ئاتاقلىق ئۇسسۇل ئىجادىيەتچىسى ئىبراھىمجان 1930- يىلى ئۈرۈمچىدە سەنئەتخۇمار ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى مىرزى نۇرىيكوف ئۇقۇمۇشلۇق ئادەم بولۇپ ، ئۇنىڭ چالغان تەمبۇر، دۇتتارلىرى ئېيتقان ناخشىلىرى ئاجايىپ مۇڭلۇق ئىدى ، ناخشىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىۋېتەتتى. ئاپىسى ئەمىنىخانمۇ سەنئەتخۇمار كىشىلەرنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۆز دەۋرىنىڭ توي - تۆكۈن سورۇنلىرىدا ئۆزىنىڭ ئوينىغان نەپىس ئۇسسۇلى بىلەن ھۆرمەت تۆردىن چۈشمەيدىغان ئابرويلۇق ئايال ئىدى. ئىبراھىمجان ئەنە شۇنداق سەنئەتكارلار ئائىلىسىدە كىچىكىدىن تارتىپلا تولىمۇ شوخ، ئەقىللىق، ھېسسىياتچان، قىزىقچى ئادەم بولۇپ ئۆستى . ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن تۇرپان خەلق ئۇسسۇلى ‹‹ نازىركوم››نىڭ بەزى ھەركەتلىرىنى دوراپ ، ھەر دائىم ساۋاقداشلىرىنى كۈلدۈرۈپ يۈرەتتى .
1942–يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قارمىقىدىكى سانايىنەفىسەدە ئىشلەۋاتقان ئاتاقلىق ئۇسسۇلچى قەمبەرخانىم شىنجاڭ مىللىي ئۇسسۇلچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش مەقسىدىدە ئۆز يېنىدىن خىراجەت ئاجرىتىپ، بىر سەنئەت كوررۇجۇكى تەسىس قىلغان. ئىبراھىمجاننىڭ دادىسى ئوغلىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئۇنى قەمبەرخانىمغا شاگىرىتلىققا بەرگەن. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن ئۇ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا قەمبەرخانىم ئۆگەتكەن ئۇسسۇل ھەركەتلىرىنى ھارماي - تالماي مەشق قىلدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەينى دەۋردىكى ئۈرۈمچى سانايىنەفىسەدە ئىشلەيدىغان ئابدۇگۈل، ئابلاجان قاتارلىق ئاتاقلىق ئۇسسۇلچىلاردىن ئەرلەرگە خاس بەزى ھەركەتلەرنى ئۆگەندى. 1945 - يىلى ئىبراھىمجان تۇنجى قېتىم سەھنىدە قەمبەرخان ئىشلىگەن يالغۇز كىشىلىك ئۇسسۇل ‹‹ بوستان ›› نى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئويناپ ، كۆرگۈچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشدۇ . بۇ چاغدا ئۇ ئاران ئون بەش ياشتا ئىدى. شۇ كېچىسى ئۇ خوشاللىقتىن ئۇخلىيالمىدى . قەمبەرخانىممۇ ئۇنىڭدىن قالتىس رازى بولدى. ئىبراھىمجان سۆيۈملۈك ئۇستازى قەمبەرخانىمنىڭ سەمىمىي تەربىيىسىدە كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلىپ ، ئۇ ئىشلىگەن ‹‹ مۈشكۈلات›› ، ‹‹ چەببىيات ››، ‹‹ ناغرا بايات›› ، ‹‹ نىم پەدە ›› قاتارلىق يالغۇز كىشىلىك ئۇيغۇرچە ئۇسۇللارنى مۇۋەپپىقەيتلىك ئورۇنلاپ ، ناھايتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا جامائەتچىلىككە تونۇلىدۇ .
1949– يىلى ئىبراھىمجاننىڭ سەنئەت ھاياتىغا ئاجايىپ مەزمۇنلارنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئەينى دەۋردىكى شىنجاڭ تىنىچلىقنى ساقلاش شىتاتى قارمىقىدىكى ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى، 1950 - يىلدىن 1951 يىلنىڭ باشلىرىغىچە شىنجاڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى بولدى . باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە ئىبراھىمجانغا ئەينى چاغدىكى بۇ خىزمەت ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇ ئەشۇ جاپالارغا بەرداشلىق بېرىپ ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، كىتاپ كۆرۈپ ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنىڭ تارىخىي ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ، ئۇنىڭ باشقا مىللەت ئۇسسۇلى بىلەن بولغان پەرقى توغرىلىق ئەتراپلىق ئۆگەندى ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلدى . شۇ ئاساستا ئوقۇغۇچىلارغا قېتىرقىنىپ ئۆگىتىپ چىقتى . تەشكىل ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، 1951 - يىلى ئۇنى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتوتىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى .
ئىبراھىمجان بۇ مەكتەپنىڭ مەخسۇس ئۇسسۇل كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۆلكىلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى . شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ سەھنىگە چىقمىدى. بەلكى كىشىلەر كۆرمەيدىغان ئەڭ جاپالىق جاي - پەردىنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلدى . بۇ جەرياندا ئۇ ئۇيغۇر مىللىي سەنئىتىنى مەملىكەتكە، جۈملىدىن دۇنياغا تونۇتۇشتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغۋار ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جاپاغا چىداپ بېرىلىپ ئۆگەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر تەرەپتىن يېتەكچىلىك قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇسسۇل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئىبراھىمجاننىڭ ئۇسسسۇل ئىجادىيىتى 1955 - يىلى ئىشلىگەن ‹‹گىلەمچىلىك ئۇسسۇلى›› بىلەن باشلاندى. بۇ ئۇسسۇل يالغۇز شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوينىلىپ ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىىشپلا قالماي، بەلكى 1956 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىققان ئارتىسلىرىمىز تەرىپىدىن ئوينىلىپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ۋە تۈرۈكمەنىستان قاتارلىق جايلاردىكى ھەر مىللەت تاماشىبىنلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇيغۇر خوتۇن قىزلىرىنىڭ يېڭى جەمئىيەتتىكى شاد - خۇراملىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان كوللىكتىپ ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ‹‹ پىلىچىلىك ئۇسسۇلى›› ، تاجىك قىزلىرىنىڭ يېڭى تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن يالغۇز كىشىلىك تاجىكچە ئۇسسۇل ‹‹ قويچى قىز›› ، مول ھۇسۇلنى تەنتەنە قىلىش مەزمۇن قىلىنغان ئەر - ئايالچە كوللىكتىپ ئۇسسۇل ‹‹ ئالتۇن باشاقلار›› ، ئىككى كىشىلىك لەپەر ‹‹ گۈللەيلى›› ، ئۆزبېكچە كوللىكتىپ ئۇسسۇل ‹‹ جانان ›› ، ياشلارنىڭ ساپ مۇھەببىتى ۋە سەمىمىي سېغىنىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان يالغۇز كىشىلىك لەپەر ‹‹ بوينۇمدىكى مەرۋايىت ›› قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىجاد قىلدى .
ئىبراھىمجان بۇ مەزگىلدە ئىجاد قىلغان ئۇسۇللارنىڭ مەزمۇنى مول ۋە ساغلام، بەدئىلىكى يۇقىرى، ھەركىتى جانلىق، لىۋەن ۋە چىنلىق تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇپ، تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى . يەنە شۇنىڭدەك ئۇيغۇرچە كوللىكتىپ ئۇسسۇل ‹‹ بايرام مەشرىپى›› ، تاجىكچە ئۇسسۇل ‹‹ يېڭى كېلىننى قارشى ئېلىش ›› يالغۇز كىشىلىك ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ‹‹ كورلا سەنىمى›› ، تۈركچە ئۇسسۇل ‹‹ تۈرك ئۇسسۇلى ›› قاتارلىقلار كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى . 80 - يىللاردىن كېيىن يەنە ‹‹ بايرام ›› ، ‹‹ ئۆزبېك قىزى ›› ۋە ‹‹ گۈلزارىم ۋەتەن ›› ، ‹‹ئۇزىتىش ›› ، ‹‹ توي ›› قاتارلىق ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا بېغىشلانغان چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل ‹‹ تەڭرىتاغ شادلىقى ›› نىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورى بولدى. ئۇ 40 تىن ئارتۇق ھەر خىل ئۇسسۇللارنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، ئۇلاردىن ‹‹ يېڭى كېلىننى قارشى ئېلىش ›› ناملىق تاجىكچە ئۇسسۇل 1979 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كۆرىكىدە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ، ئۇيغۇرچە كوللىكتىپ ئۇسسۇل ‹‹ گىلەمچىلىك ئۇسسۇلى ›› 1980 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا - ئۇسسۇل كۆرىكىدە ‹‹ مۇنەۋۋەر ئەسەر ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بىر مۇنچە ئۇسسۇلى ئاسىيا، ئافرىقا ۋە ياۋروپا قىتئەسىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ سەھنىلىرىدە ئوينىلىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى .
ئىبراھىمجان يۇقىرىقىدەك بىر قاتار تۆھپىلىرى بىلەن مەملىكەتلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، مەملىكەتلىك ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۇسسۇلى تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ سەنئەت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. سەھنىدىكى چولپانلارنىڭ غەمگۈزارى ، خەلقىمىز مىللىي سەنئەتىىڭ تۆھپىكارى ئىبراھىمجان خەلقىمىزنىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىگە بەلگىلىك تۆھبە قوشۇپ خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . |