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى قارىمىقىدىكى سەنئەت سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا قاتناشتى. ئوسمان ئەمەت ئۇستازلارنىڭ رويال بىلەن يېنىك تەڭكەش قىلىپ بېرىشىگە ئەگىشىپ مۇقام ئېيتىشقا باشلىغاندا، سەنئەت ئۆمىكى ۋە سەنئەت سىنىپىنىڭ مەسئۇللىرى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى، چۈنكى ئوسمان ئەمەتنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ياڭراق، ئەمما بۇلاق سۈيىدەك سۈزۈك، شۇنچە يېقىملىق ۋە شۇنچە مۇڭلۇق ئاۋازى ھەممەيلەننى ئۆزىگە لال قىلغانىدى. ئۇنىڭ ناخشىسى تۈگىمەيلا ئىمتىھان كومىسسىيىلىرى بىر – بىرىگە قارىشىپ، باشلىرىنى لىڭشىتىپ: ‹‹تاپتۇق، تاپتۇق››، دېيىشىپ كەتتى ۋە ئۇنىڭ سەنئەت سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئەمەت قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى قارىمىقىدىكى سەنئەت سىنىپىغا ئوقۇشقا كىردى ۋە مۇقامغا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئىككى يىل تىرىشىپ ئوقۇدى، ئوقۇش تۈگەتكەندىن كېيىن ئۆمەككە ئېلىپ قېلىندى. ئۆمەك رەھبەرلىرى ئۆمەكتىكى داڭلىق مۇقامچىلاردىن خالىق ھاجى بىلەن مىجىت ‹‹راۋاب›› نى ئوسمان ئەمەتكە ئۇستاز قىلىپ بەلگىلەپ بەردى. بۇ ئۇستازلار ئوسمان ئەمەتكە ئۆز قائىدە – قانۇنىيىتى بويىچە مۇقام ئېيتىشنى ئۆگىتىش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى، مۇزىكىلىق قۇرۇلمىسى، ھەر بىر مۇقامنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، ھەر بىر مۇقامنىڭ مۇقەددىمىسى ۋە مەشرەپ، داستانلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن بولغان ئىچكى باغلىنىشى، مۇقام ئورۇنلىغاندا ھېسسىياتنى قانداق ئىپادىلەش قاتارلىق ئىلمىي چۈشەنچىلەر ھەققىدە چوڭقۇر ساۋات بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئەمەتنىڭ مۇقامغا بولغان چۈشەنچىسى ۋە قىزىقىشى ھەسسىلەپ ئېشىپ، ئۇستازلىرىدىن تېزلا ‹‹ئوشاق››، ‹‹ناۋا››، ‹‹چەببىيات›› مۇقاملىرىنى ئېيتىشنى ئۆگىنىپ، سەھنىدە ئورۇنلىغۇدەك بولدى. 1979 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق سەنئەت كۆرىكىدە ئۇ ئۆزگىچە ماھارەت ۋە ئاجايىپ خۇشئاۋاز بىلەن ‹‹ئوشاق›› مۇقامىدىن ئارىيە ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، شۇنىڭدىن كېيىن، ‹‹ئوسمان مۇقام›› دېگەن نام تېخىمۇ يىراق – يېقىنغا تارالدى. 1980 – يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىككى ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ، ئۆمەكتىكى ھەممە ئارتىسنى ئىش ئورنىدا تەربىيىلىدى، بۇ جەرياندا ئۇلار ئوسمان ئەمەتنى نۇقتىلىق تەربىيىلەش ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇنىڭغا تېخنىكىلىق ئاۋاز چىقىرىشنى ئۆگەتتى، بۇنىڭ بىلەن ئوسمان ئەمەتنىڭ ئەسلىدىكى ئىككى چېكىتلىك ‹‹do›› ئاۋازى ئىككى چېكىتلىك ‹‹fa›› ئاۋازغا كۆتۈرۈلدى.
1987 – يىلى تەشكىل ئوسمان ئەمەتنى ئاپتونوم رايونلۇق سەنئەت تەتقىقات يۇرتىغا يۆتكەپ كەلدى. ئۇ بۇ تەتقىقات يۇرتىدا ئىككى يىل ئىشلەش جەريانىدا سەنئەت تەتقىقاتىغا دائىر خېلى نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىگە بولغان ئىلمىي چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، جۈملىدىن 12 مۇقامنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئىجادىي ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان چوڭ ھەجىملىك مۇزىكىلىق قامۇس ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتى. 1989 – يىلى تەشكىل ئۇنى شىنجاڭ مۇقام ئانسامبىلىغا يۆتكىدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۇلۇغ مۇقام ئۇستازى تۇرداخۇن ئاكىنىڭ ئېيتىپ بېرىشى بىلەن ئەينى يىللاردا ئۈنئالغۇغا ئېلىنغان 12 مۇقامنىڭ ئورۇنلاش جەھەتتىكى ماھارىتىنى ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى ھەم شۇ يىلى ‹‹راك››، ‹‹ئوشاق››، ‹‹مۇشاۋىرەك›› مۇقاملىرىنى ئۆگىنىپ بولدى.
ئوسمان ئەمەت 1981 – يىلىدىن 1991 – يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 12 مۇقامنى ئۈنئالغۇغا ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتى. 1995 – يىلىدىن 1998 – يىلىغىچە ‹‹ئىراق››، ‹‹سىگاھ››، ‹‹ئەجەم››، ‹‹چارگاھ›› قاتارلىق مۇقاملارنى تولۇقلاپ ئۆگىنىپ، بۇ مۇقاملارنى ئىچكى جەھەتتە ئۈنئالغۇغا ئېلىش خىزمىتىگە قاتناشتى. 2000 – يىلىدىن 2002 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 12 مۇقامنىڭ CD، VCD، DVD پلاستىنكىلىرىنى نەشر قىلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، ئورۇنلاش قىيىن بولغان مۇقام مۇقەددىمىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، 12 مۇقامنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى، شۆھرىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىشىغا زور تۆھپە قوشتى. ئوسمان ئەمەت 2007 – يىلى جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن بىللە ب د ت مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيە ۋە فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى›› بويىچە بىرلەشمە ئويۇن قويۇشقا قاتنىشىپ، مۇشۇ سەنئەت ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، كېيىنكى يىلى ئۇ مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە بېيجىڭ ئو ت م مەزگىلىدىكى ئويۇن قويۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
ئوسمان ئەمەت كۆپ قېتىم ج ك پ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى، شۇنداقلا ئاپتونوم رايون تەشكىللىگەن ئويۇن قويۇش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقاندىن سىرت، ئەنگلىيە، پاكىستان، گېرمانىيە، شۋېتسارىيە، گوللاندىيە، ئىراق، تەيۋەن، شياڭگاڭ قاتارلىق 30 نەچچە دۆلەت ۋە رايون سەھنىلىرىدە 12 مۇقامنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلاپ، ئۇيغۇر 12 مۇقامىنىڭ دۇنياۋى شۆھرەت قازىنىشىغا تۆھپە قوشتى، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى تەتقىقاتچىلار، سەنئەتكارلار، تاماشىبىنلار بىر تەرەپتىن 12 مۇقامنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي جەلپكارلىقىغا ھەيرانۇ – ھەس قالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمان ئەمەتنىڭ مۇقام ئېيتىش ماھارىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.
ئوسمان ئەمەت 1989 – يىلىدىن ھازىرغىچە، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى ناخشا مۇسابىقىلىرى ۋە كۆرەكلەردە كۆپ قېتىم 1 – دەرىجىلىك ئورۇنلاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت، ئاپتونوم رايون ئۇنىڭغا ‹‹مۇقام سەنئەتكارى››، ‹‹ئالاھىدە تۆھپىكار مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس›› دېگەن شەرەپلىك ناملارنى بەردى. 2007 – يىلى ئۇ سۇنغان ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھەققىدىكى تەكلىپ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر تەكلىپ بولۇپ باھالىنىپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر تەكلىپلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلدى.
زىيارەت ئاخىرىدا ئوسمان ئەمەت ئۆزىگە مۇقامچى بولۇپ تەربىيىلىنىش شارائىتىنى يارىتىپ بەرگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى، مۇقام ئۆگىنىشتە ئۆزىگە ئۇستاز بولغان تالانتلىق ۋە پېشقەدەم سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزىگە سىڭدۈرگەن ئەجرىنى ھەرگىز يەردە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: تارىختا بىزگە ئوخشاش نۇرغۇن مۇقام ۋارىسلىرى مۇقام سەنئىتىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان بولسىمۇ، ھېچقانداق ئىمتىيازغا ئېرىشەلمىگەن. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان كومپارتىيە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىغا يۈكسەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى، ماڭا ئوخشاش بىر دېھقان بالىسىنى مۇقامچى قىلىپ تەربىيىلەپ، دۇنيا سەھنىلىرىدە مۇقام ئېيتىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى، شۇڭا مەن بىز مۇقامچىلارنى بۈگۈنكىدەك شان – شەرەپكە ئېرىشتۈرگەن كومپارتىيىگە تۈگىمەس رەھمەت ئېيتىمەن، مېنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ، مۇقاملىرىمنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان خەلقىمگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن››. |